版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/164226544.html

     

    ئەردوغان ب د ت دا سۆزلىگەن تارىخىي نۇتۇق


    رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت دا سۆزلىگەن تارىخىي نۇتۇق
    ھۆرمەتلىك باش سېكرىتار، قەدىرلىك ۋەكىللەر، خانىملار-ئەپەندىلەر سىلەرگە چىن قەلبىمدىن ئالىي ئېھتىراملار بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە 66-قېتىملىق ب د ت ئومۇمىي يىغىننىڭ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھۆرمەتلىك ناسىر ئابدۇئەزىز ئەلناسىر ئەپەندىنى تەبرىكلەيمەن ۋە جوسىف دايىسنىمۇ تەبىرىكلەيمەن.
    دۇنيا جامائىتى ۋە ب د ت نىڭ تارىخىي بىر ئىمتىھاننى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان مەزگىلدە تۇرىۋاتىمىز. شۇنى ئېنىق ئېيتىپ ئۆتەيكى، ب د ت كۈنىمىزدە ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىگە خەۋپ يەتكۈزىۋاتقان قورقۇلارغا غالىپ قىلىدىغان يول باشلامچىلىق ۋەزىپىسىنى لايىقىدا ئادا قىلالمايۋاتىدۇ. ب د ت، بەلگىلىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ۋە باشقۇرۇشى بىلەن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى ئاساس قىلغان ھالدا يېڭىدىن تەشكىللىنىشى ۋە نىشانىنى يېڭىلىشى كېرەك.
    ب د ت ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ جىددىي مەسلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانچىلىك دەرىجىدە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئۆتكەن ئاي سۇمالىيدە كۆردۇم. سۇمالىيدە كۆرگەن يوقسۇللۇق ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. بۇ يەردە ئاڭلىغانلىرىمنى دەۋاتمايمەن. بەلكى ئۆزەم، نازىرلىرىم ۋە ئائىلەم بىلەن بىللە زىيارەت قىلىپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم. بىر بۇردا نان، بىر تامچە سۇ تاپالمىغانلىقتىن نەچچە ئون مىڭلىغان بالىلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن ئىبارەت پاجىئە، بىر قانچە كەلىمە ياكى بىر قانچە جۈملە سۆز بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئادەتتىكى مەسىلە ئەمەس. بۇ خەلقئارا جامائەتچىلىك ئۈچۈن بىر يۈز قارىسى مەسىلە. يىگىرمە يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش سۇمالىينىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى تۈگىتىۋەتتى. سۇمالىي خەلقى دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا قەدەممۇ-قەدەم ئۆلۈم گىردابىقا ئىتتىرىلىۋاتىدۇ. بۈگۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى سۇمالىيدىكى پاجىئەگە خۇددى بىر كىنو كۆرىۋاتقاندەك پەرۋاسىزچە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئىنسانلىقىمىز سىنىلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەت بىلەن جىددىي بىر شەكىلدە يۈزلىشىشىمىز لازىم. پەقەت بۈگۈنكى بۇ ۋەزىيەت بىلەنلا ئەمەس، بەلكى سۇمالىينى بۇ ھالغا كەلتۈرگەن يۈز قىزارتقۇچى تارىخ بىلەنمۇ يۈزلىشىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بۇ كۆرۈنگەن مۇز تاغنىڭ ئاستىدا كۆزگە چىلىقمىغان ئىنسانىيەت جىنايەتلىرى يوشۇرۇنغان. بۈگۈنكى سۇمالىي رىئاللىقى ئافرىقىنى نەچچە يۈز يىل مۇستەملىكە ئاستىدا تۇتقان ئىشغالچى زېھنىيەت پەيدا قىلغان چوڭقۇر يارىلارنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇ كونا مۇستەملىكىچى زېھنىيەت، بۈگۈن ئۆزگە مەنپەئەت تەگمىگەنلىكى ئۈچۈن سۇمالىيغا قەدەم باسماي، مىليونلىغان بالىلارنىڭ بىر بۇردا نان، بىر تامچە سۇغا زار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇنى ئېنىق ئېيتىمەن، سۇمالىينىڭ پەريادىغا قۇلاق سالمىغان بۇ دۇنيادا، ھېچكىمنىڭ تىنچلىق، ئادالەت ۋە مەدەنىيەت ھەققىدە ئېغىز ئېچىش ھەققى يوق. سومالىيدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەنى ئىپادىلەشكە كەلىمىلەر ئاجىز كېلىدۇ.
    بىز (تۈركىيە)، مەيلى سۇمالىي بولسۇن، مەيلى دۇنيادىكى باشقا مەسىلىلەر بولسۇن، ھەممىسىدە ئىنسانپەرۋەرلىك پرىنسىپىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىپ كەلدۇق. بىز خەلقىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن كەڭ دائىرىلىك ئىئانە يىغىش پائالىيىتى تەشكىللىدۇق. يىقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە خەلقىمىزدىن 300 مىليون دوللارغا ئەتراپىدا ئىئانە يىغدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ئايلىق ياردەم مىقدارىنى ئوتتۇر مىليون دوللارغا چىقاردۇق. تېزلىك بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىستانبۇلدا يىغىنغا چاقىردۇق. بۇ يىغىندا يىغىنغا قاتناشقان ئەللەردىن 350 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ياردەم سۆزى ئالدۇق.
    تۈركىيە زۆرۈر ئىنسانىي ياردەمدىن باشقا، سۇمالىينىڭ قايتىدىن ئۆز ئالدىغا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشى ئۈچۈن، ئاساسىي خىزمەت قۇرۇلۇشىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا قەتئىيلىك بىلەن ياردەم قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە دوختۇرخانا، مەكتەپ، يول ۋە قۇدۇق، يەنى سەھىيە، قاتناش، مائارىپ، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق، يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق ساھەلىرىدىكى قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا. موگادىشودىكى باش ئەلچىخانىمىزنى خىزمەتكە ئېچىپ، ياردەمنىڭ كېچىكىشىگە بىخەتەرلىكنىڭ باھانە بولالمايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسەتتۇق. سۇمالىينى بازا قىلغان قاراقچىلىق، تېرورلۇق بىلەن كۆرەشتە نەتىجە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، سۇمالىيدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش تېزدىن ئاخىرىلاشتۇرۇلۇپ، دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قۇرۇلىشى لازىم.
    خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان رايونلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ نېمە ئۈچۈن سۇمالىيغا كۆرسەتمىگەنلىكىنى ھەر كىشىنىڭ ئويلۇنۇپ بېقىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
    سۇمالىيدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ تېزدىن بەرپا قىلىنىشىغا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. سۇمالىيدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ھالسىراتقان، ماغدۇرىدىن كەتكۈزىۋەتكەن ئىچكىي ئۇرۇش ئەمدى ئاياقلىشىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە سۇمالىيدىكى لىدېرلارنىڭ مىللىي بىرلىك ئۈچۈن كېلىشىش نوقتىسىدا ، يېقىنقى مەزگىللەردە باسقان قەدەملىرى ۋە ئىلگىرلەشلىرى بىزگە سۇمالىينىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئۈمىد بەرمەكتە. سۇمالىي خەلقئارادا ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا ئىگە بولغاندا، دۇنيادا تېخىمۇ بىخەتەر ۋە مۇقىم بولىدۇ. تۈركىيىنىڭ سۇمالىي ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ ئاستىدا بۇ تۇيغۇ ياتماقتا. سۇمالىينى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزىدىغان دۆلەت ئاساس خىزمەتلىرى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش؛ تەرەققىياتنى مۇقىم قىلىش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇنى باشقا بىر مەقسەتتە قىلمايۋاتىمىز، پەقەت ئىنسانىي ۋە ۋىجدانى مەسئۇلىيىتمىز بولغانلىقى ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز. تۈركىيىنىڭ بۇ باشلامچىلىقىنىڭ پۈتۈن خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئۈلگە بولىشى ئەڭ چوڭ ئارزۇمىز.
    ھۆرمەتلىك رىياسەتچى، بىزگە نىسبەتەن ب د ت، قوراللىق كۈچ ئىشلىتىش ۋە زۇلۇمنىڭ ئورنىغا خەلقئارا ھەق ۋە ئادالەتنى، توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا تىنچلىقنى، ئادەتتىكى مەنپەئەت ۋە كۈچ تەڭپۇڭلىقى ئورنىغا ئىنسانلىق ۋىجدانىنى ھاكىم قىلىشقا تىرىشىدىغان بىر ئارزۇنىڭ ئىسمى. مەن ب د ت نى مۇشۇنداق دەپ بىلىمەن. بۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ تۇرىۋاتقان ئەڭ چوڭ توسالغۇ، يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋام قىلىۋاتقان ئەرەب-ئىسرائىل توقۇنۇشى بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلىشى، ھەر قېتىم ھەق-ھوقۇقنىڭ سىياسىي تەڭپۇڭلۇق ئورنىغا قۇربان قىلىنىشى، خەلقئارا ئادالەت تۇيغۇسىغا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ زەربىدۇر. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۈگۈنگىچە، بۇ ھەقتە ئالغان چەكلىمە خاراكتېرىدىكى 89 قارارغا ئىسرائىل ئەمەل قىلمىدى، بۇ مەسىلىنى تەكىتلىمەكچىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ب د ت ئومۇمىي مەجلىسى ئالغان، ئەمما ئىسرائىل ئىتىبارغا ئالمىغان يۈزلەرچە قارار بار. تېخىمۇ ئىچىنارلىقى، ب د ت پەلەستىن خەلقى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ئىنسانلىق دىرامىنى ئاخىرىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قەدەم بېسىشقا ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالدى.
    شۇنى سوراپ باقاي، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باشقا ئەللەرگە قارىتا بۇ خىل ئىمبارگۇ قارارلىرى ئالغاندا، بۇ قارارلارغا ئەمەل قىلمىغانلارغا ئىسرائىلغا قىلغاندەك سۈكۈت قىلامدۇ؟ ياكى سۇداندىكىدەك ئىمارگۇنى قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا قىلامدۇ؟ بۇنىمۇ ئۆزىمىزگە سوراش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ بېقىشىمىز لازىم. بۇ ۋەزىيەت خەلقئارا جامائەتچىلىكتە ناخوشلۇق پەيدا قىلماقتا. بۈگۈن كەلگەن نوقتا، بۇ مەسىلىنىڭ ئەمدى ھەل قىلىنماي بۇ شەكىلدە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بۇ قانىغان يارىنى بالدۇرراق ساقايتىش كېرەكلىكى ئوچۇق-ئاشكارە. پەرۋاسىز ھالدا فوسفور بومبىسىنى ئىشلەتكەن ئىسرائىل. ئاتوم بومبىسى ساقلاۋاتقان ئىسرائىل. بۇنىڭغا قارشى ھېچقانداق بىر ئىمبارگۇ، جازا يوق. ئەمما ئەتراپتا بۇ ھەقتە كىچىككىنە بىر شەپە ھىس قىلىنسا، دەرھال بۇنىڭغا قارشى قانداق جازا، تەدبىر ئىشلىتىشنىڭ كويىدا بولىشىدۇ. ئادالەت بۇمۇ؟ بۇ سورالمامدۇ؟ بۇ نوقتىدا مەسىلە، ئىسرائىل ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئامىلىسىدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقانلار تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ ئورنىغا، تىنچلىق يولىغا بىر توسالغۇ پەيدا قىلماقتا. ئىشغال ئاستىدا تۇرىۋاتقان پەلەستىن زېمىن، ئىسرائىل زېمىنى ئەمەس. ئىسرائىل زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش تارىخقا زىت. ئۇ يەردە پەلەستىن زېمىنى ئىشغال ئاستىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ يەردە چەكتىن ئاشۇرۇپ كۈچ ئىشلىتىۋاتقان ئىسرائىل. ئەمما جازا، ئىمبارگۇ ئۇچرىمىغان يەنە ئىسرائىل. ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا پۈتۈن خەلقئارا جامائەتنىڭ چاقىرىقلىرىغا قارىماي داۋاملىشىۋاتقان قانۇنسىز يەرلىشىش بىلەن غەززە رايونىغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان قامال بۇ دائىرىدە كۆزگە چىلققان ئەڭ مۇھىم ئىككى مەسىلە.
    سوراپ باقاي، خەلقئارا كىشلىك ھوقوق خىتابنامىسىدە، ھەرقانداق بىر خەلقنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىن ۋەياكى ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەردىن توسۇش ياكى ئايرىپ تۇرۇشتەك بىر مەزمۇن بارمۇ؟ مەن ئوقۇغان خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە بۇنداق مەزمۇن يوق. بىر ساندۇق پەمىدۇرنى پەلەستىنگە كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز، ئىسرائىلنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشىڭىز كېرەك. مەن بۇنى ئىنسانىي دەپ قارىمەيمەن. بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ئىسرائىلنى ئىدارە قىلۋاتقانلار ئەمدى بىر تاللاش باسقۇچىدا. ب د ت سىستىمېسىدىكى كەمچىلىكلەر، بەلگىلىك ئەللەردىكى لوبىلەر (بىر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان مۇھاجىرەتتىكى مىللىىي ئۇيۇشمىلار)، ئىسرائىلنى قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا قانۇن ۋە ئادالەتتىن قېچىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. لېكىن، ئىسرائىل بۈگۈن ئەڭ مۇھتاج بولغان نەرسە بىخەتەرلىك. بۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەن، ئىسرائىل ئارزۇ قىلغان بۇ خاتىرجەملىككە ئىگە بولالمايدۇ. ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىۋاتقانلار ھەقىقىي خاتىرجەملىكنىڭ ھەقىقىي تىنچلىقنى بەرپا قىلىش بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بۇ يەردىن يەنە بىر قېتىم ئىسرائىلغا خىتاب قىلماقچىمەن. تىنچلىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان ھېچقانداق بىر نەرسە يوق. بۈگۈن دۇچ كەلگەن مەسىلە، ئادەتتىكى بىخەتەرلىك ئۈچۈن تىنچلىق تەڭلىمىسىدىن ئىبارەت ئەمەس. ئوتتۇرا شەرقتە بىخ سۈرىۋاتقان يېڭى سىياسىي ۋە ئىنسانىي جۇغراپىيىنى توغرا ئانالىز قىلىپ، داۋاملىق توقۇنۇش، زىددىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەمدى مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىش كېرەك.
    خەلقئارا جامائەتچىلىك، ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى بولغان خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئارزۇغا ئىشىنىدىغان بولساق؛ ئىسرائىلنى، بۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقانلارغا قارىماستىن، تىنچلىق ئۈچۈن مەجبۇرلاش، بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇندىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرمايدىغانلقىنى ئىنىق بىر شەكىلدە بىلدۈرۈش كېرەك. بۇ جەھەتتە بېسىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم قەدەملەردىن بىرسى، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت سۈپتىدە ئىتىراپ قىلىنىشى توغرىسىدىكى يوللۇق تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بۇ ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىدە ب د ت ئەزاسى سۈپتىدە ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولىشىدىن ئىبارەت. ئەسلىدە ب د ت 1947-يىلى 181-نۇمۇرلۇق قارارى بىلەن پەلەستىننى مۇستەقىل دۆلەت سۈپتىدە تونۇغانىدى. ئەپسۇسكى بۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى. تۈركىيە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشىنى شەرتسىز قوللايدۇ. تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار. بۇ جەھەتتە ئەرەب-ئىسرائىل توقۇنۇشىنىڭ ھەل قىلىنىشى، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز ئارا يارىشىشى، غەززە خەلقى دۇچ كەلگەن قانۇنسىز، يولسىز قامالنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ ئاپالىيەت ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ پوزىتسىيىمىز رايون خاراكتېرلىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىق بىلەن خەلقئارا ھەق ۋە قانۇنغا بولغان قارىشىمىز ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى.
    خەلقئارا ياردەم كارۋىنىغا، ئوتتۇز ئۈچ دۆلەتتىن كەلگەن ئىنسانپەرۋەر كىشىلەر بولغان بىر ياردەم كارۋىنىغا دېڭىزدىن ۋە ھاۋادىن خەلقئارا دېڭىزدا ھۇجۇم قىلىپ توققۇز نەپەر ۋەتەندىشىمىزنىڭ شېھىت قىلىنىشى مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئىسرائىلغا قايتۇرغان ئىنكاسىمىز بۇ پوزىتسىيىمىزنىڭ بىر نەتىجىسى. تۈركىيە بۈگۈنگىچە ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قارىتا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان تاشقىي سىياسەت يۈرگۈزمىدى. ئەكسىچە، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان تاشقىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئىسرائىلغىمۇ دوستلۇق بىلەن يېقىنلاشتۇق. لېكىن، ئىسرائىل تارىخ بويىچە ئۆزىگە دوستلۇق بىلەن يېقىنلاشقان بىر دۆلەتكە ۋە بۇ دۆلەتنىڭ خەلقىگە قارىتا ناھايىتى چوڭ خاتالىق سادىر قىلدى ۋە بۇ خاتالىقىنى قەتىئىي قوبۇل قىلمىدى. ئىسرائىلىغا قارىتا تەلەپلىرىمىز ھەممىگە ئايان. تۈركىيىدىن ئەپۇ سورىشى، شېھىتلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىغا تۆلەم تۆلىشى ۋە غەززە رايونىدىكى قامالنى بىكار قىلىشى كېرەك. ئىسرائىل خاتالىقىنى تۈزىتىپ، تەلەپلىرىمىزنى ئورۇندىمىغىچە بىزنىڭ بۇ پوزىتسىيىمىز ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتەي، بىزنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن ھېچقانداق بىر مەسىلىمىز يوق. مەسىلە ھازىرقى ئىسرائىل ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشقاق سىياسىتىدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىسرائىل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەمكارلاشتۇق، نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدۇق. مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشىشدىكى ئاساسىي سەۋەب ھازىرقى ئىسرائىل ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كېلىپ چىقماقتا.
    تۈركىيە خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە سۆزىگە ئىشەنگىلى بولىدىغان، دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى تەلەپ قىلىنىدىغان بىر دۆلەت. تۇتۇپ مېڭىۋاتقان بۇ پرىنسىپ ۋە قەتىئىيلىكتىن ھەرگىز قايتمايمىز.
    ھۆرمەتلىك رىياسەتچى، ئوتتۇرا شەرقتە چوڭ ئۆزگۈرۈش ۋە يېڭىلىنىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقەلەر باشلىغان كۈندىن تارتىپ رايوندىكى ھۆكۈمەتلەرگە بىر چاقىرىق قىلدۇق، خەلقىڭلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك يولىدىكى تەلەپ ۋە ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىي ئاساسىي خەلق ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىدۇر. ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بولغىنى خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھۆر ۋە ئەركىن شەكىلدە روياپقا چىقىرىشتۇر. يەنە شۇنى دېدۇقكى، ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسى خەلق ۋە خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى. خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا تايانمىغان ھاكىمىيەت قانۇنلۇق ئەمەس(ھەممە بىردەك ئىتىراپ قىلغان ھاكىمىيەت ئەمەس). ھاكىمىيەت ھېچقانداق بىر لىدېرگە، ھېچقانداق بىر تۈزۈمگە ئۆز خەلقىگە قارىتا زۇلۇم قىلىش، بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش ھەققىنى بەرمەيدۇ. ئۆز خەلقىگە قورال تەڭلىگەن بىر تۈزۈمنىڭ ھاكىمىيىتى، قانۇنلىقى قالمايدۇ. ئەمدى شۇنى ھەممەيلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى دەۋر ئۆزگەردى، خەلقنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى بىجا كەلتۈرمىگەن، ئۆز خەلقىگە قورال تەڭلىگەن، ئادالەت بەرپا قىلىشنىڭ ئورنىغا زۇلۇمغا تايانغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشىشى كېرەك. بۇ چاقىرىقلىرىمىزنىڭ مىسىر، تۇنۇس ۋە لىۋىيىدە قوبۇل قىلىنىپ، خەلقنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىگە ئاساسەن دېموكراتىيىگە ئۆتۈشنىڭ باشلانغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇق. بۇ بىزگە كېلەچەك ئۈچۈن ئۈمىد بېغىشلىماقتا. لېكىن، ھازىرمۇ دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قالغان، ئۆزگۈرۈشلەرگە كونا زېھنىيەت بىلەن خاتا جاۋاپ قايتۇرىۋاتقان ئەللەرنىڭ بارلىقىغا ئۆكۈنۈش ئىچىدە شاھىت بولىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە ئەڭ باشتا بىزگە خوشنا بولغان سۈرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. سۈرىيىدە خەلققە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىۋاتقان، قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمىغان ھەرىكەتلەرگە قارىتا سۈرىيە دائىرلىرىگە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇش بەردۇق. 910 كىلومېتىرلىك چېگرىمىز بار. تۇققانلىق مۇناسىۋىتىمىز بار. لېكىن، پرىنسىپلىرىمىزغا زىت بولغان ھەرىكەتلەرگە قارىتا ئاگاھلاندۇردۇق. دوست يىغلىتىپ ئېيتىدۇ دېگەن پرىنسىپقا ئاساسەن، ئۆز خەلقىنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى، ئۆز خەلقىگە قورال تەڭلىگەن ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، زۇلۇم بىلەن ئاۋات بولالمايدىغانلىقىنى ئىنىق ئېيتتۇق. ئەپسۇسكى، سۈرىيە دائىرلىرى بۇ تەۋسىيەلىرىمىزگە قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىپ ئاڭلىمىدى. بۇ ئەلدە تۆكۈلگەن ھەر بىر تامچە قان، سۈرىيە دائىرلىرى بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بارغانسېرى ئۈزمەكتە. بىز مەيلى سۈرىيە بولسۇن ياكى باشقا بىر دۆلەت بولسۇن، خەلقنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىنى قوللايمىز ۋە دائىرىلەرنى بۇ جەھەتتە قەدەم بېسىشقا تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭمۇ بۇ جەھەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۇنۇس بىلەن مىسىر ئارىسىدا بۇ مەقسەتتىكى ھەمكارلىقىمىز كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ. لىۋىيىدە ئۆتكۈنچى مىللىي ھۆكۈمەتكە باشتىن تارتىپ بەرگەن ھەر ساھەدىكى ياردىمىمىزدىن، بۈگۈنكى لىۋىيىگە باش ئەلچىسىنى ئەۋەتكەن تۇنجى دۆلەت بولىشىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. لىۋىيىنىڭ دېموكراتىك، بىر پۈتۈن، ئەركىن بىر دۆلەت سۈپتىدە ب د ت دە ئۆزگە مۇناسىپ يەرگە ئىگە بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە يېڭى لىۋىيىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئۆتكەن ھەپتىدىكى لىۋىيە زىيارىتىمدە، ترابلۇس، تاجۇرا، مىسراتا ۋە بىنگازىنى زىيارەت قىلدىم. تۆت شەھەردە يىغىلىش قىلدۇق، خەلق بىلەن كۆرۈشتىم، قايناشتىم. لىۋىيە خەلقنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىنقىلابىدىن ئىپتىخارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مىسراتانىڭ قانداق خانىۋەيران بولغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ يەردىن خەلقئارا جامائەتچىلىككە شۇ مەسلىلەرگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىنى ئېيتماقچىمەن: لىۋىيە لىۋىيەلىكلەرنىڭ. لىۋىيىنىڭ بايلىقى لىۋىيىلىكلەرگە ئائىت. لىۋىيىدە دېوكراتىينىڭ بەرپا قىلىنىش باسقۇچىدا، لىۋىيىنىڭ باشقا ئەللەردە توڭلىتىلغان پۇلى، مال-مۈلكى تېزدىن قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا لىۋىيە ئۆزىنى رۇسلىيالايدۇ. بايلىق ئىچىدە لىۋىيە خەلقى مۇھتاج ھالغا چۈشۈپ قالمىسۇن. لىۋىيىنىڭ ھازىر باشقا ئەللەردە 170 مىليارد نەخ پۇلى بار. ئەمما بۇل پۇلدىن لىۋىيە بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن 2009-نۇمۇرلۇق قارار تېزدىن ئىجرا قىلىنىشى ۋە لىۋىيە خەلقى بۇ ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەك. لىۋىيە خەلقى كەلگۈسىنى بەلگىلىگىدەك كۈچكە ئىگە. قارارىغا ھۆرمەت قىلىنىشى لازىم.
    ھۆرمەتلىك رىياسەتچى، قىبرىستا(سىپرۇس) يېرىم ئەسىردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەسىلىنىڭ ئادىل، كەڭ دائىرىدە ھەل قىلىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. 2004-يىلىدىكى ب د ت نىڭ پىلانى، بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئىنىق ئىكەنلىكىنى، لېكىن رىم تەرىپىنىڭ بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسەتتى. تۈرك تەرەپ ھەر دائىم مەسلىنى ھەل قىلىش تەرەپتارى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە قامالدىن قۇتۇلالمىدى. شۇنداق بولسىمۇ قىبرىس تۈرك تەرىپى مەسلىنى ھەل قىلىشقا بولغان ساداقىتىنى ساقلاپ كەلدى ۋە ب د ت نازارىتىدە يېڭىدىن باشلىغان مۇزاكىرىلەرگە ياخشى نىيەت بىلەن قېتىلدى. نىشان، مۇزاكىرىلەرنىڭ بۇ يىل ئاخىرىغىچە نەتىجىلىنىشى، ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى كېلەر يىلى خەلق رايىغا قويۇپ، ئارقىدىن بىرلەشكەن قىبرىسنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۆز ئورنىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
    بىز (تۈركىيە) بۇ مۇزكىرە تارىخلىرى دائىرىسىدە بۇ مەسلىنىڭ تېزلىك بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم قىلىمىز. ئەگەر رىم تەرىپىنىڭ كېلىشىمگە يىقىنلاشماسلىق پوزىتسىيىسى يەنە توسالغۇ بولسا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى خەلقى كېلەچىكىنىڭ بۇ شەكىلدە ئەبەدىي تاشلىۋېتىلىشىگە، بىر ھامىي دۆلەت بولۇش سۈپتىمىز بىلەن ئەمدى قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەپ قوياي. رىم تەرەپنىڭ ھازىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا، ئارالنىڭ بىردىن بىر ھۆكۈمىتىدەك ياكى قىبرىس تۈرك تەرەپكە ۋەكالەتەن قارار چىقىرىش ھوقوقىغا ئىگىدەك ھەرىكەت قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز. رىم تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا دېڭىزدا تەسىر دائىرىسى بەلگىلىمە ۋە بۇ دائىرىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى ۋە نەتىجىسى جەھەتتىن قارىغاندا، ناھايىتى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەت. رىم تەرەپنىڭ كرىزىس پەيدا قىلىش نىيىتىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېلىپ بارغان تەك تەرەپلىك ھەرىكىتىكە قارىتا، تۈركىيە ۋە قىبرىس تۈرك تەرىپى تەمكىنلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدىكى ھەقلىرىنى قوغدايدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن كۈتىدىغىنىمىز شۇكى، رىم تەرەپنىڭ پەقەت ئارالدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن رايوندا مۇناسىۋەتنىڭ يىركلىشىشىگە سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ توختىتىشتا ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن بىزمۇ ئۇنىڭغا مۇناسىپ جاۋاپ قايتۇرىمىز.
    ھۆرمەتلىك رىياسەتچى، يىللار بويىچە داۋام قىلغان ئەزەربەيجان زېمىنى ئۈستىدىكى ئىشغالىيەت ئاخىرلىشىشى كېرەك. ئۈستۈن قاراباغ مەسلىسىنىڭ ھەل قىلىنماي بۇ شەكىلدە داۋام قىلىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خەلقئارا مەسلىلەرنى ساقايماس يارىغا ئايلىنىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىش ھەممەيلەننىڭ سىياسىي ۋە ئەخلاقي مەجبۇرىيىتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەشمىر ۋە ئىسمىنى تىلغا ئالالمىغان نۇرغۇنلىغان توڭلىتىپ قويۇلغان مەسلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن جىددىي شەكىلدە ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەك.
    بالقانلاردا تىنچلىق كوسوۋانىڭ ئىتىراپ قىلىنىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. تۈركىيە ھەردائىم ب د ت شەرتنامىسىدە ئورۇن ئالغان پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ كەلدى. 2009-2010-يىلىدىكى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكۈنچى ئەزالىق مەزگىلىمىزدە بۇ سەمىمىيىتىمىزنى كۆرسەتكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمەن. بۇ مەزگىلدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنىڭ 2016-2015-يىلىدىكى نامزاتلىق ئۈچۈن تۈركىيىنى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزدى دەپ قارايمەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ب د ت ئەزالىرىنىڭ 2015-2016-يىلىدىكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكۈنچى ئەزالىقى ئۈچۈن تۈركىيىنى قوللىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ ئۆتمەكچىمەن.
    بۇ يىل ساھىبخانلىقىنى ئۈستىمىزگە ئالغان، ب د ت ئەڭ ئاز تەرەققىي قىلغان ئەللەر 4-قېتىملىق يىغنىدا قوبۇل قىلىنغان « ئىستانبۇل ھەرىكەت پىلانى » نى ئىزچىلاشتۇرۇشتا ئىرادىمىز مۇستەھكەم. ئەڭ ئاز تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە قارىتا ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي ۋە تېخنىك ياردەم پىلانىمىزنى، ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەتلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. سودىدىن مائارىپقىچە، يېزا ئىگلىكتىن ئېنىرگىيىگىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى بۇ خىزمەتتە بۇ ئەللەرگە يىلدا 200 مىليون دوللار قىممىتىدە ياردەم بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز. بۇ ئەللەرگە بولغان بىۋاستە سېلىنغان مەبلەغ سوممىسىنى 2015-يىلىدا 5 مىليارد دوللارغا، 2020-يىلىدا 12 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى پىلانلاۋاتىمىز. بىخەتەرلىك، تەرەققىيات ۋە كىشلىك ھوقوققا ھۆرمەت قىلىش، ئەبەدىي تىنچلىقنىڭ كاپالىتى، بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىلىرىدىن ئىبارەت.
    تۈركىيە ب د ت نىڭ بۇ پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن خىزمەت قىلىشقا ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ بىخەتەر، ياشىغىلى بولىدىغان بىر دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە سەمىمىيلىك بىلەن تىرىشىدۇ.
    كۆپ رەھمەت!

    ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 26 September 2011
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى»دىن باتۇر قاراخانلې
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghuracademy.com/?p=19828
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: