ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، ھاراقنى كۆپ ئىچىش بىلەن زىيادە سېمىزلىك جىگەر كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل بولۇپ ، ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرۈدىغان سېمىز ئادەملەرنىڭ جىگەر كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن . ھاراقنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ئادەملەرنىڭ جىگەر كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن . ھاراقنى مۇۋاپىق ئىچىدىغان سېمىز ئادەملەرنىڭ جىگەر كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن . ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان سېمىز ئادەملەرنىڭ جىگەر كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن 19 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.