كۈدە : ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ، ساغلام ئورۇقلاش ۋە ئۈچەينى تازىلاشتا پايدىسى زور .
پۇرچاق ئۈندۈرمىسى : تەركىبىدە سۇ كۆپ ، ماي ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن ، ساغلاملىق رولى چوڭ ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆك پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئەڭ ياخشى .
كۆك كاۋا : كۆك كاۋىنىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار .
تەرخەمەك : تەركىبىدە پىرۇپىل ئالكومول كىسلاتاسى بولغاچقا ، ئۇ ئادەم تېنىدىكى قەنت ماددىسىنىڭ مايغا ئايلىنىشىنى تورمۇزلاپ ، تەندە ماينىڭ توپلىشىپ قېلىشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالدىنى ئالىدۇ .
ئاق تۇرۇپ : تەركىبىدە ماينىڭ ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان فېرمېنت تۈرىدىكى بىر خىل ماددا بار بولۇپ ، ئۇ ماينىڭ تېرە ئاستىغا يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.