تونۇش: مەقئەت چىقىپ قېلىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان، بىماردا كۆتەن ئۈچەينىڭ مەقئەتكە يېقىن بىر قىسمى چوڭ تەرەت قىلىش ۋاقتىدا مەقئەتتىن ئۆرۈلۈپ چىقىش، ئىششىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ئومۇمىي بەدەننىڭ كېسەللىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئاجىزلاپ كېتىشى، بالىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ سوزۇلما تولغاق ياكى سوزۇلما ئىسھال كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ، دائىم كۈچەي چوڭ تەرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغۇت ۋاقتىدا قاتتىق ئىنجىقلاپ كۈچىشى، مەقئەت پۈرمەك مۇسكۇللىرىنىڭ بواپ كېتىش، بوۋاسىر، چوڭ ئۈچەينىڭ يۇقۇملىنىشى، سۈيدۈككە تاش چۈشۈش، مەقئەت پۈرمەكلىرىدە ھۆللۈك زىيادىلىشىش ۋە باشقا ئامىللار سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ كۆپرەك بالىنىستا سادىر بولىدۇ، ياخشى داۋالانمىسا ياكى ساقايغاندىن كېيىن يۇقىرىقى ئىللەتلەرنىڭ بىرەرى يۈز بەرسە قايتىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئالامىتى: چوڭ تەرەت قىلغان چاغدا مەقئەت ئۆرۈلۈپ چىقىپ قالىدۇ، تەرەتتىن كېيىن ئۆرۈلۈپ چىققان مەقئەت ئۆزلۈكىدىن كىرىپ كېتەلمەي قول بىلەن ئىتتىرىپ كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. مەقئەتنىڭ چىقىش دەرىجىسى بىرخىل بولماي بەزىدە كۆتەن ئۈچەينىڭ خېلى بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ چىقىپ تەرەت قىلغان چاغدا ئاغرىيدۇ. ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىگە پاسكىنا قول، چالما (داڭگال) ۋە باشقىلار تېگىپ ئۇفۇنەتلىنىدۇ، ئىششىپ ئاغرىپ ئازابلايدۇ، ئوڭاي كىرىپ كەتمەيدۇ، بىمارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى يوقىتىش، مەقئەت تارامۇشلىرىنى چىڭىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.