مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1349 رەت   / مەنبە: -شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

خاسىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا خەلق ئارىسىدا ئۇ يەنە «ئۇزۇن ئۆمۈر مېۋىسى» دېيىلىدۇ ھەمدە دادۇرغا ئوخشاشلا «ئۆسۈملۈكتىن چىقىدىغان گۆش» دەپ تەرىپلىنىدۇ. 

خاسىڭنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشلىقنىڭكىدىن يۇقىرى، تۇخۇم، سۈت، گۆش قاتارلىق ھايۋانات مەنبەلىك بەزى يېمەكلىكلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.


ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

خاسىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن E نىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، 100 گرام خاسىڭ يېغى تەركىبىدە تەخمىنەن 42 مىللىگرام ۋىتامىن E بولىدۇ. خاسىڭ تەركىبىدە يەنە ۋىتامىن K، ۋىتامىن B، ۋىتامىن B2، كالتسىي، فوسفور، سېلېن قاتارلىقلار بار. 

خاسىڭنىڭ تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، بەلغەم بوشىتىش، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، يەلنى نورماللاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئوزۇقلىنىش ناچارلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا مۇئەييەن داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. 

خاسىڭنىڭ قان توختىتىش رولى بار، ئۇنىڭ قىزىل پوستىنىڭ قان توختىتىش رولى مېغىزىنىڭكىدىن 50 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، قاناش خاراكتېرلىك كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا ناھايىتى ياخشى قان توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. خاسىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، تېرىنى نەمدەيدۇ. 

خاسىڭ خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئارتېرىيە قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىم ۋە تاجسىمان ئاتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. 

خاسىڭ قان پلاستىنكىلىرىنىڭ يىغىلىۋېلىشىنى ئازايتىپ، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

خاسىڭنىڭ قۇۋۋەتنى تولۇقلاش، تال-ئاشقازاننى ياخشىلاش، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، بەلغەم بوشىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، يەلنى نورماللاشتۇرۇش، ھۆللۈكنى ھەيدەپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش، قان توختىتىپ، سۈت ھاسىل قىلىش، يۇتقۇنچاقنى تازىلاش، بەزگەكنى توختىتىش رولى بار.


ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

كېسەلدىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەر، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ساقىيىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلار ھەمدە ھامىلىدار ئاياللار، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار خاسىڭ ئىستېمال قىلىپ بەرسە بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈنۈمى بولىدۇ. 

خاسىڭنى قورۇغان ياكى ياغدا پىشۇرغاندىن كېيىن، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىققا ئۆزگىرىدۇ، بۇنداق خاسىڭنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. سوغۇق تېگىپ زۇكامداپ قالغانلار، كېكىردەك ياللۇغلىنىپ قالغانلار خاسىڭنى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم. 

خاسىڭ قاننىڭ ئۇيۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشكە تۈرتكە بولىدۇ، شۇڭا قېنىنىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرىلار ياكى قان نۆكچىسى شەكىللەنگەنلەر خاسىڭ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 

خاسىڭ تەركىبىدە ياغ كۆپ، ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى بارلار ياكى تېرىسى مايلىشاڭغۇ، ئاسانلا دانىخورەك چىقىپ قالىدىغانلار خاسىڭنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 

خاسىڭنى ھەزىم قىلىشتا ئۆت سۇيۇقلۇقى كۆپ سەرپ بولىدۇ، شۇڭا ئۆت كېسىلى بارلار خاسىڭ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 

بەدىنىدە ئۇرۇلغان ئىششىق ياكى يىرىڭلىق جاراھەت بارلار خاسىڭنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. 

خاسىڭنى قىزىل پوستى بىلەن چىلانغا ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ھەم بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، ھەم قاننى توختىتىدۇ، بۇ تېنى زەئىپ، قاناش كېسىلى بارلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. 

خاسىڭ كۆكىرىپ قالغاندىن كېيىن كۆپ مىقداردا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا-ئافلاتوكسىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭا كۆكىرىپ قالغان خاسىڭنى ھەرگىز يېمەسلىك كېرەك. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.