مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1968 رەت   / مەنبە: -

تونۇش: بۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كېسەللىك بولماستىن، بەلكى سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولغان بىرخىل ھەزىم ئەزا كېسەللىكلىرىدن ئىبارەت. بۇ، گەندىنىڭ ئۈچەي ئىچىدەبەك ئۇزاق تۇرۇپ قېلىشى، چوڭ تەرەتنىڭ تولۇق چىقىرىلىپ تاشلانماسلىقى ياكى تەرەت قىلىش قېتىمىنىڭ ئازىيىشى، گەندە مونىكىنىڭ قۇرۇق ۋە قاتتىق بولۇشى قەۋزىيەت ياكى ئىچ قېتىپ قېلىش دېيىلىدۇ.

قەۋزىيەت خاراكتېرىگە ئاساسەن ئادەتتىكى قەۋىيەت ۋە ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلار يەنە كېسەللىك يۈز بەرگەن ئورۇنغا ئاساسەن تۈز ئۈچەي قەزىيىتى ۋە چەمبە ئۈچەي قەۋزىيىتى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.

قەۋزىيەتكە باھا بېرىشتە، چوڭ تەرەت قىلىنمىغا ۋاقىت 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، قەۋزىيەت دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى: كېسەللىك سەۋەبلىرى قەۋزىيەتلىك يۈز بەرگەن ئورۇنغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇلىدۇ.

1. تۈز ئۈچەي قەۋزىيىتىنى پەيدا قىلغۇچى كېسەللىك سەۋەبلىرى:

(1) گەند چىقىرىش مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچسىزلىنىشى، ياشانغان، تېنى ئاجىز، ئۇزاق مۇددەت سوزۇلما كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر، ھامىلدا ئاياللار، سېمىز كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

(2) ئۈچەي ئىچىدىكى قالدۇقلارنىڭ كۆپ ھەم قاتتىق بولۇشى ئۈچەي قەۋزىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ.

(3) تۈز ئۈچەينىڭ توسۇلۇشى ۋە تارىيىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

(4) چوڭ تەرەتنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا سەل قاراش مەقئەت ئاقمسى، مەقئەت يېرىلىش، مەقئەت ۋە تۈز ئۈچەيدىكى يىرىڭلىق ياللۇغلىنىشلار، روھىي كەيپىياتنىڭ سۇس بولۇشى، سەزگۈ دورىلارغا نىسبەتەن كۆنۈپ قېلىش قاتارلىق ئامىللارمۇ ئوخشاشلا تۈز ئۈچەي قەۋزىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ.

2. چەمبەر ئۈچي قەۋزىيىتىنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر:

ئوزۇقلۇقنىڭ ناچارلىشىشى، سۇ تەركىبى ئاز، تالاسى كەم بولغان تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش، قېرىلىق، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى، قوغۇشىندىن زەھەرلىنىش، مېڭە ۋەيۇلۇن كېسەللىكدىن كېلىپ چىققان چوڭ تەرەتكە ياردەم بەرگۈچى مۇسكۇللارنىڭ كۈچسىزلىنىشى قاتارلىق ئامىللار چەمبەر ئۈچەي قەۋزىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئالامىتى: قەۋزىيەت كېسەللكنىڭ ئىپادىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ  ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق ئېسىلىش، باش قېيىش، باش ئاغرى، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، روھىي كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتىنى كۈچەيتىش، قەۋزىيەتنى يۇمشىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.