-
بىز كىتابتىن ئوزۇق ئالىمىز، بىلىم ئالىمىز، روھ ئالىمىز، كۈچ-قۇۋۋەت ئالىمىز، غەيرەت-شىجائەت ئالىمىز. ۋۇجۇدىمىزنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەندە كىتاب قەلبىمىزنى يورۇتۇپ، بىزگە يېڭى بىر دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
-
ياشاش قەۋەت خاسىيەتلىك بىر ئىش. لېكىن كىتابسىز ياشاش ياشىمىغان بىلەن باراۋەر. ھېچبولمىغاندا كىتاب ئوقۇپ ياشىغىنىڭ پۈتۈن ياشىغىنىڭ، كىتاب ئوقۇماي ياشىغىنىڭ كەم دېگەندە ھاياتىڭنىڭ يېرىمىنى ياشىماي قويغىنىڭ بىلەن باراۋەر.
-
ھەرقانداق قىممەت قاراشنى ئوخشاش قوبۇل قىلىدىغان ياكى مۇستەقىل ئورتاق قىممەت قاراش بولمىغان دۆلەت ياكى مىللەت تەدرىجىي يوقىلىدۇ.
- بىل پەررى(ئامېرىكا قىممەت قاراش مۇتەخەسسىسى) -
-
ئامېرىكا قىممەت قارىشىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ ئامېرىكا تەرەققىياتىدىكى رولىنى چۈشىنىش، ئۆز قىممەت قارىشىمىزنىڭ نېمىلىكى ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدە ئويلىنىش مەقسىتىگە يىتىش ئاددىي مەقسەتلەرنىڭ بىرى.
-
-