جاۋاپ:گېمروي كېسەللىك قوزغىلىش جەھەتتىن قارىغاندا، ئادەتتە راكقا ئۆزگەرمەيدۇ. بىراق كىلىنكىدا %90 تىن ئارتۇق تۈز ئۈچەي راكى بىمارلىرىغا دەسلەپكى مەزگىلدە گېمروي دەپ خاتا دىئاگنوز قويۇلغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى-ئۇلارنىڭ ئالامىتى يەنى قانلىق تەرەت كېلىش ئوخشاپ كەتكەنلىكتە. گېمروي تۈز ئۈچەي، مەقەت قىسمىدىكى ئىچكى ۋېنا تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىشى، ئەگرى-بۈگرىلىشى، كۆتىرىلىپ قېلىشىدىن شەكىللەنگەن ۋېنا تومۇر ئۆسمىسى بولۇپ، ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ھېسابلىنىدۇ. راك خارەكتىرلىك ئىششىق ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلىنىشى پىشىپ يېتىلمەي، زىيادە ئۆسۈپ كەتكەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. پاتولوگىيىلىك ۋە كىلىنىكلىق ئىپادىسى جەھەتتە ماھىيەتلىك پەرقى بار. بىراق كىلىنكىدا گېمروي بىمارلىرىغا تۈز ئۈچەي راكى ياكى بوغماق ئۈچەي راكى قوشۇلۇپ كېلىش ئەھۋالىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئۆزىنىڭ يامان خارەكتىرلىك ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا قانلىق تەرەت كېلىش ئالامىتى بار بىمارلار ئەڭ ياخشىسى تالالىق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈپ، چوڭ ئۈچەي راكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىتىپ بېقىشى كېرەك. بەزىدە گېمروي راكقا ئۆزگىرىش ئەھۋالى كۆرىلسىمۇ، بىراق بۇ گېمروي شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش، ئۇزاق مۇددەت يۇقۇملىنىش، بولۇپمۇ يېشىل يىرىڭلىق تاياقچە باكتىرىيىسىدىن يۇقۇملىنىش، تەكرار قوزغىلىش ھەمدە مەقەت ئەتراپى يىرىڭلاش، مەقەت ئاقمىسى قاتارلىقلارنى ئۇزۇن داۋالىسىمۇ ساقايمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.