مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1525 رەت   / مەنبە: -

 قىزىش، باش ئاغرىش، گال ئاغرىش، دىماغ پۈتۈش، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش، ھۆ بولۇش، ئېغىز قۇرۇش، مايلىق غىزالارنى كۆرگەندە ھۆ بولۇش، كۆڭلى غىزا تارتماسلىق قاتارلىقلار جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئورتاق ئالامەتلىرى بولۇپ، جىگەر كېسەللىكلىرى ئىسسىقتىن بولسا سېرىق سۇ ياندۇرىدۇ. چۈشتىن كېيىن ئېغىرلىشىدۇ، تېزلا سېرىقلىق چۈشىدۇ. ئەگەر بەلغەمدىن بولسا ئەتىگەندە ھۆ بولىدۇ. ماغزاپتەك شال ياندۇرىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، كۆپىنچە چۈشتىن كېيىن ئېسىلىپ قالىدۇ. 

    جىگەر ساھەسىدە تېلىپ، چىڭقىلىپ، ئېچىشىپ، قادىلىپ ئاغرىشلار بولىدۇ. قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش، جىگەر كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. تۇتۇپ كۆرگەندە جىگەر قولغا يۇمشاق بىلىنسە ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغىنىڭ، قاتتىق بىلىنسە سوزۇلما جىگەر ياللۇغىنىڭ، بەكرەك قاتتىق، چوڭ بىلىنسە جىگەر راكىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. 

    ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن بەدەن ئاجىزلىشىش، قول پۇت تىترەش، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى يىگلەش، چىراي نۇرسىزلىنىپ قارىداپ قېلىش، ئالىقان قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، تاپان قىزىشمۇ بەلغەمدىن بولغان جىگەر ياللۇغلىرىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ماغدۇرسىزلىنىش جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئېغىر يېنىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. يېنىكلىرىدە يەڭگىل ماغدۇرسىزلىق سېزىلىدۇ. ئېغىرلىرىدا پۇت قوللىرى بوشىشىپ پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ يېتىشنىلا خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېغىر ھالدىكى جىگەر كېسەللىرى قاتتىق چارچىغانلىقتىن ھەرىكەت قىلالماي يېتىپ قالىدۇ. كېسەلنىڭ سۈيدۈكى قېنىق چايدەك كېلىدۇ. سوزۇلما جىگەر ياللۇغلىرىدا تال چوڭىيىپ كېتىش بولۇپمۇ، قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ كېتىش، بۇرۇن ئۇچى، بويۇن ئەتراپىنىڭ تومۇرلىرى ئوچۇق كۆرۈنۈپ قېلىش ھەمدە يۈز، بويۇن، كۆرەك ساھەسىدە، قول ئالىقىنىدا ئۆمۈچۈك تورىدەك تورسىمان مەڭلەر پەيدا بولۇش بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇلار سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسەللىكلىرىدە كۆرۈلىدىغان بەلگىلەردۇر. سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسەللىكلىرىدە يەنە ئەمچەك بېزى چوڭىيىدۇ. ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.