مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1899 رەت   / مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

سۇلۇ : تەركىبىدە مول لىنول كىسلاتاسى ۋە گلۇكوزىد بولۇپ ، قان تەركىبىدىكى خولېستېرىن  ۋە گىستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ . 

   قوناق : تەركىبىدە كالتسىي ، سېلىن ، فوسفورلۇق ماي ۋە ۋىتامىن E قاتارلىقلار مول بولۇپ ، قان تەركىبىدىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ . 

   لامىنارىيە : تەركىبىدە تائورېن مول بولۇپ ، قان ۋە ئۆت سويۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ . 

   ئالما : تەركىبىدە كالىي مول بولۇپ ، بەدەندىكى ئارتۇقچە كالىيلىق تۇزلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ ، قان بېسىمىنىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ . 

   سۈت : تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى مول بولۇپ ، بەدەننىڭ خولېستېرىننى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئازايتىدۇ . 

   پىياز : باكتېرىيەلەرنى يوقىتىش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن ، يەنە قان تەركىبىدىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ ، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى كۆرۈنەرلىك . 

   تاتلىق بەرەڭگە : بەدەندىكى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنغان گۆش ۋە تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر پەيدا قىلغان ئارتۇقچە كىسلاتالارنى تەڭشەپ ، بەدەندىكى كىسلاتا بىلەن ئىشقارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ، ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.