سەۋەبى: جىگەرنىڭ قان ۋە سەپرادىن بولغان ئىششىقلىرىنىڭ يۇقۇملىنىپ يىرىڭ پەيا قىلىشىدىن يەنى ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق جايلاردا ئۇزۇن ياشاش، جىگەردە ئىششىق بار تۇرۇپ گۆش ياغنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ھاراق ئىچىش، چۈچۈمەل نەرسىلەرنى كۆپ يەپ جىگەرنى قاتتىق غىدىقلاش تەسىرىدىن ياكى ئۆتنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىدىن سەپرا خىلىتىنىڭ جىگەردە توپلىشىپ قېلىشىدىن، يۈرەك دالانچىسىنىڭ جىگەردىن كۆك قان تومۇر بىلەن بارغان قاننى قوبۇل قىلماسلىق سەۋەبىدىن، جىگەردە زاپاس قاننىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: قىزىش، جۇغ جۇغ بولۇش، تولا ئۇسساش، جىگەر ساھەسى ئاغرىش، ئېچىشىش، ئىشتىھا بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئاغرىق ئوڭ تاغاق ساھەسىگە قەدەر تارقايدۇ. قورساق ئېسىلىدۇ. كېسەلدە قۇرۇق قەۋزىيەت بولىدۇ، كېسەل ئورۇقلاپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ، كېسەلدە سىلنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يىرىڭلىق ئىششىق بارجاي ئېگىز بولىدۇ ھەم باسسا ئاغرىيدۇ. جاراھەت چوڭراق بولسا 3 ئايدىن 6 ئايغىچە سوزۇلۇپ داۋانى قوبۇل قىلىدۇ. لېكىن جاراھەتلەر كىچىك، كۆپ بولسا خەتەرلىك، ئەمما ئېغىز ئېلىپ ئاشقازان ئۈچەيگە چۈشسە ئاقىۋىتى ياخشىدۇر. قورساق، يۈرەك، ئۆپكە پەردىلىرىگە چۈشسە ياخشى ئەمەس.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.