مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1513 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بانان ئىسسىق بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغدىكى رايونلاردىن چىقىدۇ، بانان غەمكىنلىكنى تۈگىتىدىغانلىقتىن، ياۋروپالىقلار ئۇنى «شادلىق مېۋىسى» دېيىشىدۇ، قىزلار بولسا باناننى ئورۇقلاش مېۋىسى دەپ قارايدۇ. 

بانان يەنە «ئەقىل-پاراسەت مېۋىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇددا دىنىنى ئىجادچىسى ساكيامۇنى بانان يېگەنلىكتىن ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولغان ئىكەن.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

بانان تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، پانتوتېنىك كىسلاتا، شۇنىڭدەك كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كالىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. 

بانان روھىي بېسىمنى ئۈنۈملۈك ھالدا يەڭگىللىتىدۇ، غەمكىنلىكنى تۈگىتىپ، ئادەمنى شادلاندۇرىدۇ. 

ئۇخلاشتىن بۇرۇن بانان يېگەندە، تىنچلاندۇرۇش رولى بولىدۇ. 

بانان ئورۇقلاش ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇ تېرە، چاچنىڭ ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك ھالدا قوغدايدۇ، پۇت-قول تېرىسى يېرىلىشقا قارىتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرىنى سىلىق ۋە يۇمشاق قىلىدۇ. 

بانان سەكتە ۋە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرلارنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئامېېرىكا ئالىملىرى ئۇدا بىر ھەپتە، كۈنىگە ئىككى تال بانان يېسە، قان بېسىمنى %100 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. كۈنىگە بەش تال بانان يېگەندە، ئۇنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ كۈنلۈك ئىستېمال قىلىنىدىغان مىقدار ئۈنۈمىنىڭ %50 گە باراۋەر بولىدىكەن. 

 باناننىڭ ئۈچەينى سىلىقلاپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەل توختىتىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولى بار، ھەمىشە بانان يەپ بەرگەندە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. 

بانان شۆپۈكىدىمۇ بەزى باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان تەركىبلەر بار. ئەگەر ئادەمنىڭ تېرىسى زەمبۇرۇغ ياكى باكتېرىيە تەرىپىدىن يۇقۇملىنىپ ياللۇغلىنىپ قالسا، شۇ ئورۇنۈغا بانان شۆپۈكى تېڭىپ قويسا جەزمەن ئويلاپ باقمىغان ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بانان ئورۇقلىماقچى بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. 

باناننى توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىماسلىق لازىم، 13 سىلسىيە گىرادۇستا يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ. 

بانان ئۇرۇلۇش، بېسىلىش، توڭلاپ قېلىش سەۋەبىدىن ئاسانلا قارىداپ كېتىدۇ، ئۆي تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا باناندا ناھايىتى ئاسانلا باكتېرىيىلەر ئۆسۈپ قالىدۇ، بۇنداق باناننى ئەڭ ياخشىسى تاشلىۋېتىش لازىم. 

ئاشقازان كىسلاتاسى ككپىيىپ كەتكەنلەر بانان ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، ئاشقازان يارىسى، دىئابېت كېسىلى بارلار، ئاشقازىنى ئاغرىيدىغانلار، ھەزىم قىلىشى ناچارلار، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر باناننى ئاز يېيىشى لازىم. 

باناننىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەركىبىدە كالىي ككپ بولغانلىقتىن، سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، سۇلۇق ئىششىق كېسىلى بارلار بانان ئىستېمال قىلىشتا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى لازىم. بانان تەركىبىدە يەنە بىر قەدەر كۆپ مىقداردا ناترىي تۇزلىرى بولغانلىقتىن، بۆرەك ئىقتىدارى ناچارلار ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ناترىي تۇزىنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى چەكلىشى زۆرۈر بولغانلىقتىن، چوقۇم بانان يېمەسلىكى، يېگەندىمۇ ئاز يېيىشى كېرەك. 

ياشانغانلار بانان يېگەندە گېلىغا تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئچۈن ئۇنى يالماپ يۇتماسلىقى لازىم. 

باناننى تارو (ياڭيۇغا ئوخشاش يېيىشكە بولىدىغان كۆكتات) بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.