ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بىردىنبىر مەسىلىسى ئەمەس

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2013-09-27 18:57:55

گۈلەن ھەرىكىتىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تەسىر كۈچى ئۇنىڭ جىنايەت سادىر قىلغان ئەزالىرىنىڭ قانۇن سىرتىدا يايراپ يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بىر ئىشەنچىلىك ئىسپاتى بار دېلودا، مەلۇم ھەربىي بازىدىكى گۈلەن ھەرىكىتى ئۈچۈن كەتمەن چاپىدىغان ئالاقىسى يوق بىر ئوفىتسېر باشقا ئوفىتسېرلارغا قارا چاپلايدىغان ماتېرىيال باستۇرغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلدى. ھەربىي تەپتىش ئەمەلدارى ناھايىتى تېزلا ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىش سەۋەبلىك قولغا ئېلىندى، لېكىن جىنايەتچىنىڭ ئەمىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. گۈلەن ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ھەمدە گۈلەن ھەرىكىتىنىڭ قىلمىشىنى پاش قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ئۇ ئۇزۇن مەزگىل ئەگەشكەن سولچىل تەشكىلات بىلەن تىر بىرىكتۈردى دەپ ئەيىبلەندى؛ ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇمۇ تۈرمىگە قامالدى.

چۈشۈرۈش

    دۆلەت ئىچىدە، گۈلەننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تۈركىيەدە دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت قۇردى، ساقچى، ئەدلىيە ۋە بيۇروكرات سىستېمىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. گۈلەنئىزمچىلار تۈركىيە ساقچىلىرىنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى 2009-يىلى «بىز ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا باشقىچە پىكىرى يوقلىقىنى بايقىدۇق» دېگەن ئىدى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۈركىيە