版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/163237813.html

    ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا ئامراق؟


    * مەنبە: «نۇر تورى»
    * 2011-09-21


    ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا ئامراق؟
    ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن توختىماي ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ؟
    نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئوخشاش ئىش قىلىدۇ؟
    ئۇرۇشتىن جاق تويغان سايلىغۇچىلار 2008-، 2009- ۋە 2011-يىلى ئامېرىكا ئۇرۇش قوزغىغاندا نېمىشقا پەرۋامۇ قىلمىدى؟
    ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە مەسىلىسىدە ئازراق پۇل ئۈچۈنمۇ توختىماي جاڭجاللىشىدىغان ئىككى پارتىيە نېمە ئۈچۈن زۇڭتۇڭنىڭ لىۋىيەدىكى ھەرىكەتتە كۈندە 100 مىليون دوللار چىقىم قىلىشىغا قاراپ تۇرىدۇ؟
    يېقىندا، ئامېرىكا «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىدا ئامېرىكىنىڭ توختىماي ئۇرۇش قىلىشىدىكى بەش ئاساسىي سەۋەب يەكۈنلەپ چىقىلدى.
    بۇ ماقالىنىڭ قىسقارتىلمىسى تۆۋەندىكىچە:

    (1) ئۇرۇش قىلىشقا قۇربىمىز يېتىدۇ

    بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئامېرىكىنىڭ قۇدرەتلىك ھەربىي ئەمەلىي كۈچكە، بولۇپمۇ لىۋىيەنىڭ ئاجىز ھەربىي كۈچى ئالدىدا تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھەربىي ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدا. ئەگەر سىزنىڭمۇ يۈزنەچچە ئايروپىلانىڭىز، لازېر نۇرى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىڭىز، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىڭىز بولغاندا، پۈتۈن دۇنيا كۆز ئالدىڭىزدا ھۇجۇم نىشانىڭىزغا ئوخشاپ قالىدۇ. شۇڭا، دۇنيانىڭ مەلۇم جايىدا چىگىش مەسىلە كۆرۈلگەندە «بىرەر ئىش قىلىش»نى ئويلاپ ھاياجىنىڭىزنى باسالماي قالىسىز.
    بۇ خۇددى زۇڭتۇڭنىڭ ئۈستىلىدە چوڭ بىر قىزىل كۇنۇپكا بولۇپ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى كىرىپ: زۇڭتۇڭ ئەپەندى، بەزى بەختسىز كىشىلەر ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغاندەك قىلىدۇ، ئەگەر ئاشۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا بۇ ئىشنى توسۇپ قالالايسىز. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليون، ھەتتا نەچچە مىليارد دوللار چىقىم قىلىنىشى مۇمكىن. بىراق قەرزنى سەل كۆپەيتسەكلا بولىدۇ. قۇرۇقلۇق قىسىمى ئەۋەتمىسىڭىزلا، پۇقرالار ھېچ بولمىغاندا سىزنى بىر مەھەل قوللىشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ باشقىلار بىزگە قارشى تۇرالمايدۇ. ھېچ بولمىغاندا دەرھال قارشى تۇرالمايدۇ. چۈنكى، رەقىبىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى ئاجىز. ئەپەندىم، بىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىز زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا سىزنىڭ ھېچقانداق ئىش قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر سىز ئۇ كۇنۇپكىنى باسمىسىڭىز نۇرغۇن بىگۇناھ كىشى بىئەجەل ئۆلىدۇ. زۇڭتۇڭ ئەپەندىم، مانا بۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىز، دەپ يول كۆرسەتكىنىگە ئوخشايدۇ. ناھايىتى قاتتىق قول، كەسكىن زۇڭتۇڭ ياكى ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ھەم ئۇرۇشنىڭ ئېنىقسىزلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان زۇڭتۇڭلا بۇنداق ئازدۇرۇشقا تاقابىل تۇرالايدۇ.
    ئەلۋەتتە، ئىلگىرىكى زۇڭتۇڭلارغا ئوخشاشلا ئوبامامۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئالاھىدە ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قورال كۈچى ئىشلەتكەنلىكىنى ئاقلايدۇ. ئوباما ئىلگىرىكىدەك «ئامېرىكا مۇستەسنائىزمى» سەپسەتىسىدە، ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى، ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىكتىكى مەجبۇرىيىتى ۋەھاكازالارنى ئىپادىلىدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ھازىر ھەقىقىي مۇستەسنا بولۇۋاتقىنى بىزنىڭ قارىشىمىز(ئەلۋەتتە كېلەڭسىز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مائارىپتىكى يۇقىرى ئۆلچەم، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ گۈللەپ ياشنىشى قاتارلىقلارمۇ) بولماستىن، بەلكى زۇڭتۇڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچنى چاڭگىلىدا تۇتىدىغان، ئەمما زۇڭتۇڭنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىشىنى چەكلەپ تۇرىدىغان سىياسىي كۈچنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتقانلىقى.  

    (2) ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنى يوق

    ئامېرىكىنىڭ ھېچنېمىدىن تەپ تارتماسلىقىدىكى ئىككىنچى سەۋەبى، سوغۇق ئورۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا ئىنتايىن بىخەتەر ئورۇندا تۇردى. غەربىي يېرىم شاردا ھەربىي چوڭ دۆلەت يوق. ھەرقانداق جايدا «بىز بىلەن رىقابەتلەشكۈدەك ئەمەلىي كۈچى بارلار» يوق(ئەگەر بىز دەسمايىمىزنى نادانلارچە بۇزۇپ چاچىدىغان بولساق، جۇڭگو ئۇزاققا قالماي ھەربىي چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن)؛ دۇنيادا ئۆز مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكىغا زەربە بېرەلەيدىغان بىرمۇ دۆلەت يوق.
    بىز بېشىمىزنى ئاغرىتىۋاتقان تېررورلۇق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە تېررورلۇقنىڭ خەتىرى كۆپتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. تېررورچىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ قىسمەن سەۋەبى دەل باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشقانلىقىمىزنىڭ ئاقىۋىتى. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنى ئەڭ ياخشىسى قورال كۈچىدىن باشقا يول بىلەن ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت زېمىنى ھەقىقىي تاشقى تەھدىتتىن بىخەتەر يىراقلاشتى(بۇ بىر ياخشى ئىش)، ئامېرىكا يېتەرلىك كاپىتالىدىن پايدىلىنىپ چەت ئەللەرگە بېرىپ «ئالۋاستىلار»نى يوقىتىۋاتىدۇ(بۇ ياخشى ئىش ئەمەس)، دېيىش    ناھايىتى كىنايىلىك مەسىلىدۇر. ئەگەر ئامېرىكىلىقلار ھەقىقەتەن ئۆز دۆلىتىنىڭ كۈچلۈك دۈشمەننىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلسا، بىز خۇددى لىۋىيەگە قوللانغان ھەرىكەتكە ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان بۇنداق ئىش ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى ۋە پۇللىرىمىزنى سەرپ قىلماسلىقىمىز لازىم. ئەمما ھېچقانداق ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ بىزنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئورنىمىز مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىشىمىزغا يول قويىدۇ. 

    (3) ساپ پىدائىي ئارمىيە

    بىزنىڭ ئۇرۇش قوزغاشقا بۇنداق قىزىقىشىمىزدىكى 3-سەۋەب: ئامېرىكىدا ساپ پىدائىي ئارمىيە بولغانلىقىدا. ھەرىكەتكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىشنى خالايدىغانلار ئارقىلىق ھەربىي ھەرىكەتنى تاماملىغاندا جامائەتنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغان پىكرىنى تېخىمۇ ئوڭاي كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتۈشى زۆرۈر بولسا، ئەگەر ۋال كوچىسىدىكى بانكىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي چەك تارتىش ئارقىلىق ئۇرۇشقا ئەۋەتىلسە بۇش ياكى ئوباما ئىراق ياكى ئافغانىستاندا مۇشۇنچىلىك ئۇزاق ئەسكەر تۇرغۇزالامدۇ؟ مەن بۇ ئىشلاردىن بەك گۇمانلىنىمەن.
    شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇكى، ساپ پىدائىي ئارمىيەدىن ۋاز كېچىش كېرەك دېگەن تەتۈر مۇقام توۋلايدىغان تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ئەمەسمەن. ئۇلارنى قوللاشقا نۇرغۇن ئاساسىمىز بار. ئەمما ساپ پىدائىي ئارمىيە ھازىر ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەرتىپىنىڭ ئالاھىدىكىنىڭ بىرى. بۇ ئامېرىكىنىڭ توختىماي قوراللىق ھەرىكەت قىلىشىغا سىياسىي جەھەتتە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.

