مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1088 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: مەقئەت ياللۇغى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەقئەت ئەتراپى ياللۇغلىنىشتىن كۆرۈلىدىغان، بىماردا مەقئەت قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش ۋە ئېچىشىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: شور سەپرا، ئۆتكۈر سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) خىلىتلىرىنىڭ مەقئەتكە تەسىر قىلىشى، مەقئەت ئىچى كۆتەن ئۈچەيلەردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مەقئەت يېرىلىش كېسەللىكىدە جفراسىملار بىلەن ئۇفۇنەتلىنىش، جفراھەتلىنىش، مەقئەت قىچىشىش كېسەللىكىدە پاسكىنا قول بىلەن قاشلاش سەۋەبىدىن مەقئەت ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. 

ئالامىتى: مەقئەت قىزىرىپ ئىششىيدۇ، ئاغرىيدۇ ۋە ئېچىشىدۇ، دوۋساققا تەسىر قىلسا، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىدۇ ھەمدە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ئىششىق ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: بىنەبشە شەربىتى، مەلھىمى داخىلىيۇن، مەتبۇخى شاھتەررە قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غىدىقلىغۇچى، يەللىك، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، لازا، ئاچچىقسۇدىن قاتتىق پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، غىدىقلاش تەسىرى بولمىغان يېمەك-ئىچمەكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.