مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1274 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەنجۈر پىشقاندا يۇمشاق بولىدۇ، تەمى تاتلىق، ئورۇقى يوق، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول ۋە ئەتراپلىق بولۇپ، «شاھ مانتىسى» دېيىلىدۇ. 

ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى چوڭ ھەم قېلىن، ئېچىلغان چېچەكلىرى بولسا ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، شاخ-يوپۇرماقلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىدىغانلىقتىن، كىشىلەر ئاسانلىقچە ئۇنى كۆرەلمەيدۇ؛ مېۋىسى كۆزگە چېلىققىدەك بولغاندا بولسا چېچەكلىرى ئاللىقاچان توزۇپ بولغان بولىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى (چېچەكلىمەي مېۋىلەيدۇ) دەپ ئويلاپ قالىدۇ.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ئۈنجۈر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىنلار بار.

ئەنجۈر ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بوۋاسىر، قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى، يەنە ئىچ سۈرۈش، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ. 

ئەنجۈر ئۈچەي يولىدىكى ھەرىىل زىيانلىق ماددىلارنى ئۆزىگە يېپىشتۇرۇۋالىدۇ ۋە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، ئۈچەي يولىنى تازىلايدۇ. 

ئەنجۈرنىڭ قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش ۋە ياغنى پارچىلاش رولى بار بولۇپ، ياغنىڭ قان تومۇر ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ قېلىشنى ئازايتىدۇ، بۇ ئارقىلىق قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. 

ئەنجۈرنىڭ ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، كېكىردەك ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ. 

ئەنجۈر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇش، ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئېكىلىش خاراكتېرلىك بەز راكى، لىمفا ساركومىسىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئاستىلىتىپ، ئۇلارنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئەنجۈرنى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقا بولۇپلا قالماي، يەنە قاق قۇرۇتۇپ ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. 

مېڭە قان تومۇرىدا كۆتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلگەنلەر، جىگەرگە ياغ ئولتۇرۇشۇش كېسىلى بارلار ئۈنجۈر يېمەسلىكى، چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىدىغانلارمۇ ئەنجۈر يېمەسلىكى لازىم. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.