版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/164542958.html

    2011-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى



    نوبېل مۇكاپىتى مېدالىنىڭ ئالدى تەرىپى


    نوبېل مۇكاپىتى مېدالىنىڭ كەينى تەرىپى


    2011-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2011-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى 3-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئېلان قىلىنىدىكەن. 3- ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تېببىي پەنلەر مۇكاپىتى ئەڭ ئالدى بىلەن ئېلان قىلىنىدىكەن. ھازىر، بارلىق نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى يەنىلا مەخپىي تۇتۇلماقتا.
    2011-يىللىق نوبېل مۇكاپىتىنىڭ پۇلى يەنىلا 10 مىليون شۋېتسىيە كىروناسى ئىكەن، يەنى 9 مىليون 970 مىڭ يۈەنگە توغرا كېلىدۇ.
    2011-يىللىق نوبېل مۇكاپىتىنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكى ۋاقىت بويىچە ئېلان قىلىنىدۇ.
    تېببىي پەنلەر مۇكاپىتى: بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىدۇ.
    فىزىكا مۇكاپاتى: بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىدۇ.
    خىمىيە مۇكاپاتى، بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىدۇ.
    تىنچلىق مۇكاپىتى: بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىدۇ.
    ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىدۇ.
    ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئېلان قىلىدىغان ۋاقىت تېخى بېكىتىلمىدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-10-03)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كانادالىق ئالىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن قازا قىلدى



    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
    كانادانىڭ باش مىنىستىرى خاببىر 3-سىنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن بارلىق كانادالىقلارغا ۋاكالىتەن كانادالىق ئالىم رايىف سىتايمەننىڭ 2011-يىللىق نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈچ كۈن ئالدىدا قازا قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم. ئىگىلىنىشىچە، سىتايمەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېرىشكەن تەتقىقات نەتىجىسى ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا بولغان تونۇشىدا زور ئىلگىرلەش پەيدا قىلغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-10-04)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    2011-يىللىق نوبىل تىببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئېلان قىلىندى


    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئۆكتەبىر خەۋىرى:
    10-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2011-يىللىق نوبىل فىزىئولوگىيە ياكى تىببي مۇكاپاتى ئېلان قىلىنغان، كانادا، ئامېرىكا ۋە لۇكسېمبۇرگلىق ئۈچ نەپەر ئالىم ئىممۇنىتېت سىستېمىسى جەھەتتىكى تۆھپىسى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
    خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2011-يىللىق نوبىل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىستىنا مۇكاپاتىغا ئۈچ نەپەر ئالىم ئېرىشكەن. مۇكاپات سوممىسىنىڭ يېرىمىنى برۇس A  بىتلېر (Bruce A. Beutler) ۋە جۇلېس A خوفمان (Jules A. Hoffmann) تۇغما ئىممۇنىتېتنى ئاكىتىپلاش جەھەتتىكى بايقىشىغا بېرىلگەن. يېرىمىنى رالف M ستېينمان (Ralph M. Steinman) نىڭ دەرەخسىمان ھۈجەيرە ۋە ئۇنىڭ ماسلىشىشچان ئىممۇنىتىتتىكى رولىنى بايقىشىغا بەرگەن. (نەپرەت تەرجىمىسى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=3227
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئۈچ ئالىم نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولدى

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى/ رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋىرى)
    شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 4-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۈچ نەپەر فىزىكا ئالىمىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز تەتقىقاتى ئارقىلىق 2011-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.


    سۈرەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ بىرى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلېي تارماق مەكتىپىنىڭ دوكتورى ساۋۇل پېرلماتتېر. ماتېرىيال سۈرىتى.


    سۈرەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ بىرى، ئامېرىكىدا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى برايىن شىمايدتنىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى/ رېيتېر ئاگېنتلىقى)


    سۈرەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ بىرى، ئامېرىكا يۇھانس خوپكىڭىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئادام رىيېسنىڭ سۈرىتى.

    سۈرەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تېلېۋىزوردىكى سۈرىتى.

     

    ئىسرائىلىيە ئالىمى 2011-يىللىق نوبىل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئۆكتەبىر خەۋىرى:
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2011-يىللىق نوبىل خىمىيە مۇكاپاتى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولىمدا ئېلان قىلىنغان، ئىسرائىلىيە ئالىمى دانىيېل شېتمان (Daniel Shechtman) بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن.
    شىۋېتسىيە خان جەمەتى ئاكادېمىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دانىيېل شېتمان 1982-يىلى تەكشى كىرىستالنى بايقىغانلىقى تۆھپىسىگە ئاساسەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ بايقاش خىمىكلارنىڭ قاتتىق جىسىملارنى كۆزىتىش شەكلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن.
    شىۋېتسىيە خان جەمەتى ئاكادېمىيىسى:«ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ ئاتومنىڭ كىرىستالدىكى سىممىتېرىك تۈزۈش مودىلىنىڭ تارقىلىشى نەزەرىيىسى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، دانىيېل شېتمان ئاتومنىڭ كىرىستال ئىچىدىكى توپلىنىش شەكلىنى تەكرارلانمايدۇ دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن، بۇ قاراش ئەينى ۋاقىتتا تالاش-تارتىش قوزغىغان بولۇپ، ئۇ ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقتىن، تەتقىقات گۇرۇپپسى ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ئۇنىڭ بايقىشى ئالىملارنىڭ ماددىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان نۇقتىئىنەزىرىنى قايتىدىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان.


