مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1381 رەت   / مەنبە: -

"ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا گېموروي بولۇپ قالاتتىم ،ئېغىر بولغاندا ئىشتانلىرىم قان يۇقۇقى بولۇپ قالاتتى. ئۇ كۈنى تەنتەربىيە مەيدانىدا توپ ئويناۋاتقاندا قىز دوستۇمنىڭ تازلىق قەغىزىنى ئىچ كېيىمگە قويۇۋالدىم . مېنىڭ توپ كىرگۈزۈش تېخنىكام ياخشى بولغاچقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالقىشىغا ئېرشتىم . بىر قېتىم چىرايلىق بىر توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ئارقىمدىن بىر نەرسە سيىرىلىپ چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلدىم .قارسام تازلىق قەغىزىم ئىكەن . يەنە تېخى قان ئارىلاش ئىكەن ،ئالاي دېسەم تېخى ،ئالماي دېسەم تېخى ، چىقاي دېسەم ئاسمان ئېگىز ، كىرەي دىسەم يەر قاتتىق ، 2 كۈندىلا مەكتەپكە نامى پۇر كەتكەن مەشھۇر شەخىسكە ئايلاندىم ."

بۇ تۈنۈگۈنكى مىكرو بىلوگىغا تارقىتىلغان قىزىقارلىق يۇمۇر ئىكەن ، كۆرۈپ بولۇپلا كۈلگۈم كەلدى .ئەمەليەتتە ،چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئىپادىسى بولۇپ شۇڭا ئوغۇللارنىڭمۇ تازلىق قەغىزى ئىشلىتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، لېكىن چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش پەيدا قىلدىغان ئامىللار پەقەت گېمورويلا ئەمەس، ئۇنداقتا تۆۋەندە بىز بىرلىكتە چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشنى پەيدا قىلدىغان مەقئەت – ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

1.ئىچكى گېموروي :چوڭ تەرەت قىلغاندا ئاغرىمايدىغان قانلىق تەرەت كېلىدىغان بولۇپ ، چوڭ تەرەتتىن كېيىن قان تامچىلاپ ،چاچراپ چىقىدۇ، بەزىدە مۇنچاق گۆش چىقىۋالىدۇ.

2.مەقئەت يېرىقى : چوڭ تەرەتكە قان ئارىلاش ياكى چاچراپ چىقىدۇ ، قاننىڭ رەڭگى توق قىزىل رەڭدە بولىدۇ ، چوڭ تەرەت قىلغاندا ئاغرىيدۇ.

3. تۈز ئۈچەي مۇنچاق گۆشى كېسەللىكى : چوڭ تەرەتتىن كېيىن ئاغرىمايدىغان قانلىق تەرەت كېلىدىغان بولۇپ قاننىڭ مىقدارى ئاز ، بەزىدە چوڭ تەرەتنىڭ سىرتىدا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چاپلىشىپ كېلىدۇ. بەزىدە مەقئەت ئەتراپدا مونچاق گۆش ئۆسۈۋالىدۇ.

4. تۈز ئۈچەي ئۆسمىسى : مەقئەتتىن چىققان قان توق قىزىل ياكى سۇس قىزىل رەڭدە بولۇپ چوڭ تەرەتكە ئارلىشىپ كېلىدۇ ، بەزىدە چوڭ تەرەتكە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چاپلىشىپ كېلىدۇ.ئاغرىمايدۇ، لېكىن يات جىسىم ياكى ئېغىر نەرسە باردەك سېزىم بولۇپ كۈنسايىن ئېغىرلىشىدۇ.

5.غەيرى زەخمىلىنىش:تەرەتتىن قان كېلىدۇ، قان مىقدارى كۆپ، رەڭگى توق قىزىل رەڭدە كېلىدۇ. مەقئەت كانىلىدىكى ئۆسمە گۆش بار يەر ئاغرىيدۇ، تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىسىدىكى زەخمە بار يەر ئادەتتە ئاغرىمايدۇ، شۇڭلاشقا كېسەللىك تارىخى ۋە سىرىتقى زەخمە تارىخىنى سۈرۈشتۇرۇش كېرەك.

6.مەقئەت ئاقمىسى : چىققان قاننىڭ مىقدارى ئاز ھەم يىرىڭ ئارىلاش قان چىقىدۇ،تەرەت قىلغاندا ئاغرىيدۇ .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.