مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 933 رەت   / مەنبە: -

ئۇزاق مەزگىل قەۋزىيەت بولغاندا، ئۈچەيدىكى چىقىرىندىلار تەركىبىدىكى باكتېرىيەلەر تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، تۇخۇمدانغا ئوخشاش قوشنا ئەزالارغا بۆسۈپ كىرىشى مۇمكىن. يېنىك بولغاندا ئالامىتى روشەن بولمايدۇ، ئېغىر بولغاندا قورساق ئاستىنقى قىسمى ۋە بەل قىسمى ئاغرىپ، ئاق خۇن كۆپىيىپ، ھەيز مىقدارى ئارتىپ ۋە ئاغرىتىپ كېلىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاغرىق سېزىمى كۈچىيىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلىنىش سەۋەبلىك توسۇلۇپ، ئىسپېرمىنىڭ بۇ نەيچىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە، پەرزەنت كۆرەلمەسلىك يەنى تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ.

بەزى قىز-ئاياللار قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا، دائىم سۈرگە دورىلارنى ئىشلىتىدۇ، گەرچە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەرەت راۋانلاشقاندەك قىلغان بىلەن، ئەمما ئۈچەيدە دورىغا تايىنىشچانلىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ-دە، دورا ئىستېمال قىلىش توختىتىلغان ھامان قەۋزىيەت يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، تەرەتنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزىراپ، قوشنا بولغان تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە تۇخۇمدانغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.