مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2392 رەت   / مەنبە: -

ھازىرقى نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە يەنىلام بوۋا -مومىلىرىمىزنىڭ ئامالى كۆپ. بىر كۈنى ئۇدۇل خوشنىمىز <گ> تۇيۇقسىزلا ئۈچ-تۆت كۈن يوقاپ كەتتى. مەن تېخى ئۇنى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن. كېيىن ئۇقسام ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقىپتۇ.


-دوختۇرخانىدا ياتقان بولسىڭىز ھەجەپ تېز يېنىپ چىقىپسىزغۇ؟-دېدىم ئەجەپلىنىپ:


-سىزدىن نېمىسىنى يوشۇراي قوشنام، گېمروي بولۇپ قالغان ئىدىم، بۇ كاساپەت ئارامىمنى قويماي بەك قىيناپ كەتتى، دوختۇرغا كۆرۈنىۋېدىم، بالىنىستا يات ئوپېراتسىيە قىلايلى دېدى. ھە بولىدۇ دېدىم. بىر بۆلۈمدە ئۈچ-تۆت ئايال ياتىدىكەن، بىر-بىرىمىزدىن قانداق ئاغرىق بىلەن ئاغرىغانلىقىمىزنى سۈرۈشتە قىلدۇق. مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ تام تۈۋىدىكى كارىۋاتتا ياتقان ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى.


ئۇ ئايال ماڭا گېمروي كېسىلىگە تىغ تەككۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، باشقا ئىلاج قىلالمىدىڭىزمۇ دېدى.


-ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كۆردۈم، كاساپەت ھازىر پولتىيىپ تېشىغا چىقىپ قالدى، ھەتتا مېڭىش-تۇرۇشلارمۇ ئۆزگىرىپ كەتتى،  ھەتتا يېرىلىپمۇ كەتتى دېدىم.


-ئۇ ئايال ماڭا توخۇ يېغىنى ئىشلىتىپ كۆردىڭىزمۇ دېدى.


-ياق، بۇنى تېخى ئاڭلىپامتىمەن دېدىم.


-ئۇ ئايال ماڭا سىز ئۆيىڭىزگە چىقىپ كېتىڭ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرماڭ،-دېدى ئۇ سالماقلىق بىلەن،-بۈگۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇرغىنىڭىز بىلەن بىر يىلدىن كېيىن يەنە دوختۇرخانىغا بارىسىز، ئۇنىڭ قوزغىلىدىغان ئادىتى بار، ئۆيۈڭىزگە چىقىپ بازاردىن بىر سېمىز يەرلىك توخۇ سېتىۋېلىڭ، ئۇنىڭ ئىچ مېيىنى توغراپ خۇددى قويرۇق مايغا ئوخشاش كۆيدۈرۈڭ، چىگىرتىكىنى سۈزۈپ ئېلىۋېلىڭ، كۈندە ئاخشىمى يېتىش ئالدىدا سوپۇنداپ يۇيۇڭ، ئاندىن پاختىنى توخۇ مېيىغا  چىلاپ ئاغرىۋاتقان يېرىڭىزگە تىقىپ قويۇڭ، ئەتىگەندە تەرەت بىلەن چىقىپ كېتىدۇ، بەش كۈندە ساقىيىپ كېتىسىز دېدى.


-ھەر ھالدا سىناپ كۆرۈش كېرەك ئىكەن، ئۇنىڭ نىمە زىيىنى بار،-دېدىم،- بەزىدە ئەرزىمىگەنلا بىر نەرسە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.


ئارىدىن 10 نەچچە كۈن ئۆتۈپ قوشنامدىن قانداق بولغانلىقىنى سورىسام  قوشنام ناھايىتى خوشال ھالدا ئانامدىن قايتىدىن تۇغۇلغاندەكلا ساقىيىپ كەتتىم. قايتا قوزغالمىسىلا بولاتتىغۇ دەپ خوشال بولۇپ كەتتى.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.