مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 871 رەت   / مەنبە: -

مەقئەت يېرىلىش دېگىنىمىز: مەقئەت كانالچىسى ئۈستىدە غەيرىي ھالىدا نۇرسمان ھالەتتىكى تۇغىرىسغا سوزۇلغان ئىللىپىس شەكلىدە يارا بولۇپ ،ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ㎿_0.5 ، كۆپىنىچە مەقئەت كانالچىسىنىڭ ئارقاقىسىمىدا كۆرۇلىدۇ، ئاندىن قالسا ئالدى قىسمىدا كۆرۇلىدۇ، ئاياللاردا بولسا ئالدى ئارقا قىسمدا كۆرۇلىدۇ، ئىككى يان تەرپىدە ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ياشلاردىمۇ كۆپ كۆرۇلىدۇ، ئەرلەرگە سېلىشتۇرۇغاندا ئاياللاردا كۆپ بولىدۇ. ئۇ مەقئەت قىسمىدا ئۇزۇلۇكسىز ھالىدا داۋاملاشقان قاتتىق ئاغىرىش بولۇش ، تەرەت قىلىش قىيىنلىشش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلنىدۇ. مەقئەت _ئۈچەي كېسەللىكىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نسىبىتى بويىچە قارىغاندامەقئەت _ئۈچەي كېسەللىكىلىرى ئىچىدە  مەقئەت يېرىلىش %20نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ گېمورويدىن قالسىلا ئىككنچى  ئورۇندا  تۇرىدۇ.

يەرلىك ئورۇننى تەكشۇرۇپ كۆرگەندىكى ئەھۋالغا ئاساسەن ، مەقئەت يېرىلىشنىڭ ئېغىر_يەڭگىلىكىگە قاراپ 3دەرىجىگە بولۇشگە بولىدۇ. 

Ⅰ_دەرىجىلىك مەقئەت يېرىلىش  بۇ ئادەتتكى يەككە مەقئەت يېرىلىش . مەقئەت يېرىلىش دەسلەپتە ئۆسىدۇ، ۋە يارا يۇزىدىكى ئۈزۇنىسغا سوزۇلغان تالالار ئىنىق كۆرۇنىدۇ. 

Ⅱ_دەرىجىلىك مەقئەت يېرىلىش بۇ يار شەككىلەنگەن مەزگىلىدۇر . ئەتىراپ گېرۋەكلىرى كۆتۇرلۇپ چىققان ، قاتتىقلىق بولىدۇ، يارا يۇزىدىكى توقۇلمىلار يىڭى ئەمەس ، رۇشەن دەرىجىدىكى يارا شەككلەنگەنلىكىنى كۆرۇشكە بولىدۇ.

Ⅲ_دەرىجىلىك مەقئەت يېرىلىش مەقئەت يېرىلغان چاغدا 3~5گىچە پاتالوگىيەلىك ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ۋە بۇنىڭغا ئەمچەكسىمان بىشى يوغىناش ، قاراۋۇل گېموروي ياكى تېرە ئاستى ئاقمىسى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.