مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 962 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ پەن تېخنىكا گېزىتى

يېقىندا شىۋېتسىيە ئالىملىرى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹ ئاشقازان–ئۈچەي كېسەللىرى ئىلمىي›› ژۇرنىلىدا  ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە ، بىر قانچە تۈرلۈك تەتقىقاتتا قەھۋە ئىچىش مىقدارى بىلەن جىگەر فېرمىنتى سەۋىيەسى تەتۈر تاناسىپ تۈزىدىغانلىقى ، شۇنداقلا جىگەر فېرمىنت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى –تۆۋەن بولۇشى يەنە سوزۇلما جىگەر كېسىلى ۋە جىگەر قېتىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان . 

   تەتقىقاتچىلار قەھۋە ئىچىش بىلەن جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن  ، 11 تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىپ ، 2260 نەپەر جىگەر راكى بىمارى ۋە 239 مىڭ 146 نەپەر ساغلام كىشىنى سېلىشتۇرۇش ئوبيېكتى قىلغان . نەتىجىدە قەھۋە ئىچىش بىلەن جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەتۈر تاناسىپ تۈزىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان . 

   ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە ، قەھۋە تەركىبىدە زور مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ ۋە خىلوروگېنىك كىسلاتا بولۇپ ، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدىكەن . تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، 2 ئىستاكان قەھۋەدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %43 تۆۋەنلىتىدىكەن . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.