مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1162 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: مەقئەت ئاقمىسى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەقئەت ئەتراپىدا پەيدا بولىدىغان، يىرىڭلىق ئىششىق تۆشۈكى تولۇق ساقىيىپ كەتمىگەنلىكتىن كۆرۈلىدىغان، دائىم زەرداب سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان، ئاقما ئەتراپى قىزىرىپ، شەلۋەرەيدىغان، ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتمىسا يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: مەقئەت ئاقمىسى مەقئەت كۆتەن ئۈچەي ئەتراپىدا يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولۇپ، مەزكۇر يىرىڭلىق ئىششىقنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئېغىز ئېلىشى ياكى يېرىلىپ داۋالاشتا داۋالاش توغرا تولۇق بولماي بىر ئاقما قانال شەكىللىنىپ قېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئادەتتە ھەرقانداق جاراھەت بولۇپمۇ يىرىڭلىق جاراھەتلەر ساقىيىشقا قاراپ ماڭغاندا ئۇنىڭدا بىر قانالچە شەكىللىنىدۇ. قانالچىنىڭ يۈزىنى بىرخىل ئۆلۈك بىخلىما گۆش قاپلايدۇ. دااۋالىغۇچى ماھىر بولسا يارا قانىلى ئىچىگە گۆشخور دورىغا چىلانغان داكا تىقىدۇ، داكا كۈنىگە يەڭگۈشلەنسە، بۇ داكا يارا قانىلىدا بىخلىما گۆش ئۈندۈرگىلى قويمايدۇ. بۇنداقتا يارىنىڭ ئىچى تازىلىنىپ، ئىككى تەرەپتىكى گۆشلەر بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ ئاقما شەكىللەنمەي يارا ساقىيىدۇ، بۇنداق داۋالانمىسا بىخلىما گۆشلەر يارىنىڭ تولۇق ساقىيىشىغا دەخلى يەتكۈزۈپ، ئاقما تۆشۈك پەيدا قىلىدۇ. 

كۆتەن ئۈچەي-مەقئەت ئەتراپىدا يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولۇش، كۆتەن ئۈچەيدىكى جاراھەتلەر چوڭقۇرلىشىپ، بوۋاسىر پۈۋەكچىلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىپ يىرىڭلاشنىڭ نەتىجىسىدۇر. 

ئالامىتى: بىرىنچى، كۆتەن ئۈچەيگە يەتمىگەن ناسوردا داۋاملىق زەرداپ ۋە يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ ئىشتاننى بۇلغايدۇ. زەرداب سۇنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ناسور ئەتراپى قىزىرىپ شەلۋەرەيدۇ، ھەتتا تەمرەتكە پەيدا بولىدۇ، ئاقما تۆشۈك ئېغىزى ئېتىلىپ يىرىڭ توسۇلۇپ قالسا ياكى ئۇفۇنەتلىنىپ ياللۇغ شەكىللەنسە قاتتىق ئاغرىيدۇ. بەزىدە بىمارنىڭ بەدەن ھارارىتى ئۆرلەيدۇ. بىمار تېنىدە بىرخىل بىتابلىق ھېس قىلىدۇ. 

ئىككىنچى، كۆتەن ئۈچەي بىلەن ئۆتۈشمە شەكىللەنگەن بولسا، يۇقىرىدىكى ئومۇمىي بەدەنلىك ۋە يەرلىك ئالامەتلەردىن تاشقىرى تۆشۈكنىڭ بىر ئېغىزى كۆتەن ئۈچەيدە بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە ئاقمىدىن گەندە كېلىپ قالىدۇ-دە، يەل چىقىدۇ. 

يۇقىرىدىكى ئىككى خىلنى پەرىقلەندۈرۈشتە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىمارنى چوڭقۇر نەپەس ئېلىشقا بۇيرۇپ مەقئەتكە پاختا قويۇلۇپ تۆەنگە چىڭقىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئەگەر ئۈچەيگە تۇتاشقان بولسا ئاقمىدىن يەل چىقىدۇ، تۇتاشمىغان بولسا يەل چىقمايدۇ. 

ئىنچىكە پاختا پىلتىگۈچ گۈل يېغىغا تەككۈزۈلۈپ ئاقما تۆشۈككە ئاۋايلاپ تىقىلىدۇ، بىر بارماق مەقئەتكە تىقىلىپ پىلتىگۈچ ئۇچى ئىزدەپ كۆرۈلىدۇ، ئۈچەيگە تۇتاشقان بولسا، پىلتىچ ئۇچى بارماققا ئۇرۇنىدۇ، تۇتاشمىغان بولسا ئۇرۇنمايدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: يارىنى تازىلاش، بىخلىما گۆشلەرنى يوقىتىش ۋە يېڭىدىن ئەت ئۈندۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: بىنەبشە شەربىتى، زىمادى ئىسپىغۇل، ھەببى كىبرىت، ئايارەنج لوغانزىيا، سوفۇپى چار دورا قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سوغۇق تەبىئەتلىك، غەلىز، يەللىك، غىدىقلىغۇچى  دورا-دەرمەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قورۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.