مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1168 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

  سۆڭەك شورپىسى قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ. سۆڭەك شورپىسى تەركىبىدە ئالاھىدە ئوزۇقلۇق ۋە يېلىم ئاقسىلى بار بولۇپ، مىكرو ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، قېرىلىقتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوقىتىدۇ.

   كۆكتات شورپىسى بەدەننى تازىلايدۇ. يېڭى كۆكتات تەركىبىدە زور مىقداردا ئىشقارلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، كۆكتات شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە، قان سۇيۇقلۇقى ئاجىز ئىشقارلىق ھالەتكە كېلىپ، تەندىكى بۇلغىغۇچى، زەھەرلىك ماددىلار سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ.

   بېلىق شورپىسى دەم سىقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بېلىق شورپىسى تەركىبىدە زور مىقداردا ياللۇغلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن نەپەس يولى ياللۇغلىنىشنىڭ ھەمدە دەم سىقىلىش كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

   لامىنارىيە شورپىسى سوغۇقتىن ساقلايدۇ. لامىنارىيە تەركىبىدە زور مىقداردا يود ئېلېمېنتى بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، سوغۇق تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

   ئاش سۈيى مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. چوڭ مېڭە تەركىبىدىكى ئاتسېتىل خولىن يېتەرلىك بولمىسا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ، چوڭ مېڭە تەركىبىدىكى ئاتسېتىل خولىننى تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى — تەركىبىدە لېتسىتىن مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت. لېتسىتىن سۇ بىلەن ئاسان بىرىكىدىغان بولغاچقا، لەڭمەن ئەتكەندە زور مىقداردىكى لېتسىتىن ئاش سۈيىگە چىقىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاش سۈيىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.