版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/77009954.html

    ئۇيغۇرلاردىكى خۇراپىيلىق ۋە ئەقىدەچىلىك توغرىسىدا

    داۋىد گۇستافسون

    (داۋىد گۇستافسون 1913-1915-يىلغىچە قەشقەردە تۇرغان بىر شىۋىتسىيىلىك مىسسىئونېر. بۇ يازما ئۇنىڭ قالدۇرغان كۈندىلىك خاتىرىسىدىن تەرجىمە قىلىندى)
    ^^^^^^^^^^^^^^^^^


               مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خۇراپاتلىق ۋە ئەقىدىچىلىك ئومۇملاشقان بولۇپ, بۇ ئۇلاردىكى دىننىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان ئىگىز تاغلار، قاراڭغۇ جىلغىلار، سەھرايى چۆللىكلەر، قۇيۇن-بورانلار ۋە مىراجلاردىن تەركىپ تاپقان سىرلىق مۇھىت ئىچىدە مۇشۇنداق ئۆرپ-ئادەت شەكىللىنىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن.
              ئۇلار چۈشكە، ئەرۋاھلارغا، يامان كۆزلەرگە، جادۇگەرلىككە ۋە بارلىق توسالغۇ سېھىرگەرلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇلار كېسەللىك ۋە بالا-قازالارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ خىل كۈچلەر يارىتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلار قوللىنىدىغان ئەڭ كۆپ ۋە ئۈنۈملۈك دەپ قارايدىغان قورال--ئەرەپچە ئايەتلەرنى ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش ئىدى. گەرچە ئۇلار بۇ خىل ۋاستىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يەنىلا ياردىمى تەگمىگەنىدى. بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەن كېسەللەرمۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت دۇئا قىلغان بولسىمۇ دۇئالىرىنىڭ پايدىسى بولماي، بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ.
              ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرۋاھلارنىڭ «يامان كۆزى» ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئىگە بولۇپ، بىرەر ئات ياكى ھەرقانداق ھايۋان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئەگەر «يامان كۆزگە» ئۇچراپلا قالىدىغان بولسا، ئۇ چوقۇم ھاياتىدىن ئايرىلاتتى، ئىنسانلاردىكى ئاغرىق-سىلاق، بالايى-قازالارمۇ بۇنىڭدىن ساقىت ئەمەسىدى. شۇڭا بۇ خىل «يامان كۆز»لەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەرلەرگە نىسبەتەن بۇ خىل خەتەرلىك كۈچتىن خالىي بولغان، يەنى ئايىقى ياراشقان خوتۇن تاللاشمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىدى.
              ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئېغىزدىن چىققان ھەر خىل سۆزلەرمۇ بۇ خىل «يامان كۆز»نى باشلاپ كېلەتتى. مەسىلەن، بالىلارنى ئەركىلىتىپ «چىرايلىق ياكى ئوماق» دەپ تەرىپلەشكە بولمايتتى. چوقۇم ئۇنى يامانراق سۆزلەر، يەنى «ئوغرى» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن چاقىرىش كېرەك ئىدى. ئېغىر ئاياق ئاياللارنىڭ «يامان كۆز»دىن ساقىت بولۇشى ئۈچۈن بوسۇغىدىن بىر سىقىم توپا، بەش خىل ئەخلەت ۋە بىر باغلام پاختىنى كۆيدۈرۈپ ئۇنىڭ ئىسىنى بىر دوپپىغا سولاپ، ئاندىن دۇرۇتلارنى ئوقۇپ تۇرۇپ ئۇنى يىراقلارغا تاشلىۋېتىدۇ.
              يەنە ئۇلار «نەس باسقان كۈن»لەرگىمۇ ئشىنەتتى. بۇنداق كۈنلەردە سودا باشلاشقا بولمايتتى. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن مۇشۇنداق كۈن بولۇپ، چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك ئىدى. بولۇپمۇ ئاينىڭ بېشىدىكى تۇنجى كۈن ئانچە قارشى ئېلىشقا ئۇچرىمايتتى.
