پەلەستىن ب د ت غا ئەزا بولالامدۇ؟

    _べ Tag:  2011年09月23日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/163239856.html

    پەلەستىن ب د ت غا ئەزا بولالامدۇ؟


    پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشى قوللاشقا ئېرىشەمدۇ؟
    فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ب د ت، 2011-يىلى 21-سېنتەبىر خەۋىرى:
    پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە كۈرىشى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقاندا، ب د ت باش كاتىپى بان كىمون 21-سېنتەبىر خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئوتتۇرا شەرقتىكى «قاتمال ۋەزىيەت»نى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.
    بان كىمون ب د ت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ب د ت نىڭ «قەتئىي بوشاشماي» تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلدى.
    ئۇ پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىگە: ئوتتۇرا شەرقتىكى قاتمال ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلىشىمىز كېرەك، دېدى.
    بان كىمون: بىز پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش كېرەك، ئىسرائىلىيەگە خەۋپسىزلىك كېرەك، ئىككىلا تەرەپ تىنچلىققا ئېھتىياجلىق، دەپ قاراپ كەلدۇق، دېدى.
    فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ب د ت، 21-سېنتەبىر خەۋىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۈگۈن: ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان «داغدام يول» يوق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسىدىغان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
    ئوباما ب د ت يىغىنىدا: شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان توقۇنۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشتا ماڭىدىغان داغدام يول يوق. ب د ت نىڭ باياناتلىرى ۋە قارارلىرى تىنچلىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئەگەر شۇنداق ئوڭاي بولىدىغان بولسا، تىنچلىق ئاللىبۇرۇنلا ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى، دېدى.

    رېيتېر ئاگېنتلىقى، ب د ت، 2011-يىلى 21-سېنتەبىر خەۋىرى:
    ئوباما بۈگۈن ب د ت دا: پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلىتى بولۇشى كېرەك، بۇنى ئىسرائىلىيە بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دېدى.
    ئىسرائىلىيە «دۆلەت زېمىنى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 20-سېنتەبىر خەۋىرى نيۇ يوركتىكى خەۋەردار ئەرباب بۈگۈن: ب د ت دا پەلەستىن دۆلىتى مەسىلىسىگە ئاۋاز بېرىش كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن. كونكرېت ۋاقىت تېخى ئېنىق ئەمەس، دېدى.
    بۇ خەۋەردار ئەرباب: ب د ت يىغىنىدا مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىگە ئاۋاز بېرىش ھەم خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى پەلەستىننىڭ ب د ت غا رەسمىي ئەزا بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئاۋاز بېرىش كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن، دېدى.
    خەۋەردار ئەرباب: غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋاز بېرىشنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا «يوشۇرۇن كېلىشىم» ھاسىل قىلىپ بولدى، دېدى. فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇپپې بۈگۈن ياۋروپا 1-رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: پەلەستىن مۇستەقىللىقىنى جاكارلاش توغرىسىدا ئاۋاز بېرىش مۇشۇ جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلمەيدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋاقىت ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى.

    ئىسرائىلىيە «دۆلەت زېمىنى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 2011-يىلى 20-سېنتەبىر خەۋىرى:
    پەلەستىننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۈگۈن ئاشكارىلاپ: پەلەستىن رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانياخۇ ئوتتۇرىغا قويغان ھەرقانداق «كەسكىن ھەم ئىشەنچلىك» تەكلىپلەرنى ئويلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ، يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇلۇشىنى توڭلىتىش، شۇنىڭدەك ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كېلىشىم ماددىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى.
    لېكىن بۇ ئەمەلدار: بۇ، پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىش تەلىپىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېدى.

    رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 2011-يىلى 21-سېنتەبىر خەۋىرى:
    پەلەستىننىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىسى فائىز مۇستافا بايانات ئېلان قىلىپ: ب د ت غا ئەزا 140 تىن ئارتۇق دۆلەت ب د ت يىغىنىدا پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىش ئىلتىماسىنى قوللايدۇ، دېدى.
    مۇستافا مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، نيۇ يورك ۋاقتى 23-سېنتەبىر سائەت 13 تە، پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس ب د ت يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ باش كاتىپ بان كىمونغا پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشىنى قوبۇل قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دېدى.
    ئۇ: دۇنيادا 127 دۆلەت پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى. مۆلچەرلىشىمىزچە، ب د ت يىغىنىدا ئاۋاز بەرگەندە، 140 تىن 145 كىچە بولغان ئەزا دۆلەت قوللاپ ئاۋاز بېرىشى مۇمكىن، دېدى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «نۇر تورى»(2011-09-23)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://nur. cn/html/news/31731. shtml
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش دىپلوماتىيە جېڭى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى


     
    پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولىشىنى ئەڭ ئارزۇ قىلغان كىشى-ئەرافات


    فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ب د ت، 20-سېنتەبىر تېلېگراممىسى:
    ب د ت باياناتچىسى: پەلەستىن رەھبىرى ئابباس ب د ت باش كاتىپى بان كىمونغا پەلەستىننىڭ جۈمە كۈنى ب د ت غا رەسمىي ئەزا بولۇش ئىلتىماسى سۇنىدىغانلىقىنى رەسمىي ئۇقتۇردى، دېدى.
    ب د ت باياناتچىسى مارتىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا جاۋابەن بان كىمون «قانۇنلۇق ھەم تەڭپۇڭ بولۇش رامكىسى ئاساسىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ چىقىش يولىنى تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى».

    ئامېرىكىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ
     
    فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 20-سېنتەبىر تېلېگراممىسى:
    ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بۈگۈن زۇڭتۇڭ ئوبامانى ب د ت دا نۇتۇق سۆزلىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكە دەۋەت قىلدى. 14 پارلامېنت ئەزاسى ئوباماغا خەت يېزىپ: «پۈتۈن دۇنيا سىزنىڭ دوستىمىز، ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھىمىز بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنداق تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە ھەرگىزمۇ يېتىم قالمايدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىشىڭىزغا موھتاج»، دېدى.
    ئۇلار ئوباماغا يازغان خېتىدە: «بىز ئېنىق جاۋابقا موھتاج. بىز ئىسرائىلىيەنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھۆكۈمەت ياكى شەخسلەرنىڭ داۋاملىق تەھدىتىگە ئۇچرىشىغا ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ ب ت د ياكى باشقا خەلقئارا مۇنبەرلەردىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغان ھەرقانداق ھەرىكىتىگە چىداپ تۇرالمايمىز»، دېدى.
    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى دۈشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە: «بىز ئافرىقىدىكى 23 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى پەلەستىننىڭ ب د ت دىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىغا قارشى تۈرۈشقا دەۋەت قىلدۇق»، دېدى.
    كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى كومىتېتى ئافرىقا ئىشلىرى تارماق كومىتېتىنىڭ دېموكراتلاردىن بولغان رەئىسى ۋە باش ھەيئىتى كرېس كۇنس بىلەن جۇمھۇرىيەتچى جوننى ئىسساكسون ئافرىقا رەھبەرلىرىگە يازغان خېتىدە: «پەلەستىن دۆلىتىنى ب د ت دا ئۆز ئالدىغا ئېتىراپ قىلىش پەلەستىن خەلقنىڭ ئەڭ زور مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولمايلا قالماي، ئىككى دېموكراتىك دۆلەت بىخەتەر ھەم تىنچ كەيپىياتتا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاخىرقى نىشانىغىمۇ پايدىسىز»، دېدى.

    ياۋروپا ئىتتپاقىنىڭ پوزىتسىيەسى جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى

    گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، پارىژ، 20-سېنتەبىر تېلېگراممىسى:
    ياۋروپا پەلەستىن رەھبىرىنى ب د ت دىن پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىققا كۆندۈرۈشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى−ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پەلەستىننىڭ ئورنىنى قوشۇمچە شەرت بىلەن قوللاشتىن ئىبارەت. بۇنداق نەسىھەت قىلىش خىزمىتى ھازىر ئاچقۇچلۇق پەيتكە قەدەم قويدى.
    ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 27 ئەزاسى بولۇپ، ئۇ كۆپ ساندىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىننىڭ ئورنىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پەلەستىننىڭ رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن سودىلاشماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    بۇ نىشان مۇھىم پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى، پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس جۈمە كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىۋاسىتە بېرىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇش ئىلتىماسىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
    ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش قارارىنى ھازىرغىچە ئېنىق چۈشەندۈرمىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىش ياكى ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش ئېھتىمالى بەك يۇقىرى ئىكەن. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى: «فىرانسىيە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ»، دېدى.
    ياۋروپا ئىتتىپاقى ب د ت دا ئاۋاز بېرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. پەلەستىنلىكلەر ب د ت غا ئەزا بولمىغان دۆلەتلىك ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈشكە، يەنى ئاتالمىش «ۋاتىكان لايىھەسى»نى يولغا قويۇشقا بولىدۇ. بۇ ئورۇن گەرچە بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەلەستىننىڭ ھازىرقى كۆزەتكۈچىلىك ئورنىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولىدۇ.

    ب د ت غا ئەزا بولۇشنىڭ پەلەستىنگە پايدىسىمۇ-زىيىنىمۇ بار

    رۇسىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 20-سېنتەبىر خەۋىرى:
    پەلەستىنلىكلەر ب د ت ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ سەلبىي تەسىرى بارلىقىنىمۇ ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى رەھبەرلىرىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايوندىن سىرتقا چىقىشىغا چەك قويۇپ، بىر قىسىم باجنى پەلەستىنگە قايتۇرۇپ بېرىشنى توختىتىشى، ھەتتا بارلىق يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى؛ ئامېرىكا پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىغا بېرىدىغان ياردەمنى توختىتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلىنى باشقۇرۇۋاتقان نۇرغۇن پارلامېنت ئەزاسى ئامېرىكىنىڭ ياردەمنى توختىتىشىنى قوللايدۇ.
    ئەمما، بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدىغان تەدبىرلەرنىڭ پايدىسىمۇ-زىيىنىمۇ بار. ئەگەر پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىغا بېرىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ياردىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، پەلەستىننىڭ ئىقتىسادى تېز ۋەيران بولۇپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رايونلاردا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى پەيدا بولىدۇ. پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەنلەش ۋە تىنچلىق مۇساپىسى توختاپ قېلىشقا بولغان نارازىلىق كەيپىياتى كۈچىيىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىشى مۇمكىن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «نۇر تورى»(2011-09-23)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://nur. cn/html/news/31733. shtml
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى قىيىنغا توختىشى مۇمكىن


    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2011-يىلى 12 – سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: پەلەستىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ب د ت نىڭ رەسمىي ئەزا دۆلىتى سالاھىيىتىگە ئېرىشمەكچى بولسا، ئامېرىكا بۇنىڭغا ‹‹قەتئىي قارشى تۇرىدۇ››، دېدى.
    تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقى بولغاچقا، 100 نەچچە دۆلەت قوللىغان بولسىمۇ، پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئۈمىدى يەنىلا قاراڭغۇ. بىراق، پەلەستىن دائىرىلىرى ب د ت يىغىنىدا كۆزەتكۈچى دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشىشى مۇمكىن.
    ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىگە پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش تىرىشچانلىقى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشى ب د ت دا ئىشقا ئاشمايدۇ، بۇ پەقەت پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىلا ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ، دەپ چۈشەنچە بەردى. لېكىن پەلەستىن بۇنىڭغا قەتئىي رەددىيە بېرىپ: پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش يولىدا مېڭىشى پەلەستىن – ئىسرائىلىيە سۆھبىتى بىلەن ئەسلا توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ، دېدى.
    ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە تەۋرەنمەس دوستلاردىن بولۇپ كەلگەن، ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، تارىختا ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە پەلەستىن مەسىلىسىدە نۇرغۇن قېتىم رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن. يېقىندا، ئىسرائىلىيەپەرەس ئامېرىكا پارلامېنتىدا ھەتتا پەلەستىنگە بېرىدىغان ياردەمنى ئۈزۈۋېتىمىز، دېگەن سادالار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. شۇڭا، ئوبامانىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتەك قەتئىي پوزىتسىيە قوللىنىشى بىرىنچىدىن ئىسرائىلىيەگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئويلاشقانلىقىدىن، ئىككىنچىدىن ئومۇمىي سايلام يىلى يېتىپ كېلەي دېگەن پەيتتە ئامېرىكىدىكى يەھۇدىي سايلىغۇچىلار ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولغان.
    ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقى بولسىمۇ، لېكىن ئۇھازىر ب د ت يىغىنىنىڭ پەلەستىننىڭ ئورنى مەسىلىسىدە سىمۋول خاراكتېرلىك ئاۋاز بېرىشكە ئۇيۇشتۇرۇشىنى يەنىلا توسۇپ قالالمايدۇ. ئوباما سۆزىدە پەلەستىننىڭ ب د ت يىغىنىدىكى ئورنىنىڭ ھازىرقى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى يوق كۆزەتكۈچى ‹‹ئەمەلىي گەۋدە››دىن ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى يوق كۆزەتكۈچى ‹‹دۆلەت››كە ئۆسۈشىدەك ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
    پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىمۇ ئامېرىكا قارشى تۇرسىلا، پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ ئەزا دۆلىتىلىك سالاھىيەتكە ئېرىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، ئۇنىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش تىرىشچانلىقى بىرىنچىدىن، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بېسىمنى يەڭگىللىتىش، ئىككىنچىدىن، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا قوللاشقا ئېرىشىپ، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر.
    جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى خاس ئەلچىسى ۋۇ سىكې يېقىندا ئاگېنتلىقىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھازىر ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق داۋالغۇۋاتىدۇ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى بىر ئىزدا توختاپ قالدى، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يارىشىش بۇزۇلدى، پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدى. پەلەستىن ب د ت نىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىدىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىماقچى.
    ۋۇ سىكې يەنە مۇنداق قارىدى: ئەگەر پەلەستىن ب د ت نىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەت ئورنىغا ئېرىشسە، مەنىۋى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا قوللاشقا ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا ب د ت قارىمىقىدىكى باشقا ئاپپاراتلارغىمۇ قاتنىشىپ، كېيىنكى قەدەمدە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق سىياسىي شەرت ھازىرلىيالايدۇ.
    ئوبامانىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا بۇنداق نەتىجىگە ئازراق بولسىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويغاندەك تۇرىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا يەنىلا ئاخىرقى دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىپ، پەلەستىننى ب د ت غا ئەزا بولۇش تىرىشچانلىقىدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى كلىنتون 13 – سېنتەبىر: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى خاس ئەلچىسى خېل بىلەن ئاقساراينىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى باش مەسلىھەتچىسى روسنى پەلەستىن، ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، كەلگۈسى بىرقانچە كۈندە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئەۋەتىمەن، دېدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشى بۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرۇش تۈپەيلىدىن ئەرەب دۇنياسىدىكىلەر بىلەن ئاداۋەتلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ب د ت يىغىنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك ئاۋاز بېرىشتە ئامېرىكا قاتارلىق ئاز ساندىكى تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتىدىغان دۆلەتلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ نەزەرىگە چۈشۈپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغانلىقى مۇقەررەر.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «www. xjtsnews. com»(2011-09-22)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://nur. cn/html/news/31549. shtml
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    پەلەستىن بىلەن ب د ت نىڭ مۇناسىۋەت خاتىرىسى


    پەلەستىن بىلەن ب د ت نىڭ مۇناسىۋەت خاتىرىسى
    [گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، تېلئاۋېۋ، 2011-يىلى 19-سېنتەبىر خەۋىرى]
    1974-يىلى 10-ئايدا، ب د ت كېڭىشى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
    1974-يىلى 11-ئايدا، ياسىر ئەرافات ب د ت كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلىگەن تۇنجى پەلەستىن رەھبىرى بولۇپ قالغان. ئەرافات ئەينى ۋاقىتتا بىر قولىدا تاپانچا، يەنە بىر قولىدا زەيتۇن شېخى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، «زەيتۇن شېخى قولۇمدىن چۈشۈپ كەتسە بولمايدۇ» دېگەن ھىكمەتلىك ئىبارىنى قالدۇرغان.
    1974-يىلى 11-ئايدا، ئەرافات سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن، ب د ت كېڭىشى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا تەكشۈرگۈچىلىك سالاھىيىتى بەرگەن.
    1998-يىلى 7-ئايدا، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيە بىلەن ئوسلۇ تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاپ بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ب د ت كېڭىشى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا بېرىدىغان ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى دۆلەت قاتارىغا كىرمەيدىغان كۆزەتكۈچى قاتارىغا كىرگۈزگەن.
    2011-يىل 9-ئايدا تىنچلىق سۆھبىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، ئىسرائىليە قارشى تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، پەلەستىن يەنىلا ب د ت غا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «نۇر تورى»(2011-09-22)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://nur. cn/html/news/31526. shtml
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    پەلەستىن چىڭ تۇردى، ئامىرىكا تەھدىت سالدى


    پەلەستىن بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئامىرىكا پەلەستىنگە بولغان ياردەمنى ئۇزىمىز دەپ تەھدىت سالدى
    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2011-يىلى 21سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە پەلەستىن ئاپتونومىيە ھوكۇمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئابباس 19-چىسلا بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونغا 23-چىسلا بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمى ئەزاسىغا ئايلىنىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى دېگەن.
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئابباسنڭ سوزىنى نەقىل كەلتۇرۇپ ئامىرىكا، ياۋرو پائىتتىپاقى ئۇنىڭغا بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ئىشىنىڭ چاتاق بولىدىغانلىقىنى دېدى، ئەمما ئۇنىڭ چېكىنگۇسى يوق دېدى.

    قانداق چاتاق بولىدۇ؟
    ئامىرىكا كوپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ئىپادە بىلدۇرۇپ ئەگەر پەلەستىن بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا چىڭ تۇرسا ئامىرىكا ھەر يىلى پەلەستىنگە بېرىدىغان 500مىليون ئىقتىسادى ياردەمنى توختىتىدۇ دېدى.
    ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لېبىرمان ئىپادە بىلدۇرۇپ ئىسرائىلىيە ھەر يىلى ۋاكالىتەن يىغىدىغان 1مىليارت ئامىركا دوللىرىغا يېقىن باجنى پەلەستىن مىللى ئاپتونومىيە ھوكۇمىتىگە ئوتكۇزۇپ بەرمەيدۇ دېدى. بىر مىليارت ئامىركا دوللىرى پەلەستىن مىللى ئاپتونومىيە ھوكۇمىتىنىڭ يىلىق خامچوتىنىڭ 3تىن 2قىسمىگە باراۋەر، ناۋادا ئۇزۇلۇپلا قالسا 150مىڭ دولەت مەمۇرىغا مائاش تارقىتالماي ھوكۇمەت پالەچ ھالغا چۇشۇپ قالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى 200مىليون ئامىركا دوللىرى ياردەم بېرىشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
    ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن مالىيە مىنىستىرىنى نەشتەردەك گەپلەرنى قىلغۇزدى.
    دولەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئاخبارات مىنىستىرى پەلەستىنگە ئىقتىسادى جازا ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇپ بۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى رايونلارغا تېخىمۇ چوڭ قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ دېدى. ئامىرىكا بىلەن ياۋروپا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ھەر قانداق ئىقتىسادى جازا ئىشلىتىشكە قارشى تۇردى.
    ئابباس 2011-يىلى 20-چىسلا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى ۋە لىۋان زۇڭتۇڭى سولايمان قاتارلىق كوپ دولەت رەھبەرلىرى بىلەن كورۇشۇپ قوللىشىنى ئۇمىد قىلدى، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇمۇ ئابباس بىلەن كورۇشكۇسى بار. ئامىرىكا، ياۋروپا، روسىيە، بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق 4تەرەپ رەھبەرلىرى ئابباسنىڭ ۋەكىلى بىلەن مەخپى كورۇشۇپ توختاپ قالغىلى ئۇزۇن بولغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە سوھبىتىنى باشلىشىنى ئۇمىد قىلىپ بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىدا كورۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى ئۇمىد قىلدى. ئامىركا دولەت كاتىپى ھىلارى بىلدۇرۇپ ئابباسنىڭ بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش ئىلتىماسىنى سۇنۇشتىن ئىلگىرى يەنە يىتەرلىك مۇرەسسە قىلغۇدەك ۋاقتى بار دېدى.
    ئەمما ئابباس تەۋرىمەيدىغاندىكىدەك قىلىدۇ. يۇقىرى مەسلىھەتچىسى ئەشتۇيا بىلدۇرۇپ ئابباس ھەممە ئادەمگە شۇنى ئۇقتۇرماقچى: بىز سوھبەتلەشكىلى 20 يىل بولدى، بۇ يېتىپ ئاشىدۇ، ئامىرىكىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنىنى بېسىۋېلىشىنى ئاخىرلاشتۇرالمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا خەلقئارا جەمىيەت كىرىشى كېرەك دېدى. ئىسرائىلىيە ئوتكەن يىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ۋە ئېرۇسالىمدىكى ئولتۇراق ئۇي قۇرۇشنى چەكلەش بۇيرۇقىىنىڭ موھلىتىنى ئۇزارتىشقا قوشۇلمىغاچقا ئىككى تەرەپنىڭ سوھبىتىنىڭ 11 ئاي توختاپ قېلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.
    بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى چوڭ يىغىنى 2011-يىلى 21-چىسلا باشلىنىدۇ. ئامرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۇچۇن ئېيتقاندا، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشىگە قارشى تۇرۇش مەيدانىنى ئوزگەرتسە ئامىرىكىدىكى يەھۇدىيلاربىلەن ئىسرائىلىيەدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۇرۇپ قويىدۇ. ئوزگەرتمىسە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەپ دولەتلىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «news.cn.yahoo.com»(2011-09-21)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://nur. cn/html/news/31361. shtml
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: