مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1261 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: مەقئەت بوشاپ كېتىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەقئەت ئەسەپ پەيلىرى ۋە گۆشلىرى بوشاپ كېتىش، مەقئەت پۈرمەك مۇسكۇللىرى يىغىلىش ۋە سوزۇلۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ كەلگەن يەل ھەتتا چوڭ تەرەتنى تۇتالماسلىق ھادىسىسىدىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: مەقئەت بوشاپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى خېلى مۇرەككەپ بولۇپ، ئومۇمىي بەدەنلىك سەۋەبلەر ۋە يەرلىك سەۋەبلەر بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئومۇمىي بەدەنلىك سەۋەبلەر: پالەچلىك، بەدەن تۆۋەن قىسىم گۆشلىرىنىڭ بوشاپ كېتىشى، قېرىلىق، زىيادە ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىق مېڭە ئەسەب كېسەللىكلىرى ۋە باشقىلار. 

يەرلىك سەۋەبلەر: مەقئەت پۈرمە مۇسكۇللىرىنىڭ يىغىلىشى ۋە سوزۇلۇش ئىقتىدارىنى بۇزۇلىدىغان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش، مەسىلەن: بوۋاسىرنى كېسىشتە مەقئەت پۈرمە مۇسكۇللىرىنىڭ يىغىلىش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ تاشلاش، تارتۇق قالدۇرۇش، ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان چاغدا ئارىلىق مەقئەتكىچە يىرتىلىپ تاتۇق شەكىللىنىش، مەقئەت ئورۇقلاش، سوقۇلۇش، ھادىسىگە ئۇچراش، مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلاپ، ئىششىقنى يارغاندا تاتۇق قېلىش، مەقئەت ئاقمىسى ۋە باشقىلار. دائىم نەم جايلاردا ئىشلەش ۋە ئومۇمىي بەدەندە ھۆللۈك ئېشىپ كېتىش، شۇ قاتاردا مەقئەت نېرۋىلىرى، پەيلىرى ۋە مۇسكۇللىرى بوشاپ كېتىشمۇ مەقئەت ئىستىرخاسىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. 

ئالامىتى: پالەچ ۋە ئىستىرخا كېسەللىكلىرىدىن مەقئەت بوشاپ كېتىش مەزكۇر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز باشلىنىدۇ. بىمار چوڭ تەرەتنى تۇتالمايلا قالماي، بەلكى كىچىك تەرىتىنىمۇ تۇتالمايدۇ. قېرىلىقتىكى مەقئەت بوشاپ كېتىشتە، بارا-بارا چوڭ تەرەتنى تۇتالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. يۇلۇن زەخىملەنگەن، يېقىلىش، سوقۇلۇشلاردىمۇ تەرەت تۇتالماسلىق زەربىلىنىشتىن كېيىن باشلىنىدۇ. بۇ خىل مېڭە-يۇلۇن كېسەللىكلىرىدىكى مەقئەت بوشاپ كېتىش ئەسلىي كېسەللىك تولۇق ساقايغاندا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىشمۇ مۇمكىن، لېكىن قېرىلىقتىكى مەقئەت زەخىملەنگەندىكى مەقئەت بوشاپ كېتىش ئوڭايلىقچە ساقايمايدۇ. داۋاملىق كىيىم ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىمارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىلنى يوقىتىش، پەي-تارامۇشلارنى چىڭىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: مەجۈنى ئازاراقى، زەرۇرى ئەنزۇرۇت، مەجۈنى كۇندۇر، ماددەتۇلھايات، ھەببى ئازاراقى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكتىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئىسسىق تەبىئەتلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.