مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 925 رەت   / مەنبە: -

گېموروي مەقئەت بىلەن تۈزئۈچەيدە پەيدا بولىدىغان ، كۆپ كۆرۇلىدىغان ، كۆپ قوزغىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك . ‹‹ئون ئادەمنىڭ توققۇزىدا گېموروي كېسىلى بار ››دېگەنلىك بۇ كېسەللىكنىڭ ناھايتى كۆپلىكىنى ئوبرازلىق ھالىدا ئىپادىلىگەن .مەيلى ئەر ، مەيلى ئايال ، ياش ياكى قېرىلارنىڭ ھەممىسى گېمورويغا گىرىپتار بولىدۇ . لېكىن قۇرامىغا يەتكەنلەرىدە كۆپىرەك ، ئۆسمۇرلەردە ئازىراق كۆرۇلىدۇ . دۆلىتىمىزدىكى ئومۇمىيۇزلۇك تەكشۇرۇش نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى ، مەقئەت _تۈزئۈچەي كېسەللىكىلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %59.1بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە گېموروينىڭ قوزغىلىش نىسبىتى مەقئەت _تۈزئۈچەي كېسەللىكىلىرى ئومۇمى سانىنىڭ %87.25ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە گېموروينىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ گېموروي ئومۇمى كېسەللىك سانىنىڭ %59.86ئىگىلەيدۇ . تاشقى گېموروي %16.01، ئارىلاشما گېموروي %24.13ئىكەن . گېموروي قوزغالغاندا دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېنىق ئاغىرىش سەزگۇسى بولمىغاچقا كىشلەر بىلەر _بىلمەي تۇرۇپلا گېموروي كېسەللىكىگە گېرىپتار بولۇپ قالىدۇ .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.