مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1008 رەت   / مەنبە: -

c تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە قاننىڭ ئۆزگىرىشىدىن ( ھۆل ئىسسىقتىن ) بولغان جىگەر ئىششىقى دەپ ئاتىلىدۇ.


ئالامىتى: كېسەلنىڭ جىگەر ساھەسىدە چىڭقىلىپ ئاغرىش، بىر ئاز نەپەس قىستاش، سۈيدۈكى قىزىلغا مايىل كېلىش، بېشى چىڭقىلىش، تىلى قىزىرىش، قول پۇتلىرى ئېغىرلىشىش، قىزىش، قۇرۇق يۆتەل، ھۆ بولۇش، قۇسۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئېغىز تاتلىق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يۆتىلىدۇ، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتالمايدۇ. ئوڭ تاغاق مۈرە ساھەلىرىدىمۇ تېلىپ ئاغرىش بولىدۇ. 


داۋالاش ئۇسۇلى: قان ئېلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن قارىئۆرۈك، تەمرى ھىندى، سىركەنجىۋىل ساددە، ئەرقى شاھتەررە، ئەرقى شۆخلا بېرىش، تامىقىغا قارىئۆرۈك، كۆك يۇمغاقسۈت، غورا سىلىنغان گۈرۈچ تامىقى بېرىش لازىم. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.