              ئۇلار يەنە تۇماردىن ئايرىلالمايتتى. قېرىلار، بالىلار ھەممىسىدىلا تۇمار بار ئىدى. بۇ ئارقىلىق يالغۇز ئۆزلىرىنىلا ئەمەس، يەنە بەلكى ھايۋانلارنىمۇ خەتەردىن ساقلايدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا ھەتتا ئات ۋە كالىلارغىمۇ تۇمار ئېسىپ قويۇشىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا بۆرە چىشىدىن تۇمار پۈتۈپ بوينىغا ئېسىۋالغان كىشىلەر ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر قارىلىدۇ ۋە گېپىنىڭ سالمىقى بولىدۇ. ياۋا توشقاننىڭ يۈرىكىدىن ياسالغان تۇمار ئاسقۇچى ئوق ۋە ئوقيادىن خالىي بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. بۆرە تىرنىقىدىن ياسالغان تۇمارنى بالىلارغا ئېسىپ قويغاندا تۈرلۈك يامان كۆزلەردىن ساقلايدۇ. بۆرە ئوشۇقىدىن ياسالغان تۇمار دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىدىن ساقلايدۇ.
              جىندىن ۋە ئەرۋاھتىن قورقۇشمۇ ناھايىتى ئومۇملاشقان. ئۇلار «ھەممىلا يەردە جىن بار» دەپ قاراپ، ئۇلارنى قوغلاش ئۈچۈن داپ چېلىپ، ئۈنلۈك ۋارقىراپ، تورۇسقا بىر ئارغامچا باغلايدۇ. ئاندىن كىشىلەر كېسەل كىشىنى باغلاپ، يالغاندىن ئۇنىڭغا پىچاق سانچىغاندەك ھەرىكەتتە بولىدۇ، ئاندىن ئۇ ئارغامچىنى سامان بىلەن كۆيدۈرۈپ بەدەنگە كىرىۋالغان جىننى يوقاتماقچى بولىدۇ. ئۇ جىن ئاندىن تورۇستىكى ئارغامچىغا ئېسىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا بايىقى ئىستا ئىسلانغان بىر قاچا سۇنى كېسەلنىڭ بېشىدىن ئۆرۈيدۇ.
              مازار-ماشايىخلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. كىشىلەر قەۋرىگە تېۋىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار شۇنداق قىلغاندىلا ئاللاھقا بارلىق كۆڭۈل سىرلىرىنى يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، قەشقەردىكى ئاپاق خوجا مازىرىنى يىراق-يېقىندىن كېلىپ يوقلاپ دەردىگە شىپا ئىزدەيدۇ. كېيىن ئاڭلىشىمچە، بەزى بالا يۈزى كۆرەلمىگەن ئاياللارمۇ مازارلارغا بېرىپ، ئاللاھتىن شىپا ئىزدەيدىكەن. ئاندىن ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان-ئاشمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن شۇ يەردىكى ئېغىر تاشلارنى كۆتۈرۈپ باقىدىكەن، ئاندىن يەنە ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈش ئىستىكى بولسا تاشنىڭ ئۇستىگە ئوقيا قويۇپ قويۇدىكەن.
              ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بۇ خىل مازارلاردا 40 كۈن تۈنەپ، قۇرئاننى قىرائەت قىلىپ چىقىش ئىدى. ئاندىن بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندا مۇشۇ خىل مازارلارنىڭ يېنىدىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىشمۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ تىلەكلىرىدىن بىرى ئىدى. لېكىن مازارلارنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلىكلەر قىممەت بولۇپ، پەقەت بايلارلا قەۋرە سېتىۋالالايتتى.
              چۈشكە ئىشىنىش ۋە تەبىر بېرىشمۇ ئومۇملاشقان. «ئەگەر بىر كىشى چۈشىدە پەيغەمبەرنى كۆرسە، ئۇ ئادەم ھەرگىز دوزاققا كىرمەيدۇ. چۈشىدە پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كىشى خۇدانىڭ مېھر-شەپقىتىگە ئېرىشىدۇ. چۈشىدە مازار كۆرگەن كىشى يۇقىرى ئابروي ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. چۈشىدە دەرۋىش كۆرگەن كىشى يىل بويى ئاغرىقتىن خالىي بولىدۇ. چۈشىدە يۇلتۇز كۆرگەن كىشىنىڭ ئارزۇ-مەقسەتلىرى روياپقا چىقىدۇ. چۈشىدە ئاغرىقنى كۆرگەن كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولىدۇ. چۈشىدە ئۆلۈك كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ. چۈشىدە يىغلىسا، كۆپ خۇشاللىقلارغا ئېرىشىدۇ»...
              گەرچە «قۇرئان»دا پال سېلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر پالچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنداق پالچىلارنىڭ ئالدىغا، كەلگۈسىنى بىلمەكچى بولغانلار، ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرگەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئېرىنىڭ ياكى ئايالىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكى، ئېرىنىڭ قاچان سەپەردىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە بىر ياغلىققا نەچچە تال تاش تاشلىنىپ، ئاندىن جاۋابىنى كىتاپتىن ئىزدەيدۇ. بۇ پالچىلار دانىيار ئەلەيھىسالامنى قوغدىغۇچىسى دەپ قارايدۇ.
              ئۇلار ئارىسىدا يەنە يامغۇر تىلىگۈچى كىشى بولۇپ، «جەدىچى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كىشى يامغۇر تىلەشتىن بۇرۇن مازارغا بېرىپ 41 كۈن ئىچىدە 70مىڭ دانە ئايەت ئوقۇپ چىقىشى كېرەك. يامغۇر تىلەش جەريانىدا چوقۇم جامائەت ئىچىدىكى ياشقا ئەڭ چوڭ كىشى باشتىن-ئاياق تۇرۇشى كېرەك بولۇپ، جەدىچى ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىدىن ياسالغان تاشنى يېڭى ئۆلتۈرۈلگەن تۆت پۇتلۇق ھايۋاننىڭ قېنىغا چىلاپ، دەرەخ شېخى بىلەن ئىلەشتۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ رىسالىسىنى ئوقۇيدۇ. يامغۇر يېغىش ۋاقتى ئادەتتە ئىككى كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ مۆھلەت ئىچىدە يامغۇر ياغمىسا، ئۇ يەنە باشقىدىن كېچە-كۈندۈز دۇرۇت ئوقۇيدۇ. ئەگەر شۇنىڭدىمۇ يەنە يامغۇر ياغمىسا، ئۇ چاغدا جەدىچىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جەدىچى ئەگەر يامغۇر ياغدۇرالىسا، خېلى كۆپ پۇلغا ئېرىشىدۇ، ئەگەر يامغۇر ياغدۇرالماي قالسا ياكى بەك كۆپ ياغدۇرىۋەتسىمۇ خەلقنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
              ئۇيغۇرلار ئىچىدە يەنە «يامان ئەرۋاھ»لارغا ئۇچراپ قالغان بالىلار «ئاۋاق» دەپ ئاتىلىدۇ. بالىلار تالادا ئويناۋاتقان چاغدا ئەگەر قۇيۇنغا ئۇچراپ قالسا، شۇ جىننىڭ كاساپىتىدىن شۇنداق بولدى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنداق بالىلار كۈندىن-كۈنگە ئىشتىھادىن قېلىپ، ئورۇقلاپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ داۋاسى قېشىغا قاپ-قارا قاشلىق ئېتىپ، يۈزىنى قىزىل بوياپ، ئاندىن بالىنىڭ ئانىسى بازارغا بېرىپ 10 تۈگمەنچىدىن ئۇن، 11 قاساپتىن 11 پارچە گۆش تىلەپ كېلىپ، ئۇنى پىشۇرۇپ ئانىسى بىلەن بالىسى بۇنى بىرگە يىيىشى كېرەك ئىدى. تاماقتىن كېيىن بىر قونچاق ياساپ، بىر قاچىغا ئەتكەن تاماقتىن سېلىپ، 7 يول ئۆزئارا كېسىشكەن جايدىكى بىر ئورەككە بۇلارنى قويۇپ قويۇشى كېرەك ئىدى.
              ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايال ئۈچ كۈنگىچە ئورنىدىن تۇرالمىسا، بىر دانە مىكىيان ياكى بىر پاخلان ئوغرىلاپ كېلىنىپ، ئايال ياتقان ئۆينىڭ تۈڭلىكىدە بوغۇزلىنىپ، قېنى ئايالنىڭ بەدىنىگە ئاققۇزىلىدۇ. ئاندىن تۇغۇتلۇق ئايالغا تاماق يىگۈزىلىدۇ. تاماقتىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ بارلىق ئەزالىرى كېسەلنىڭ كارۋىتى ئاستىغا كۆمۈلىدۇ. بۇ جەرياندا «قۇرئان»دىن دۇرۇتلار ئوقۇلىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    شىۋېتچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى
    http://tiwish.blogbus.com/logs/38638006.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: