ھەزىم يارا كېسەللىرى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان قاننىڭ قۇسۇق ئارقىلىق چىقىپ كېتەلمىگەن قىسمىنىڭ چوڭ تەرەتكە ئارلىشىپ كىلىشى چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش دىيلىدۇ .بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەنكى ھەزىم قىلىش يولى قاناشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبلىرى نېمە ؟ تۆۋەنكى ھەزىم قىلىش يولى قاناش ئىچىدە ئاچچىق ئۈچەي ، كىچىك ئۈچەي ، بوغماق ئۈچەي ، تۈز ئۈچەي ۋە مەقئەت قاناش قاتارلقلار كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدۇ.
گېموروي :چوڭ تەرەت قىلغاندا ياكى چوڭ تەرەتتىن كېيىن قان تامچىلاپ ،چاچراپ چىقىدۇ، قاننىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ ھەم بۇ قان چوڭ تەرەتكە ئارلىشىپ كەلمەيدۇ.
مەقئەت يېرىقى : چوڭ تەرەتكە قان ئارىلاش ياكى چاچراپ چىقىدۇ ، قاننىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ بىراق چوڭ تەرەت قىلغاندا ئاغرىيدۇ.
تۈز ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي مونچاق گۆشى كېسەللىكى : چوڭ تەرەتتىن كېيىن ئاغرىمايدىغان قانلىق تەرەت كېلىدىغان بولۇپ ، قاننىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ ، ھەم بۇ قان چوڭ تەرەتكە ئارلىشىپ كەلمەيدۇ.
يارا خاراكتىرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى : بۇ خىل چوڭ ئۈچەي خاراكتىرلىك كېسەللىكلەردىكى قاناشتا كۆپىنچە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چاپلىشىپ كېلىدۇ ياكى قان-يىرىڭلىق تەرەت قىلماق (دىزىنتېرىيىدە) كېلىدۇ ھەم قورساق مۇجۇپ ئاغرىش ، قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ.
تۈز ئۈچەي راكى : مەقئەتتىن چىققان قان قىزىل ياكى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. بەزىدە چوڭ تەرەتنىڭ سىرتىدا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چاپلىشىپ كېلىدۇ. ئاخىرقى باسقۇچلۇق تۈز ئۈچەي راكىدا قان-يىرىڭلىق تەرەت (دىزىنتېرىيىدە) كېلىدۇ، ياداپ كىتىدۇ، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ.
يۇقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراش ھەم ۋاقتىدا تەكشۈرۈتۈپ ، ۋاقتىدا داۋالىتىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.