تونۇش: ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان، بىماردا مەقئەت پۈرىمەك گۆشلىرى يېرىلىپ ئېرىقچە شەكىلدە زېدىلىنىدىغان، ئوڭايلىقچە ساقايمايدىغان، بىمارنى ئۇزاق ئازابلايدىغان، ھەرقانداق ياشتىكىلەردە كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: بۇ مەقئەت ۋە مەقئەت ئەتراپىنىڭ جىددىي ياللۇغلىنىشى، قۇرۇق ئىسسىقلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن مەقئەت پۇرىمەك مۇسكۇللىرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، بوۋاسىردىن پەيدا بولىدىغان مەقئەت تېرىسىنىڭ زەخىملىنىشى، گەندە مونىكىنىڭ قاتتىق ھەم توم بولۇشى، مەقئەت ئەتراپى تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: ئۆتكۈر ياللۇغلانغاندا مەقئەت ئەتراپى قىززىرىپ ئىششىيدۇ. بالىلاردا قىزىتما پەيدا بولىدۇ، چوڭلاردا بولسا ئولتۇرغاندا، ماڭغاندا، تەرەت قىلغاندا ئاغرىيدۇ.
بوۋاسىرغا ئوخشاش گەندىنىڭ ئۈستىگە برقانچە تامچىدىن بىرقانچە مىللىلىتىرغىچە قان تېمىپ قالىدۇ، ئۇزاققىچە ساقايمايدۇ. ئوفۇنەتلىنىش ئاسانلا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھارارەت سەپرا ياكى قان خىلىتى تەسىرىدىن پەيدا بولغان بولسا شۇلارغا خاس ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، مەقئەت ئېچىشىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، جاراھەت پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: بىنەبشە شەربىتى، دىنار شەربىتى، ئىترىفىل سەغىر، مەجۈنى چۆپچىن، مەجۈنى سانا قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.