    دانىيېل شېتماننىڭ بايقىشىغا ئاساسەن، ئالىملار كېيىن باشقا خىلدىكى تەكشى كىرىستاللارنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەمدە روسىيەنىڭ بىر دەرياسىدىكى مېنرال ئەۋرىشكىسىدىن تەبىئىي ھاسىل بولغان تەكشى كىرىستالنى بايقىغان. شېۋىتسىيەنىڭ بىر شېركىتىمۇ بىر خىل پولات ماتىرىيالىدىن تەكشى كىرىستال بايقىغان، تەكشى كىرىستال بۇ ماتىرىيالنى ئىنتايىن قاتتىق قىلىپ تاشلىغان، نۆۋەتتە، ئالىملار تەكشى كىسىتالنى تاۋا ۋە دېزىل ماتورى قاتارلىق كۆپلىگەن مەھسۇلاتلاردا ئىشلىتىشنى تەجرىبە قىلىۋېتىپتۇ.
    دانيېل شېتمان 1941-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىلىيە تېلئاۋىۋدىكى ماتىرىيال ئىلمى ئالىمى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئىسرائىلىيە تېخنىك ئىنىستۇتىدا ماشىنسازلىق قۇرۇلىشى باكلاۋرلىق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن داۋاملىق ئوقۇپ ماتىرىيال ئىلمى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئىسرائىلىيە تېخنىك ئىنىستۇتى فىلىپ توبىياس (Philip Tobias) ماتىرىيال ئىلمى پراففىسورى بولغان، ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستېرلىكى ئامېس تەجرىبىخانىسى (Ames Laboratory) نىڭ ياردەمچىسى بولغان، 1982-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، دانىيېل شېتمان تېز سۈرئەتتە سوۋۇتۇلغان ئاليۇم-خىروم قېتىشمىسىدىن بىر خىل يېڭى شەكىلدىكى 20 فازىلىق مولېكولا قۇرۇلمىسىنى بايقىغان ھەمدە تەكشى كىرىستال تەتقىق قىلىشتىكى يېپيېڭى ساھەنى ئاچقان. (نەپرەت)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=3245
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    شۋېتسىيە شائىرى توماس2011 _ يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى


    جۇڭگو ئاخبارات تورى 6-ئۆكتەبر خەۋىرى:
    شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شۋېتسىيە شائىرى توماس (Tomas Transtroemer) نىڭ 2011-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
    80 ياشلىق توماس 23 يېشىدا تۇنجى شېئىر توپلىمى «ئون يەتتە شېئىر»نى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان. نام چىقارغاندىن كېيىن، «يولدىكى سىرلار»، «قاراڭغۇلۇقتا كۆزىتىش»، «ھەقىقەتكە توسالغۇ بولغۇچى»، «ئۆلۈك ۋە تىرىكلەرگە» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمىنى كەينى-كەينىدىن نەشىر قىلدۇرغان.
    توماس كۆپ قېتىم نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولۇپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ 1990-يىلى سەكتە بولۇپ قالغانلىقتىن سۆزلەش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىغان. (mehray)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=3242
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    ئۈچ ئايال 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
    نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاگلاند 7-ئۆكتەبىر ئوسلودا 2011-يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ لېبىرىيە پىرېزىدېنتى ئېللېن سىرلىئاف جونسون، لېبىرىيە تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى لاييىمان گۇدبوۋېي ۋە يەمەن ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى تەۋەككۈل قەھرىمانغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
    نورۋېگىيە نوبىل كومىتېتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلىدى: بۇ ئۈچ ئايال ئاياللار بىخەتەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ تىنچلىق خىزمىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. زوراۋانلىق قىلماسلىق، كۈرەشكە قاتناشقاندىكى نەتىجىسى ئۈچۈن ئۇلار مۇكاپات پۇلىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ.


    ئوڭدىن سولغا: ئېللېن سىرلىئاف جونسون، لاييىمان گۇدبوۋېي، تەۋەككۈل قەھرىمان

    ئېللېن سىرلىئاف جونسون 2005-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن لېبىرىيە پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىپ، 2006-يىلى 1-ئايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، ئافرىقا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولۇپ قالغان.
    لاييىمان گۇدبوۋېي رەھبەرلىكىدىكى تىنچلىق ھەرىكىتى 2003-يىلى لېبىرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن.
    تەۋەككۈل قەھرىمان يەمەننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى.
     
    تەرجىمان: ئامانگۈل ھېبىبۇللا
    سۈرەت تەھرىرى: گۈلبەھرەم مۇختار
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-10-08)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    (يېڭى ئۇچۇرلار داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-10-05)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: