چوڭ تەرەت رەڭگى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل بولىدۇ:
1. سېرىق رەڭلىك چوڭ تەرەت: چوڭ تەرەتنىڭ قېنىق سېرىق بولۇشى بەدەندە سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) خىلىتىنىڭ كۆپلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تەرەت سېرىق كەلسە، كېسەلنىڭ ساقىيىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۈتلۈك تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىمۇ تەرەتنىڭ رەڭگى ئاچ سېرىق كېلىدۇ.
2. قىزىل رەڭلىك چوڭ تەرەت: تەرەتتە قاننىڭ بولۇشى تۈز ئەچەيدە جاراھەت بارلىقىدىن، بوۋاسىر قانىغانلىقىدىن ياكى مەقئەت يېرىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
3. قارا رەڭلىك چوڭ تەرەت: تەرەتنىڭ قارا كېلىشى سۈيدۈكنىڭ قارا كەلگىنىگە ئوخشاش جىگەردە خىلىتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقى، ئاشقازاندا سەۋدا خىلىتىنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاشقازان يارىسى ياكى ئۈچەينىڭ يۇقىرىراق قىسمىدىن چىققان يوشۇرۇن قان قوشۇلۇپ كەلسىمۇ تەرەت قارا كېلىدۇ. سەۋدا خىلىتى (قۇرۇق سوغۇق) قوشۇلغان قارا رەڭلىك چوڭ تەرەت توپىغا چۈشكەندە قاينىغاندەك كۆپۈكلىشىدۇ. تەرەتكە سەۋدا خىلىتىنىڭ قوشۇلغانلىقى تالنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ ياكى قوشۇلۇپ كەلگەن ماددىنىڭ خاملىقىنى بىلدۈرىدۇ. سەۋدا خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەردە تەرەتنىڭ قارا كېلىشى ماددىنىڭ پىشقانلىقى، كېسەللىكنىڭ ساقىيىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈچەي كېزىكى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ چوڭ تەرىتى پۇرچاق شورپىسىدەك، ۋابا كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ گۈرۈچ يۇغان سۇدەك كېلىدۇ. تولغاق كېسەللىكىدە چوڭ تەرەت شىلىمشىق ماددا، قان ۋە يىرىڭ ئارىلاش كېلىدۇ. بۇ ئۈچەي دىۋارىدا يارا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
4. ئاقۇچ كۈل رەڭ چوڭ تەرەت: ئەگەر ئۆت يولىدا توسۇلۇش بولسا ياكى جىگەر كېسەللىكلىرى، سېرىق كېسەل ( يەرقان) بىلەن ئاغرىپ سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) خىلىتى كۆپلەپ قانغا ئۆتۈپ كەتسە، كۈل رەڭ ياكى ئاقۇچ رەڭلىك چوڭ تەرەت كېلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.