    (4) يادرولۇق گۇرۇھ -ئاچقۇچ

    بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشلارغا توختىماي قول تىقىشىمىزدىكى 4-سەۋەب: دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى يادرولۇق گۇرۇھ «ھەرىكەت قوللىنىش»نى قەتئىي قوللايدۇ. ۋاشىنگتوننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئىدىيەسىگە يېڭى كونسېرۋاتىپلار(بۇ ئۇرۇشخۇمارلار ئاشكارا ھالدا سىرتقا «ئەركىنلىك» چىقىرىمىز، دەيدۇ) يېتەكچىلىك قىلماستىن، بەلكى «ئەركىن مۇداخىلىچىلەر(ئۇلار مەلۇم جەھەتتە بىر نەچچە تەرەپلىك باھانە سەۋەب تاپسىلا، مەسىلىنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئامراق)» يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
    ئامېرىكىدىكى ئاقىللار گۇرۇھلىرى، كومىتېتلار، جامائەت سىياسىتى ئىنستىتۇتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھازىر مۇشۇ دۇنيا قاراشنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ ۋە ھىمايە قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئورگانلار كۆپ ھاللاردا ئامېرىكىنىڭ قانداق ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىردەك پىكىرگە كېلىشكە (ياكى قايسى مەسىلىلەرنى ئالدىن ھەل قىلىش كېرەكلىكىگە) ئامالسىز قالسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئامېرىكىنىڭ كۆپرەك قورال كۈچى ئىشلىتىشىگە قوشۇلىدۇ. قىسقىسى، بىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىمىزنى ئىككى پارتىيەدە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان «جەمئىيەتنى ياخشىلاشنى خىيال قىلىدىغانلار» تۈزىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ھوقۇق مەركىزىگە سۇقۇنۇپ كىرگەن. بىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىمىزنى تۈزگەن كىشىلەر تەختكە چىقىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغاچقا، ھەربىي ھەرىكەتنى چەكلەشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ ھەم ئەگەر ۋاشىنگتون توختاپ قالسا مەيلى ئامېرىكا بولسۇن ياكى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن خېلى ئارام تېپىپ قالىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالمايدۇ. ۋەھالەنكى، ئەگەر قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ بۇ دۇنيانى ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆزگەرتمىسە ئۇلارنىڭ ۋاشىنگتوندا كاتتا ئەرباب  بولغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟
    كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىققا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار ھەميېنى توم، ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان، ئالىي تەربىيە كۆرگەن كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرى ھىمايە قىلىۋاتقان سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ(مەسىلەن: ئاز ساندىكىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەربىيلىككە قاتناشمايدۇ). ھەربىي مۇداخىلىنى قوللىغانلار ئېغىر مالىيە كىرىزىسىغا ۋە ياكى چەل ئەلدە ئۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولمىغان ئەھۋالدا ئۇزاق مۇددەت ئىشسىز قېلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەيدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئاقىللار گۇرۇھىغا ئارامخۇدا خىزمەت قىلىدۇ.
    تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، بۇ خىل دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئاكتىۋىزىمنىڭ بازار تېپىشى ئامېرىكىدىكى ئوڭچىللار قوللانغان ئەڭ ئۇتۇقلۇق ئازدۇرۇشتىن بولغان. 1960-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار سىجىل ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان سىياسىي ۋەزلەرنى ئېيتىپ، ئامېرىكىدىكى سايلىغۇچىلارنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تەننەرخى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي تەننەرخىنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ، يەنە كېلىپ بۇ ھەربىي ئەسلىھىلەر ئامېرىكىنىڭ ئۆز زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى ئاساسلىقى باشقا دۆلەت خەلقىنىڭ نامىدا ئۇرۇش قىلىشقا ئىشلىتىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە باج تاپشۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلەرنى قوللاشنى يولغا قويۇش-ئەخمەقلەرچە قىلىنغان ئىسراپچىلىق ھەرىكىتى بولسىمۇ، باج تاپشۇرۇش ئارقىلىق ھەربىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى قوللاشنىڭ ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى. يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىلىقلار باج كېرىمىنى ئامېرىكا پۇقرالىرى نەپ ئالىدىغان ئىشقا (مەسىلەن: مەكتەپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، يول، كۆۋرۈك، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىقلار)غا چىقىم قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىلىقلاردىن باج ئېلىش (ئەلۋەتتە ئەڭ باي ئامېرىكىلىقلاردىن ئالمايدۇ) ھەم پۇلنى چەت ئەلدىكى ئۇرۇشقا ئىشلىتىشنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بىزمۇ بۇنىڭغا ئىشەندۇق. يەنە كېلىپ زۇڭتۇڭغا تاللاپ0000 ئۇرۇش قوزغىتىش بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى پىلاننى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولۇش ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم يوقتەك قىلىدۇ. 

    (5) ھازىرقى ھەربىي كۈچ زۇڭتۇڭنىڭ قولىدا

    ئۇرۇش قىلىشنى جاكارلاش ھوقۇقى زۇڭتۇڭدا بولماستىن، بەلكى ئامېرىكا پارلامېنتىدا بولىدۇ. ئەمما 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، بۇ ھوقۇقنى دائىم  باشقىلار تارتىۋالدى. ئاساسىي قانۇندا بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى زۇڭتۇڭلار باشقا دۆلەتلەرگە ئەسكەر چىقىرىشتا قىلچىلىكمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغاندەك ھېس قىلىپ باقمىدى، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ قانداق مەخپىي ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىمالى بارلىقىدىن پارلامېنتنى تولۇق خەۋەرلەندۈرۈپمۇ قويمىدى. شۇڭا، بىز پەخىرلىنىدىغان، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن «ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىنى تىزگىنلەپ ۋە تەڭشەپ تۇرۇش» سىستېمىسىنى ئەمەلىيەتتە يولغا قويغىلى بولمايۋاتىدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى زۇڭتۇڭ بىلەن ئاز ساندىكى قارا نىيەت مەسلىھەتچىلەرنىڭ تىزگىنلەپ تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ جامائەتنىڭ پىكرى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس(مەسىلەن: ئۇلارمۇ ئەل رايىنى سىنايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى بار)، ئەمما بۇ ئۇلارنى كۈچلۈك تىزگىنلىيەلمەيدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://nur. cn/html/news/31392. shtml
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: