ئالامىتى: ئىشتىھا كەم بولىدۇ، كۆڭۈل ئاينىيدۇ، قۇسىدۇ، كۆپىنچە چۈشتىن كېيىن قورساق ئېسىلىدۇ، كۆپ ئۇسسايدۇ، ئېغىز قۇرۇيدۇ، بىر ئاز قىزىتما پەيدا بولىدۇ، كۆز ئېقى، چىرايى سارغىيدۇ، بەدەن تېرىسى كېپەكلىشىدۇ. مويلىرى ئارىلاپ چۈشۈپ شالاڭلىشىدۇ، يۈزىدە، كۆكسىدە ئۆمۈچۈك تورىدەك قىزىل تومۇرلار كۆرۈنۈپ قالىدۇ. كۈندىن كۈنگە ئورۇقلايدۇ، قورساق بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىدۇ.
سەۋەبى: ھاراقتى كۆپ ئىچكەن، ئاچچىق چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندىن، ئۇزۇن مۇددەت كېسەل بولغاندىن، ئۇزۇن مۇددەت ئىچى سۈرگەندىن، قان كېمىيىپ جىگەر زەئىپلەشكەندىن پەيدا بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.