版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/163238808.html

    سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ھەققىدە


    سەئۇدى ئەرەبىستان ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە پارىس قولتۇقىغا، غەربتە قىزىل دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. ئۇ ئىيوردانىيە، ئىراق، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسمى-جىسمىغا لايىق «نېفىت پادىشاھلىقى» بولۇپ، نېفىت زاپىسى ۋە مەھسۇلاتى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇزسىزلاشتۇرۇلغان دېڭىز سۈيى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش مىقدارى دۇنيادىكى تۇزسىزلاشتۇرۇلغان دېڭىز سۈيى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ% 21 ىنى ئىگىلەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئەركىن ئىقتىساد سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، نېفىت بىلەن نېفىت خېمىيە سانائىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى.
    سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەر كۆلىمى 2 مىليون 149 مىڭ 690 كۇۋادرات كىلومېتىر، پايتەختى رىياد، (1984-يىلىدىكى نوپۇسى) 10 مىليون 820 مىڭ بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، سۈننىيلەر %85نى، شىئەلەر% 15نى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار كۈندە بەش ۋاق ناماز ئۆتەيدۇ. ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تەرەپ تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس. پۈتۈن مەملىكەت رىياد ۋىلايىتى، مەككە ۋىلايىتى، مەدىنە ۋىلايىتى، شەرق ۋىلايىتى، كاسسىم ۋىلايىتى، ھائىل ۋىلايىتى، ئاسىر ۋىلايىتى، باخا ۋىلايىتى، تابۇك ۋىلايىتى، شىمال چېگرا ۋىلايىتى، جىزان ۋىلايىتى، ناچىلاند ۋىلايىتى، جۇف ۋىلايىتىدىن ئىبارەت 13 ۋىلايەتكە ئايرىلغان. ۋىلايەت قارىمىقىدا 1- ۋە 2-دەرىجىلىك ناھىيەلەر، ناھىيەلەر قارىمىقىدا 1- ۋە 2-دەرىجىلىك يېزىلار تەسىس قىلىنغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر تۇغۇلغان جاي مەككە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ، ھەر يىلى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن بۇ يەرگە ھەجگە كېلىدىغان مۇسۇلمانلار ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ.

    سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىنىڭ غەربى ئېگىز، شەرقى پەس بولۇپ، غەربىي قىسمىدىكى ئېگىزلىك ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا، باشقا رايونلىرى سۇبتروپىك بەلباغ قۇملۇق ئىقلىمىغا تەۋە. ياز پەسلى ئىسسىق، قۇرغاق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 50 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ. قىش پەسلىنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۆتىدىل بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە يېغىن مىقدارى 200 مىللىمېتىردىن ئاشمايدۇ. زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى ئېگىزلىك. غەربىي قىسمىدىكى قىزىل دېڭىز قىرغاقلىرى تار تۈزلەڭلىك بولۇپ، شەرقى سېرات تېغىدىن ئىبارەت. تاغلىق جايلىرىنىڭ يەر شەكلى شەرققە قاراپ پەسىيىپ ماڭغان بولۇپ، تۈزلەڭلىككە تۇتىشىدۇ. قۇملۇق كەڭ تارقالغان، شىمالىدا چوڭ نەفۇد قۇملۇقى، جەنۇبىدا رۇب خالى قۇملۇقى بولۇپ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ئاليۇمىن، فوسفور قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بار. شەرقىي قىسىمدىكى پارىس قولتۇقى قىرغاقلىرىدىكى قۇرۇقلۇق ۋە يېقىن دېڭىزدا نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسى ناھايىتى مول. رۇب خالى قۇملۇقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بۇرايمى بوستانلىقى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئومان تالىشىۋاتقان رايوندىن ئىبارەت.

