مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1192 رەت   / مەنبە: -

چوڭ تەرەت مىقدارىنىڭ ئاز ياكى كۆپلۈكى، بەك سېسىقلىقى جىگەر، تال ۋە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئۆت يوللىرى توسۇلغان ياكى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ چىقىرىپ تاشلاش كۈچى ئاجىزلاپ، چوڭ تەرەت يانپاش ئۈچەيدە تۇرۇپ قالغان بولسا، چوڭ تەرەت ئاز كېلىدۇ. چوڭ تەرەتنىڭ ئاز كېلىشى خولىنجى كېسىلىنىڭ باشلىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچەيدە جاراھەت بولسا، بوۋاسىر قانىسا ياكى مەقئەت يېرىلسا چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىدۇ. جىگەر ئىقتىدارى ناچارلىشىپ، تال ئاجىزلاشسا، چوڭ تەرەت قارا رەڭدە كېلىدۇ، ئۈچەي كېزىكى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ چوڭ تەرىتى پۇرچاق شورپىسىدەك، ۋابا كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ گۈرۈچ يۇغان سۇدەك كېلىدۇ. تولغاق كېسىلىدە چوڭ تەرەت شىلىمشىق ۋە قان ئارىلاش كېلىدۇ. ئۆت يولىدا توسۇلۇش بولسا، سېرىق كېسەلگە گىرىپتار بولسا چوڭ تەرەت كۈلرەڭ ياكى ئېقىش رەڭلىك بولىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.