مەقئەت قىچىشش بولسا نېرۋا ئىقتىدارى بۇزۇلۇش خارەكتېرلىك تېرە كېسەللىكى ، شۇنداقلا پەقەت مەقئەت ۋە ئەۋىرەت قىچىشش بىلەنلا چەكلىنىدىغان ، ئاددەتتە كۆپ ئۇچىرايدىغان قىچىشقاقنىڭ بىر تۈرى . مەقئەت قىچىشش دەپ ئاتلىشتا قىچىششىنىڭ مەقئەت ئەتىىراپىدىلا بولىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان .
مەقئەت قىچىششنىڭ سەۋەبى ناھايىتى مۇرەككەپ، ھەر خىل ئۇنىۋېرسال ئامىلللار تۈپەيلىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار، يەرلىك ئامىل بىلەن پۈتۈن بەدەنلىك ئامىلىلار مەۋجۇت. يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىچە:
پۈتۈن بەدەنلىك ئامىلىلار: زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسيسى. غىدىقلىغۇچ ئاچچىق-چۈچۈك ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىش، تاماكا، ھاراق، كېيىملەردىكى بوياق، ھايۋانات ئاقسىلى مەسىلەن: كالا، قوي گۆشلىرى، بېلىق، راك قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى.
كېسەللىك ئامىللىرى دىئابېت كېسىلى، پوداگرا، رېماتىزىم، قالقانسىمان بەز پائالىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىقلار .
ئىچكى ئاجىراتما ئامىللىرى ئايالىلارىدىكى دەۋر ئالمىشىش مەزگىلى، ياشانغان ئەرلەردىكى ئەرلىك ھورمۇن سەۋىيسىنىىڭ تۆۋەنلىشى .
دورا ئامىللىرى بەزى باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا مەقئەت قىچىشىدۇ .
روھىي ئامىللار روھىي جەھەتتىن قاتتىق جىددىيلىشش، غەمكىنلىك، قورقۇش قاتارلىقلار .
بەدەندىكى يۇقۇملىنىش ئوچىقى مەسىلەن: سوزۇلما بادامسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلار .
مەھەللىۋىي ئامىللار: مەقئەت رايۇنى تازلىقىنىڭ ناچار بولۇشى، تەرەت قالدۇقىنىڭ تېرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىشى.
مەقئەت ئەتىراپى بەزلىرى، بەزلىرىنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشىنىڭ نورمالسىزلىقى، مەھەللىۋىي ئورۇننىڭ نەم بولۇشى .
مەقئەت تۈز ئۈچەي كېسەللىكىلىرى مەقئەت ئاقمىسى، مەقئەت يېرىلىش، ئاسان چىقىۋالىدىغان ئىچكى گېموروي، مەقئەت كاۋىكى ياللۇغى، مەقئەت ئەمچەك توپچىسى قېلىنلاش قاتالىقلار بولسا مەقئەت بەزلىرىنىڭ ئاجىرلىپ چىقىرىشىنى كۆپەيتىپ، مەقئەت ئەتىراپىنى نەملەشتۇرۇىدۇ .
ئاياللار كېسەللىكلىرى مەسىلەن: جىنسىي يول ياللۇغى، بالياتقۇ بوينى ياللۇغىدىكى ئاق خۇن كۆپىيىش قاتارلىقلار .
پارازىت قۇرۇتلار، تۇتۇ مەددە قۇرتى، جىنسىي يول مويلۇق تامچىقۇرتى قاتارلىقلار .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.