مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1170 رەت   / مەنبە: -

چوڭ تەرەتنىڭ نۇرمالسىزلىقى ۋە تەرەت قىلىش ئادىتىنىڭ ناچارلىقى گېموروينى پەيدا قىلىشى مۇمىكىن .


ۋزىيەت  ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەت بولغانلارىدا گېموروينىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى %74.5ئىگىلەيىدۇ . قەۋزىيەت بىمارلىرىنىڭ چوڭ تەرەتى قاتتىق بولغانلىقىتىن تەرەت قىلىش ۋاقتى ئۇزۈن ، كۈچىنىش قاتتىق بولغاچقا ، قاتتىق تەرەت تۈزئۈچەي دىۋارىنى بىسىپ ۋە غىدىقلاپ ۋېنا قان تومۇرلىرىغا قان قايىدۇ _دە ، ۋاقتى ئۇزارىغانسېرى كېڭىيىپ گېموروي شەككىلىنىدۇ . ييمەك _ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولماسىلىقى ، چوڭ تەرەتنى ۋاقتىداچىقارماي تۇتۇۋېلىش، سۇنى ئاز ئىچىش ، ئاز ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشقازان _ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ، سۇمۇرلۇش ۋە چىقىرىش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ . شۇڭلاشقا يېمەك _ئىچمەكنىڭ رىتىملىق بولۇشى ، ۋاقتىدا تەرەت قىلىش ، كۆپ سۇ ئىچىش ، مۇۋاپىق تەنھەرىكەت بىلەن چېنىقىش قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسى قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 


ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچى سۈرۇش ۋە تولغاق گېموروي پەيدا قىلىشى مۇمىكىن قەۋزىيتىنىڭ گېموروي پەيدا قىلىدىغانلىقى چۇشۇنۇشلىك . ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچى سۇرۇش بىلەن تولغاق قانداقلارچە گېموروي پەيدا قىلىدۇ ؟ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچى سۇرۇش ۋە تولغاق سەۋەبىدىن چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىدۇ . مەقئەت ۋە تۈزئۈچەينىڭ تەكرار غىدىقلىنىشى بىلەن ۋېنا توپى كېڭىيىپ گېموروي پەيدا بولىدۇ . ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوزۇلۇشچان ئىچى سۇرۇىدىغان بىمارلارىدا گېموروينىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %80يىتىدۇ .


چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى ناچار كىشلەر ئاسانلا گېموروي بولىدۇ ئادەمنىڭ چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى ئىككى خىل شەكىل بىلەن ئىلىپ بېرىلىدۇ ، يەنى بىر قىېتىمىلىق ۋە ئىككى قېتىمىلىق . بىر قىتىمىلىق شەكىلى تەرەت قىلىش رېفلىېكىسىنىڭ قوزغىتىشى بىلەن تۈزئۈچەي بىلەن ...سىمان بوغماق ئۈچەيدىكى تەرەتنى بىر قىېتىمىدىلا بىرقلا چىقىرۋېىتىدۇ . ئىككى قېتىمىلىق شەكلى بولسا بىرنجى قىېتىمىلىق تەرەت چىقىرىشتىن كېىيىن يەنە  ئىككىنجى قېتىم تەرەت قىلىش قوزغىتىشى زۆرۇر بولىدۇ_دە ، قورساق ئىچكى بېسىمى بىلەن مەقئەت قوروغۇچى مۇسكۇلىلىرىنىڭ بوششىىشنى قايتا ئىشقا ئاشۇرۇپ قالدۇق تەرەتنى چىقىرىشتىن ئىبارەت . دېمەك ، ئىككى قېتىمىلىق شەكىلى بىلەن تەرەت قىلىش گېموروينىڭ پەيدا بولۇشى زىچ مۇناسۋەتلىك . گېموروي بىمارلىرىنى تەكشۇرۇش نەتىجىسىىدىن قارىغاندا ، 1000نەپەر گېموروي بىمارلىرىنىڭ %98نىڭ ئىككى قېتىمىلىق تەرەت قىلىش شەكىلىنى قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . گېموروينىڭ پەيدا بولۇشى يەنە تەرەتخانىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن _قىسقىللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بەزىلەر 892نەپەر گېموروي بىمارلىرى ئۈسىتىدە تەرەت قىلش ئادىتى بىلەن گېموروينىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۇرۇگەن ،نەتىجىدە  تەرەت قىلىش ۋاقتى توققۇز مىنۇتتىن تۆۋەن بولغانلارىدىكى گېموروينىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى %57.88، ئولتۇرىدىغان ۋاقتى ئون مىنۇتتىن يۇقىرلارنىڭ %72.41ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان . بۇ تەرەت قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن_ قىسقىلىلىقى بىلەن گېموروينىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنىڭ ئىنتايىن رۇشەن ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرىدۇ. تەرەتخاندا ئۇزۇن ئولتۇرۇش بىر خىل ناچار تەرەت قىلىش ئادىتىىن ئىبارەت . چۇنكى ، ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇغاندا قورساق ئىچكى بىسىمى ئۇزۇلۇكىسىز ھالدا ئاشىدۇ_دە، مەقئەت ۋە تۈزئۈچەيدىكى ۋېنا قان ئايلىنشى تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، مەقئەت ۋە تۈزئۈچەيدىكى ۋېنا قان تومۇرلىرى ئەگىرى _بۇگىرى كىېڭىيىپ ، قان قېيىپ ئاخىر گېمورويغا ئايلىنىدۇ .


بەزىلەر تەرەتخاندا ئولتۇرۇپ تاماكا چىكىدۇ ياكى گېزىت _ژۇرنال كۆرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن تەرەت قىلىش ۋاقتى ئۇزۇرايدۇ . گېموروينىڭ كېسەللىك نسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن جانابىڭىزدىن تەرەتخانىدا تاماكا چەكمەسلىكىڭىزنى ، گېزىت كىتاپ ئوقۇپ ئۇزاق ئولتۇرۋالماسلىقىڭىزنى ، ياخشى بولغان تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.