مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1148 رەت   / مەنبە: -

جاۋاپ: يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋىروس، باكتىرىيە قوزغىغان ھەم ھاۋا، يېمەكلىك باشقا ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللەرنى كۆرسىتىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەل بولۇش ئۈچۈن يۇقۇملىنىش مەنبەسى، يۇقۇش يولى، يۇقۇش ئوبيېكتى بولۇشى كېرەك. گېمروي ھەرگىزمۇ ۋىرۇس ياكى باكتىرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقمايدۇ. بەلكى تۈرلۈك سەۋەب قوزغالغان تۈز ئۈچەي، مەقەت قىسمىدىكى شىللىق پەردە ۋە مۇسكۇل قەۋىتىدىكى ۋېنا قان تومۇرى ئېقىمى توسالغۇغا ئۇچراش، ئەگرى بۈگرىلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ۋىرۇس، باكتىرىيە بىلەن ھېچقانداق بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق. بەزىدە گېمروي شىللىق پەردىسى شەلۋەرەپ ھەتتاا يۇقۇملىنىپ، يىرىڭلاپ مەقەت ئىششىقىغا ئايلىنىدۇ. بىراق بۇنىڭ گېمروي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، ئۇ پەقەت گېمروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ئامىل خالاس. شۇڭا گېمروي ھەرگىزمۇ يۇقمايدۇ. ئەگەر گېمروي بىمارلىرىدا ئۈچەي يۇقۇملۇق كېسىلى بولسا، ئۇنداقتا ئۈچەي كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار بولۇپ، ناھايىتى ئۇزاقتا گېمروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرگىزمۇ ناھايىتى تېزلا گېمروي بولۇپ قالمايدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.