تونۇش: مەقئەت قىچىشىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان بىماردا مەقئەت ئەتراپى ۋە پۇرىمەكلىرىنىڭ تۇتقاقلىق قاتتىق قىچىشىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: مەقئەت ساھەسىگە ئۆتكۈر خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى، روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرى، بالىلاردا تۈتۈ مەددىنىڭ ئاۋارە قىلىشى، مەقئەتنىڭ ئۆزى ياكى مەقئەت كانىلىدا يۈز بەرگەن تۈز ئۈچەي مونچاق گۆشى، مەقئەت يېرىلىش، مەقئەت ئاقمىسى، بوۋاسىر قاتارلىق ھەرخىل مەقئەت كېسەللىكلىرى ھەمدە مەقئەت ئەتراپىنى پاكىز تۇتماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جىگەر، بۆرەك، دوۋساق كېسەللىكلىرىنىڭ ئەسەبلىرى ئارقىلىق ئەكس ئېتىشىدىنمۇ مەقئەت قىچىشىش پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: مەقئەت ئەتراپى تۇتقاقلىق ھالدا قاتتىق قىچىشىدۇ. ئۇزاق قاشلاش نەتىجىسىدە تېرە زېدىلىنىدۇ، تېرە قېلىنلىشىپ يىرىكلىشىدۇ. تەمرەتكە پەيدا بولۇپ قېچىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بولۇپمۇ يىغىلىش، زىياپەت قاتارلىق ئادەم كۆپ يىغىلغان سورۇنلاردا، ھاۋا ئىسسىق جايلاردا بەكرەك قىچىشىپ بىئارام قىلىدۇ، بىمارنىڭ ئۇخلىشى، ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ بەك ئازابلايدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى يوقىتىش، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: مەتبۇخى شاھتەررە، مەتبۇخى ئەپتىمون، قۇرسى شاھتەررە، ھەببى شاھتەررە، ئەرقى شاھتەررە قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غەلىز، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، غىغىقلاش خۇسۇسىيىتى بولمىغان يېمەك-ئىچمەكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.