    مىلادى 7-ئەسىردە، ئىسلام دىنىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدنىڭ ۋارىسلىرى ئەرەب ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان، 8-ئەسىردە ئىمپېرىيە گۈللىنىپ تېررىتورىيەسى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەسىگىچە كېڭەيگەن. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستان «ئەرەبىستان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، 11-ئەسىردىن باشلاپ خارابلاشقان، 16-ئەسىردە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسى ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 19-ئەسىردە ئەنگلىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھىجاز ۋە نەجدتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. 1924-يىلى نەجد قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا ئەزىز سەئۇدى ھىجازنى نەجدكە قوشۇۋېلىپ، 2-يىلى ئۆزىنى پادىشاھ، دەپ جاكارلىغان. ئابدۇللا ئەزىز سەئۇدى ئۇرۇش ئارقىلىق ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 1932-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەم بۇ كۈننى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ، مىلادى 7-ئەسىردە مۇھەممەد مەككىدە ئىسلام دىنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىنى ھالقىغان ئەرەب ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان. 16-ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1446-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، سەئۇدىلارنىڭ ئەجدادلىرى يېرىم ئارالنىڭ شەرقىدىكى كاتىبتىن نەجد رايونىدىكى ۋادى-مۇل كارما دەريا جىلغىسى رايونى ئەتراپىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەم بۇ جاينىڭ نامىنى «دەريائى» دەپ ئاتىغان. 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، سەئۇدى جەمەتى نەجد رايونىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۈچ جەمەتنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، نەجد رايونىدا ئىسلام دىنىدىكى يېڭى مەزھەپ-ۋاھابىي مەزھىپى پەيدا بولغان. سەئۇدى جەمەتى ۋاھابىي مەزھىپىنى سىياسىينى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئىدىيەۋى قورال سۈپىتىدە تولۇق قوبۇل قىلغان بولۇپ، سەئۇدىلار جەمەتى ھوقۇق مەركەزلەشكەن دۆلەت قۇرۇش جەريانىدا، بۇ مەزھەپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. سەئۇدىلار جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەجدنى بويسۇندۇرۇپ، رىيادنى بېسىۋالغان ھەم كۇۋەيت، كەربالاغا ھۇجۇم قىلىپ، ھاسانى يۇتۇۋالغان، مەككە ۋە مەدىنىنى ئىشغال قىلىپ، پۈتكۈل ھىجازنى تۈركىيەلىكلەردىن تارتىۋېلىپ، 1811-يىلى سەئۇدىلار جەمەتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۇنجى ۋاھابىيلار خانلىقىنى قۇرغان.
    سەئۇدىلار جەمەتىنىڭ ئىستېلا ھەرىكىتى سۇلتان ئوسماننى غەزەپلەندۈرگەن. سۇلتان مىسىر باش ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلىنى ئۇلارغا جازا يۈرۈش قىلىشقا بۇيرىغان. يەتتە يىل جەڭ قىلىش ئارقىلىق، مىسىر قوشۇنلىرى 1818-يىلى 4-ئايدا سەئۇدى خانلىقىنىڭ پايتەختى دەريائىنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. سەئۇدىلار جەمەتى كۇۋەيت ۋە پارىس قولتۇقىدىكى دېڭىز بويىدىكى شەھەر-بازارلارغا قېچىپ كەتكەن. 1845-يىلى سەئۇدىلار جەمەتى مىسىر ئىستېلاچىلىرى قولىدىن نەجدنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، رىيادقا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەم رىيادنى سەئۇدى خانلىقىنىڭ 2-پايتەختى قىلغان. كېيىن سەئۇدىلار جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئارازلىق يۈزبەرگەچكە، شىمالدىكى شامار قەبىلىسىدىكى راشىد جەمەتى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەجدتە باش كۆتۈرۈپ، رىيادنى بېسىۋالغان. سەئۇدى جەمەتى يەنە بىر قېتىم سەرگەردان بولۇپ كۇۋەيتكە كەتكەن.

