مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 689 رەت   / مەنبە: -

ئالامىتى: لەۋلىرى قۇرۇپ ئاق گەز باغلاپ تۇرىدۇ. كۆز ئېقى نۇرسىز، كالتە يۆتەل قاتتىق بولىدۇ. بەلغەم كەلمەيدۇ، يۆتەلگەندە جىگەر ساھەسى ئاغرىيدۇ ھەمدە جىگەر ساھەسىدە بىر نەرسە ماڭغاندەك سېزىدۇ. ئىككى مەڭزىدە ئۆمۈچۈك تورىدەك قىزىل تومۇرلار كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. جىگەردە پەيدا بولىدىغان قۇرت ياپىلاق مەددە شەكىلدە بولىدۇ. بۇ ئادەتتە بېغىر قۇرتى دېيىلىدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەل كۆپىنچە جىگەرنى تۇتۇپ تۇرغۇچى پەردە گۆشتە پەيدا بولىدىغان يىرىڭلىق جاراھەتتىن ياكى كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ چۈشكەندىن سۇنىڭ بۇزۇلۇپ يىرىڭغا ئۆزگىرىشىدىن يىرىڭداش پەيدا بولۇپ، جىگەر ساھەسىگە بۆسۈپ كىرىدۇ ياكى ئۈچەيدە پەيدا بولغان مەددە قۇرتلار ماسارىقا تومۇرى ئارقىلىق ياكى ئۈچەيدە پەيدا بولغان مەددە قۇرتلار ماسارىقا تومۇرى ئارقىلىق جىگەرگە كىرىشتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ قۇرت پەيدا بولۇشنىڭ ماددىسى غەيرىي بەلغەمدۇر. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.