مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 829 رەت   / مەنبە: -

چوڭ ترەتنىڭ نورمال ياكى غەيرىي نورماللىقىنى بىلىش ئومۇمىي بەدەننىڭ ساغلاملىقى ياكى كېسەللىكى، بولۇپمۇ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ھەرخىل كېسەللىكلىرىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 


چوڭ تەرەتنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ مىقدارى، قويۇق-سۇيۇقلۇقى، رەڭگى، پۇرىقى ھەمدە تەرەتتە ھەزىم بولمىغان تاماق قالدۇقلىرى، شىلىمشىق ماددىلار، قان-يىرىڭ، كۆپۈك، مەددە قۇرتلار بار-يوقلۇقى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. 


ساغلام كىشىنىڭ تەرىتى قويۇق-سۇيۇقلۇقتا مۆتىدىل  (قويۇق-سۇيۇقلۇقى تەكشى ئارىلاشقان) بولۇپ، ئېچىشتۇرماي، قورساقنى غولدۇرلاتماي، مۇجۇپ ئاغرىتماي ئاسان كېلىدۇ. رەڭگى سېرىققا مايىلراق بولىدۇ. بەك بەتبۇي سېسىق ياكى پۇراقسىزمۇ بولىدۇ. يىرىڭ، شىلىمشىق ماددىلار ۋە ھەر خىل قۇرتلاردىن خالىي بولىدۇ. كۈندە بىر قېتىم ئادەتلەنگەن بەلگىلىك ۋاقىتتا كېلىدۇ. 


1. چوڭ تەرەت مىقدارى ۋە قېتىم سانى: چوڭ تەرەت ئۆت يوللىرى توسۇلۇپ، سەپرا خىلىتى ئۈچەيگە يېتەرلىك چۈشەلمىگەندە ئاز كېلىدۇ. ئوزۇقلۇققا باي، قالدۇق تالالىرى ئاز يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن تاماقنىڭ كۆپ قىسمى ھەزىم بولۇپ، كېەكسىز قىسمى ئاز قالغاندىنمۇ چوڭ تەرەت مىقدارى ئاز كېلىدۇ. تەرەت قېتىمىمۇ ئاز بولىدۇ. ئەگەر مىقدرى ئاز، كۈنىگە كۆپ قېتىم تەرەت كەلسە كېسەللىكتىن دېرەك بېرىدۇ. جىگەرنىڭ قۇۋۋىتى ياخشى بولۇپ كەيلۇسنى پۈتۈنلەي ھەزىم قىلىپ كەيمۇسقا ئانلايدۇرۇپ، كېرەكسىز تاشلاندۇق قىسمى ئاز قالسىمۇ چوڭ تەرەت مىقدرى ئاز كېلىدۇ. ئاشقازاننىڭ كۈچى ۋە ئۈچەيلەرنىڭ ھەيدەپ چىقىرىش كۈچى (قۇۋۋىتى داپىئەسى) ناچارلىشىپ، چوڭ تەرەت چوڭ ئۈچەيدە ياكى يانپاش ئۈچەيدە تۇرۇپ قالسىمۇ، چوڭ تەرەت مىقدارى ئاز كېلىدۇ. تەرەتنىڭ ئازلىقى قۇلۇنجى كېسەللىكىنىڭ باشلىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى سەۋەبلەرنىڭ ئەكسىچە سەۋەبلەر چوڭ تەرەتنىڭ كۆپلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


 تەرەت مىقدارىنىڭ ئاز ياكى كۆپلۈكى، بەك سېسىقلىقى جىگەر، تال ۋە ئاشقازان سوۋۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تەرەت قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى ئاشقازان، جىگەر ۋە ئۈچەي خىزمەتلىرىنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن دېرەك بېرىدۇ. 


2. سۇيۇق چوڭ تەرەت ۋە قەۋزىيەت: كەيلۇس ئۈچەيدىن سۈمۈرۈلۈپ ماسارىقا تومۇرى ئارقىلىق جىگەر تەرەپكە بارالماي، ئۇدۇللا چوڭ ئۈچەيگە چۈشۈپ كەتسە تەرەت سۇيۇق كېلىدۇ. ئىچى قاتقاندا  تەرەت قويۇق ياكى ماياقتەك كېلىدۇ. ئىچ سۈرگەندە سۇيۇق ۋە سۇدەك كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى جىگەر ئاجىزلىشىپ كەيلۇسنى ئۆزىەە تارتىش كۈچى (قۇۋۋىتى جازىبە) نىڭ ناچارلىشىشى، ماسارىقا تومۇرىنىڭ ئاجىزلىقى ياكى ئۇنىڭ ئىچكى يوللىرىغا توسالغۇ (سۇددە) پەيدا بولۇپ، كەيلۇسنىڭ جىگەرگە ياخشى ئۆتەلمەسلىكى، ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەردە تاماق ھەزىم بولۇشنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.


چوڭ تەرەتنىڭ بىر قويۇق، بىر سۇيۇق كېلىشى ياكى قەۋزىيەت بىلەن ئالمىشىپ كېلىشى ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىدە نوقسان بارلىقى، بولۇپمۇ ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىقى، ئۈچەي راكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېغىر ئەمگەكتىن كېيىن بەدەندىكى سۇيۇقلۇقنىڭ تارقاپ كېتىشى، كۆپ سىيىش، كۆپ تەرلەش، ئۇسسۇزلۇقنى ئاز ئىچىش، مىزاجنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۆزگىرىشى ياكى گۆش، ياش، كۆكتاتلارنى كەم ئىستېمال قىلىش، ئۇزۇن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىش، ھەرىكەت قىلماسلىق قاتارلىقلاردىن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ. ۋاقتىدا چوڭ تەرەت قىلماي ئۈچەيدە چوڭ تەرەت ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشتەك سەۋەپلەردىمۇ چوڭ تەرەت قېتىپ قالىدۇ. مەقئەت ئىششىغان ياكى بوۋاسىر كېسەللىكىدە تەرەت تاسما شەكلىدە كېلىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.