    20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىبىن سەئۇدى سەئۇدىلار جەمەتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ 1902-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنى باشلاپ رىيادنى قايتۇرۇۋالغان، 1906-يىلى راشىد جەمەتىنى مەغلۇپ قىلىپ، سەئۇدى جەمەتىنىڭ نەجدتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. قولغا كەلگەن ھاكىمىيەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، قەبىلىلەر ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بۆلۈنمە ھالەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئۇلار 1910-يىلى «ئىخۋان-تەۋھىد» يەنى «<ئاللا بىر> قېرىنداشلار جەمئىيىتى»نى قۇرغان. قېيىن يەنە ئىخۋاندىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا «ھىجرەت» قۇرۇپ، ئىخۋانغا قوشۇلغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. «ھىجرەت» ئەمەلىيەتتە دىن، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلارنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال گەۋدە ئىدى. ھىجرەت ئەڭ دەسلەپ ئالتاۋىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، 1939-يىلى تەرەققىي قىلىپ 140 نەچچىگە يەتكەن. ئىبىن سەئۇدىنىڭ ئەسكەرلىرى ئاساسلىقى ھىجرەتلەردىن قوبۇل قىلىنغان. قورال-ياراغ، ئات ۋە ئوزۇق-تۈلۈكنىڭ ھەممىسىنى ئەسكەرلەر ئۆزى تەييارلايتتى، ئۇرۇشتا ھەر بىر كىشىگە بىر ئۈلۈشتىن ئولجا بۆلۈپ بېرىلەتتى. 1915-يىلى ئەنگلىيە ئىبىن سەئۇدىنى مەجبۇرلاپ «دوستلۇق ئىتتىپاقداشلىق» كېلىشىمى ئىمزالىغان ھەم ئۇنىڭ نەجد ۋە ھاسادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان؛ ئىبىن سەئۇدى باشقا دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىماسلىق، سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك ۋە ئىجارىگە بېرىش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلىمەسلىككە، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەنگلىيە «قوغداۋاتقان جايلار»غا دەخلى-تەرۈز قىلماسلىققا ماقۇل بولغان. 1920-يىلىدىن 1922-يىلىغىچە، ئىبىن سەئۇدى راشىد جەمەتىنى بويسۇندۇرغان. 1924-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، ئۇ ئەسكەر باشلاپ، ھىجاز خانى ھۈسەيىنگە تەۋە جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، تائىف، مەككە، مەدىنە، جىددەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئاسىرنى يۇتۇۋالغان، ھىجاز خانى ھەم نەجد ۋە ئۇنىڭغا تەۋە جايلارنىڭ سۇلتانى بولغان. 1927-يىلى 5-ئايدا، ئۇ جىددەدە ئەنگلىيە بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىغان بولۇپ، ئەنگلىيە ئۇنىڭ ھىجاز ۋە نەجد ھەم ئۇنىڭغا تەۋە جايلارنىڭ خانى بولۇشتەك تولۇق مۇستەقىل ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. 1932-يىلى 9-ئايدا، دۆلەت نامى «سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى» دەپ رەسمىي بېكىتىلگەن.
    پادىشاھ ئىبىن سەئۇدى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوسلۇققا ئەھمىيەت بەرگەن؛ مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى تەرتىپكە سېلىپ، كابىنېت تۈزۈمى ئورنىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ پەن-تېخنىكا كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن؛ قاتناش، پوچتا-تېلېگراف، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرغان. 1933-يىلى كۆلىمى 932 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان نېفىتلىكنى ئېچىش ھوقۇقىنى ئامېرىكا كالىفورنىيە«موبىل» نېفىت شىركىتىگە 66 يىللىق ئىجارىگە بەرگەن. بۇ شىركەت 1938-يىلى ھاسادىكى ئەد داممان رايونىدا نۇرغۇن نېفىت بارلىقىنى بايقىغان. نېفىت ئېچىلغاچقا، سەئۇدى ئەرەبىستان خانلىقىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولغان. 1953-يىلى ئىبىن سەئۇدى ئالەمدىن ئۆتكەن. سەئۇدى (1953-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە، 1960-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە)؛ فايسال (1958-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە، 1964-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە)؛ خالىد (1975-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە) پادىشاھ بولغان. 1982-يىلى 6-ئايدا خالىد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فاھىد ئىبىن ئابدۇل ئەزىز تەختكە چىققان. ئۇ ئىچكى جەھەتتە خۇسۇسىيلارنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سىرتقا قارىتا بىتەرەپ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداپ، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، ئەرەب ئەللىرى ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

    سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدۇ. ئاساسىي قانۇنى يوق. «قۇرئان كەرىم» بىلەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرى دۆلەت قانۇنىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاساستىن ئىبارەت. پادىشاھمۇ«ئاللانىڭ چاكىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. پادىشاھنىڭ ئالىي مەمۇرىي ھوقۇقى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بولۇپ، كابىنېتتىكىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، كابىنېتنى تارقىتىۋېتىش ياكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش؛ ئىز باسارىنى بېكىتىش ياكى ئۇنى بىكار قىلىش، كېڭەش مەجلىسىنى تارقىتىۋېتىش؛ كابىنېت يىغىنلىرىنىڭ قارارلىرى ھەم چەت ئەللەر بىلەن تۈزگەن شەرتنامە، كېلىشىملەرنى تەستىقلاش ياكى ئىنكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 1992-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، پادىشاھ فاھىد دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تۈپ قانۇنىنى ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىغا ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى، سابىق پادىشاھ ئابدۇللا ئەزىز رەھمان فايسال سەئۇدىنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر كىشىنىڭ پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. 2006-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادى تېز ئېشىپ، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىشقا باشلىغان.

    ئابدۇللا بىن ئابدۇل ئەزىز 1924-يىلى رىيادتا تۇغۇلغان بولۇپ، سابىق پادىشاھ ئابدۇللا ئەزىزنىڭ ئوغلى، مەرھۇم پادىشاھ فاھىدنىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا قېرىندىشى. ئۇنىڭ ئانىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نەجد ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق كۆچمەن چارۋىچى مىللەت شامارلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئابدۇللا ياش چاغلىرىدا، سىستېمىلىق دىنىي ۋە ھەربىي تەلىم ئالغان. ئۇ 1982-يىلى ۋەلىئەھدلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان ھەم 1-باش ۋەزىر بولغان. كۆپ يىلدىن بۇيان، پادىشاھ ئابدۇللا دۇنيادىكى ئەڭ نېفىت دۆلىتىگە كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
    1964-يىلى، ئابدۇللا سەئۇدى ئەرەبىستان مىللىي مۇھاپىزەت قىسىمىنىڭ قوماندانى بولغان. 1975-يىلى پادىشاھ فايسال قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن، ئابدۇللا ھۆكۈمەتكە كىرىپ، 2-مۇئاۋىن باش ۋەزىر بولغان. 1982-يىلى 6-ئايدا پادىشاھ خالىد كېسەل بىلەن قازا قىلغاندىن كېيىن، ئابدۇللا ۋەلىئەھد قىلىپ تىكلەنگەن ھەم قوشۇمچە 1-مۇئاۋىن باش ۋەزىر ۋە مىللىي مۇھاپىزەت قىسىمىنىڭ قوماندانى بولغان. 2005-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، پادىشاھ فاھىد كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شاھزادە ئابدۇللا خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئالىي رەھبىرى، قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي قوماندانى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى، قوشۇمچە مىللىي مۇھاپىزەت قىسىمىنىڭ قوماندانى بولۇپ، خان جەمەتى ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى قولغا ئالغان.
    پادىشاھ فاھىد ياشىنىپ ئاجىزلىشىپ قالغاچقا، ئابدۇللا كۆپ يىلدىن بۇيان پادىشاھ فاھىدقا ۋاكالىتەن خان جەمەتى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، خان جەمەتى ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقىنى تۇتۇپ كەلگەن. دۆلەت ئىچىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قارىتا، ئابدۇللا بىر يۈرۈش دادىل ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. ئۇ ئالىي ئىقتىسادىي كومىتېت تەسىس قىلىپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، بەزى كارخانىلارنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئامالنىڭ بارىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەن. ئۇ دائىم خۇپىيانە زىيارەتكە چىقىپ، خەلقنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن. ئابدۇللا يەنە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، خان جەمەتىدىكى ئىسراپخورلۇق ئەھۋاللىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئەركىن سودا ۋە تۆۋەن تاموژنا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئېكسپورتى نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ%93 ىنى ئىگىلەيدۇ. نېفىت خىمىيە ۋە بىر قىسىم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىمۇ تەدرىجىي ئېشىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، يېمەكلىك، توقۇلما بۇيۇم قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ. ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرى ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، كورېيە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. زور مىقداردا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان بولغاچقا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى سودىسى ئۇزاقتىن بۇيان ئوڭ بالانىس بولۇپ كەلدى. 2005-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى 228 مىليارد دوللار، ئېكسپورت سوممىسى 157 مىليارد دوللار، ئىمپورت سوممىسى 52 مىليارد 700 مىليون دوللار بولغان.

    سەئۇدى ئەرەبىستان قوراللىق قىسىمى 1964-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئالىي دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى دۆلەت مۇداپىئە ئالىي تەدبىرلىرىنى بەلگىلەيدىغان ئورگان. پادىشاھ قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي قوماندانى ھەم قوراللىق قىسىملارنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى. مۇنتىزىم قىسىملاردا ئادەتتە پىدائىي ئەسكەر تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇرۇش ۋاقتىدا مەجبۇرىي ئەسكەرلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان قوراللىق كۈچلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلغان مەجبۇرىي ئەسكەرلىك تۈزۈمى ئاساسىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، مىللىي مۇھاپىزەت قىسىمىدىكى ئەسكەرلەر نەجد ئۆلكىسىدىكى كۆچمەن چارۋىچى ئەرەبلەردىن قوبۇل قىلىنغان.
    سەئۇدى ئەرەبىستان قوراللىق قىسىمىنىڭ ئومۇمىي ئەسكىرى تەخمىنەن 106 مىڭ بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 73 مىڭ ئەسكىرى، ئۈچ برونېۋىك بىرىگادىسى، بىر پاراشوتچىلار بىرىگادىسى، بىر پىيادە ئەسكەرلەر بىرىگادىسى، بىر خان جەمەتى مۇھاپىزەتچىلەر پولكى، 23 توپچىلار باتالىيونى بار؛ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 11 مىڭ ئەسكىرى بولۇپ، قىزىل دېڭىز ۋە پارىس قولتۇقى فىلوتىدىن تەركىب تاپقان؛ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن 18 مىڭ ئەسكىرى بولۇپ، ھۇجۇمچى ئايروپىلان ئوتتۇرا ئەترىتى، توسۇپ زەربە بەرگۈچى ئايروپىلان ئەترىتى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا يەنە مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسىمى، چېگرا مۇداپىئە قىسىمى، ئالاھىدە خەۋپسىزلىك قىسىمى ۋە دېڭىز مۇھاپىزەت قىسىمى قاتارلىقلار بار.

    ھۆكۈمەت مائارىپ ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا سەككىز ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت، 78 ئىنستىتۇت، بەش دىنىي ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەدىنە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام دۇنياسىدا ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتكە ئىگە. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا 339 مىڭ 600 ئوقۇتقۇچى، 4 مىليون 800 مىڭچە ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا 272 مىڭ ئىستۇدېنت بار. ھەر يىلى تەخمىنەن 7000 ئوقۇغۇچى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدۇ. دۆلەت ئىچىدە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنتلارنىڭ ياتاق-تامىقى ھەقسىز بولغاندىن سىرت، يەنە قوشۇمچە ياردەمدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىرقەدەر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن رىياد ئۇنىۋېرسىتېتى بار.
    مەملىكەت بويىچە 13 خىل گېزىت، 24 خىل ژۇرنال نەشر قىلىنىدۇ. ئاساسلىق ئەرەبچە گېزىتلەردىن: «رىياد گېزىتى»، «ئوتتۇرا شەرق گېزىتى»(لوندوندا نەشر قىلىنىدۇ)، يېرىم ئارال گېزىتى، «دۆلەت گېزىتى»، «ئوۋكاز گېزىتى»، «سۆھبەت گېزىتى» قاتارلىقلار، ئىنگلىزچە ئاساسلىق گېزىت-ژۇرناللاردىن «ئەرەب خەۋەرلىرى»، «سەئۇدى ئەرەبىستان گېزىتى»، «سەئۇدى ئەرەبىستان سودا ئىشلىرى»، «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا نەزەر» قاتارلىقلار بار.

    مەككىدىكى كەبە ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى ھەج-تاۋاب قىلىدىغان مەركەزدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش، مۆتىدىل ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، دۆلەتلەر بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە ئۆتۈش، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى دىپلوماتىيە جەھەتتە بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەرەبلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. كۆپ مەنبەلىك دىپلوماتىيەنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. دۇنيادىكى چوڭ نېفىت دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان OPEC نىڭ ئىچى-سىرتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ھەم نېفىت ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ.

    سەئۇدى ئەرەبىستان 1990-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2006-يىل 1-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ھۆججىتى ئىمزالىدى. 2006-يىلى 4-ئايدا، رەئىس خۇ جىنتاۋ سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەم شۇنداق قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 2008-يىل 12-ماي ۋېنچۈەندە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا 50 مىليون دوللار نەق پۇق ھەم 10 مىليون دوللارلىق ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلغان بولۇپ، قىلغان ئىئانىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئەڭ كۆپ بولدى.
    ئىسلام كالىندارى بويىچە ھەر يىلى روزا ھېيتتىن باشلاپ 11-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگو پۇقرالىرىغا ھەج ۋىزىسى بېجىرىپ بېرىدۇ. ھەج ۋىزىسى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئارقىلىق كوللېكتىپ بېجىرىلىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «نۇر تورى»(2011-09-23)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://nur. cn/html/news/31737. shtml
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: