مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 959 رەت   / مەنبە: -

چوڭ تەرەتنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىدا پەيدا بولغان كېسەللەرگە باھا بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا چوڭ تەرەتنى تەكشۈرۈش ھەرخىل كېسەللىكلەرنى ئېنىقلاشتا، بولۇپمۇ ھەزىم ئەزالىرىدىكى كېسەللىكلەر ( جىگەر، ئاشقازان، تال، ئۈچەي، ئۆت قاتارلىق ئەزالار كېسەللىكى) گە باھا بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 


1. چوڭ تەرەتنىڭ گۈلىدەك قاتتىق كېلىشى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈچەيگە يېتىشمەي قالغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپ، ئۇ قۇلنجى (ئۈچەي توسۇلۇش) كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ. 


2. چوڭ تەرەتنىڭ تاسمىدەك ياپىلاق كېلىشى ئۈچەيدە ئىششىقنىڭ بارلىقىدىن، يەنى بوغماق ئۈچەي ئىششىقى، مەقئەتتە بوۋاسىرنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 


3. چوڭ تەرەتنىڭ سۇيۇق، سېرىق، ئاغرىقسىز كېلىشى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈچەيگە قۇيۇلۇشىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپچىققان ئۈچەي ياللۇغى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 


4. چوڭ تەرەتنىڭ بوش بولۇپ، سۈرۈلۈپ، تەرەتكە يېگەن نەرسىلەرنىڭ ھەزىم بولماي ئارىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئاشقازان، ئۈچەي ھەزىمىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن كېلىپچىققان ئاشقازان، ئۈچەي يەللىك ئىششىقى كېسىلىگە بەلگە بېرىدۇ. 


5. چوڭ تەرەتنىڭ شىلىمشىق، قارامتۇل، قورساقنى مۇجۇپ ئېچىشتۇرۇپ كېلىشى ئىنچىكە ئۈچەي يارىسى كېسىلىگە بەلگە بېرىدۇ. 


6. چوڭ تەرەتكە ئاق بەلغەمسىمان ماددىلارنىڭ ئارىلىشىپ كېلىش، ئۈچەي ساھەسىدە بىرئاز مۇجپ ئاغرىش بولسا، بۇ يەل، تولغاق كېسەللىكىگە، قان ئارىلاش كەلسە قان تولغاق كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ. 


7. چوڭ تەرەتنىڭ بوش بولۇپ قېتىم سانى كۆپ بولۇشى ماسارىقىدا توسۇلۇش بولغانلىقىغا بەلگە بېرىدۇ. 


8. چوڭ تەرەتنىڭ كۆكۈچ، سۇيۇق، كۆپۈكلۈك كېلىشى تال كېسەللىكىگە بەلگە بېرىدۇ. 


9. چوڭ تەرەتنىڭ ئالدىدا قان كېلىش تاشقى بوۋاسىر كېسىلى بارلىقىغا، تەرەتتىن كېيىن ئىنجىق كېلىشى ئىچكى بوۋاسىر كېسىلى بارلىقىغا بەلگە بېرىدۇ. 


10. چوڭ تەرەتنىڭ قارامتۇل كېلىشى ئاشقازان-ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى كېسىلىگە بەلگە بېرىدۇ. 


11. چوڭ تەرەتنىڭ گۈرۈچ سۈيىدەك كېلىشى ھەيزە، خولېرا ياكى ۋابا كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ. 


12. چوڭ تەرەتتە پۇرچاق شورپىسىدەك دانچىلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن سېرىققا مايىل بولۇشى ئۆرە كېزىك كېسىلىگە بەلگە بېرىدۇ. 


13. چوڭ تەرەتنىڭ كۈل رەڭ ياكى ئاقۇچ، قاتتىقراق كېلىشى يەرقان (سېرىقلىق كېسەل)، جىگەر بىلەن ئۆت يولى توسۇلغان ياكى ئۆت بىلەن ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يولى توسۇلۇشتىن پەيدا بولغان يەرقانغا بەلگە بېرىدۇ. 


14. چوڭ تەرەتنىڭ كۆپىنچە كېچىدە سۈرۈلۈپ كېلىشى، مىڭىدىن نەزلە (زۇكامنىڭ بىر تۈرى) سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈچەيگە چۈشىۋاتقانلىقىدىن بەلگە بېرىدۇ. 


15. چوڭ تەرەتنىڭ دەسلەپتە قاتتىق، كېيىن سۈرۈلۈپ بوش كېلىشى بۆرەك زەئىپلىكىگە بەلگە بېرىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.