版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/82478402.html

    ئانا، بىز مەڭگۈ ئەپسۇسلىنىمىز

    نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۆركىشى


    ئانا-بىر دەرەخ، ئۇنىڭ مېھرى بىزنىڭ روھىمىزغا يىلتىز تارتقان. ئۇنىڭ يىلتىزى چىرماشقان ھەرقانداق بىر روھ مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ. ئۇ كۈيلىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى، شۇڭا بىز ئۇنى ئەڭ ئالىي ئېھتىرام ئىچىدە ئۇلۇقلايمىز، مەڭگۈ ئۇنىڭ مېھرلىك قۇچاقلىرى ئارىسىدا كۈلۈمسىرەيمىز. شۇڭا ھەممىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا مېھرى-مۇھەببەت قەرزىمىز بار، ھەممىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاپادارلىق كۆرسۈتۈش مەجبۇريىتىمىز بار. شۇ سەۋەپتىن ھەممىزنىڭ ۋاپادار بالا، كۈيۈمچان پەرزەنت بولغۇمىز كېلىدۇ. كىچىكىمىزدىن باشلاپلا ھەممىزنىڭ قەلبىدە ئانامنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن دەيدىغان ئىدىيە لاۋىلداپ تۇرىدۇ. لېكىن ئەشۇ ئوت مەڭگۈ ھەقىقى يالقۇنغا ئايلىنالماي ئۆتۈپ كېتىدۇ.قەلبىمىزگە سىنچىلاپ قاراپ باقساق ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ گەرچە ۋاپادار پەرزەنت بولغۇمىز بولسىمۇ، لېكىن ۋاپادار پەرزەنت بولالمىغانلىقىمىزنى بايقايمىز.ۋاپادارلىقنى يەتكۈزىدىغان پەيىتلەردە ھامان بىر ئىش، ھامان بىر سەۋەپ يولىمىزنى توسۇپ قويغان بولىدۇ.
    مەسىلەن: دوستلار بىلەن بىر ۋاقلىق ئىسىل غىزادا بىرگە بولغاندا ئۇنىڭدىن ئانا بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئويلىساقمۇ،لېكىن دوستلارنى تاشلاپ كېتەلمەيمىز.نەتىجىدە بۇنداق ئىشلار تەكرارلىنىۋېرىپ بارا-بارا بۇنداق ۋاقىتلاردا ئانىنى ئويلىمايدىغان بولۇپ كىتىمىز. بەلكىم شۇ چاغدا ئانىمىز قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن كۆكتات تىلەپ چىقىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. بەلكىم ئانىمىز يەنە ئاللا قانداق مۇھتاجلىق ئىچىدە قىسىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
    بەزىدە ئانىمىزنىڭ كىيىۋالغان كىيىمىنىڭ بىرقانچە يىل بولغانلىقنى، ئۇنىڭ ئەشۇ كىيىم بىلەن دوستلارغا كۆرۈنۈشى بىز ئۈچۈن ئۇياتلىق ئىشتەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن بىر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىش ئويىغا كەلگەندە يانچۇقۇمىزدىكى پۇلنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىشى چىقىپ قالغان بولىدۇ. شۇڭا: «ئاپا كىيىمىڭ ئەجەپ كونىراپ كېتىپتۇ، باشقا كىيىمىڭ يوقمۇ؟»-دەپلا قويىمىز، ئانىمىز ئالدىمىزدا خىجىل بولۇپ تۇرۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇ «بالام مېنى مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۈرىدۇ. كىيىمىمنىڭ قانداق بولۇشى بەرىبىر» دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئالدىدا كىيىمنىڭ كونا بۇلىشىدىن خىجىل بولمايدۇ. لېكىن بىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ كونا كىيىملىرى بىلەن دوستلىرىمىزنىڭ، خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ، تونۇش-بىلىشلىرىمىزنىڭ ئالدىدا كۆرۈنۈشىدىن خىجىل بولىمىز. بۇ تۈپەيلى باشقىلارنىڭ: «ئانىسىغا كۆيۈنمەيدىكەن.»-دىيىشىدىن، ئۆز ئوبرازىمىزغا نوقسان يېتىشىدىن قورقىمىز. بەزىلىرىمىز ئۇنىڭغا كۆڭۈل بولۈپ ئايالىمىزنىڭ كەيمەي تاشلاپ قۇيغان كىيىمىنى كىيدۈرۈپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىز بىر ئاز قانائەت تاپىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ يەتكۈزگەن ئاتالمىش ۋاپادارلىقىمىز.
    ئۇنىڭ مېھرى مەڭگۈ سەخسىيەتسىزدۇر. ئۇ كىچىك ۋاقتىمىزدا بىر ئانا ئىدى. چوڭ بولغىنىمىزدا ئۆي خىزمەتچىسىگە ئايلاندى. ئۇ بىزدىن پۇل تەلەپ قىلمايدۇ. ئىشنى شۇنداق ئەستايىدىل قىلىدۇ. نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ ئاشقان پۇلنى تىقىۋالمايدۇ. سەي قورىغاندا گۆشىنى ئىلغاپ يىۋالمايدۇ. ئۇ بولغاچقىلا ئۆيىمىز شۇنچە بىخەتەر. پۇل ۋە نەسرە-كېرەكلەرنى تاشلاپ قۇيۇپمۇ يۈتۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلمايمىز. ئۇ ھورۇن ئەمەس، ئۇنى قىل، بۇنى قىل دىمىسەكمۇ ئۆزى تېپىپ قىلىدۇ. ئايالىمىزنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىسىمۇ بىزگە زارلانمايدۇ. ئۆي خىزمەتچىسىدەك يامانلىمايدۇ. مائاشنى ئۆستۈرۈپ بەر دىمەيدۇ. ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا چاقىرىپ خالىغان ۋاقىتتا كەتكۈزىۋەتسەك بۇلىدۇ. مانا بۇ بىر ئانىنىڭ ئائىلىدىكى ئوبرازى. ماھىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئانىسىنى ئۆيىگە ئەكىلىپ ۋاپادارلىق يەتكۈزىشى ئەمىلىيەتتە ئۇلارنى ئۆي ئىشىغا سېلىش ئۈچۈندۇر: «ئانام ياشىنىپ قالدى، ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ»- دىگۈچىلەر ھەقىقى ئويلۇنۇپ باقسا ئىش مۇشۇنداق بولۇپ چىقىدۇ.
    بىز گاز ئوچاق ئىشلىتىۋاتقاندا ئانىمىز يەنىلا ئوتۇن تېرىپ قالاۋاتقان بولىدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭ ئىس يېنىپ تۇرغان ئۆيىگە كىرگەندە دەرھال يېنىپ چىقىمىز. ئانىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن كۆرپە سېلىشقا سوزۇلغان قوللىرى بوشلۇقتا قېتىپ قالىدۇ. «ئانا، نەچچە قېتىم دىدىم ئوتۇن قالىماڭ-دەپ . ئۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە زىيان قىلىدۇ...»، بىز شۇنداق دەپ كايىپ قويىمىز، لېكىن شۇ چاغدا ئۇنىڭغا كۈمۈر ياكى گاز ئەكىلىپ بېرەلمەيمىز. بىزنىڭ ئانىغا قىلىدىغان غەمخورلىقىمىز ئەنە شۇنداق، ئۇنى قىل ، بۇنى قىل دىيىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ. ئانىنىڭ قىلغۇسى يوق ئەمەس قىلغۇسى بار، لېكىن تۇرمۇش ئۇنى شۇنداق قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. بەلكىم بىزنىڭمۇ قىلىپ بەرگۈمىز يوق ئەمەس قىلىپ بەرگۈمىز بار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن تۇرمۇش بىزنىمۇ شۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. قىلىپ بېرەلمىسەكمۇ كېرەك يوق، ئانا ھەر ھالدا بىزنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگىنىمىزدىن خوشال. ئۇ بىزنىڭ شۇنداق دىگەن ئاۋازىمىزنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. قوشنىللىرىغا، باشقىلارغا بىزنىڭ ئۆزىگە ناھايتى كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى بالا بولغانلىقىمىزنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىدۇ. ئەگەر قولى قىسقا بولمىغان بولسا ئۆزىنى ھېچ نەرسىدىن قىسىپ قويمايدىغانلىقىنى، ھىلىمۇ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ماختىنىدۇ.
    مانا بۇ بىر ئانا، ئۇ ھېچقاچان بالىسىنىڭ نامراتلىقىدىن نومۇس قىلمايدۇ. ئۇنى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. پەقەت بالىلارنىڭ نامراتلىقىدىن، كىيىمنىڭ كونىلىقىدىن، قولىنىڭ قىسقىلىقىدىن نومۇس قىلىدۇ. ھەرگىز بالا ئانا ئۈچۈن تاماق ئەتمەيدۇ. ئۆيگە كەلسە كۆرپە سالمايدۇ. ئۇنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيمايدۇ. ئۆيلىرىنى تازىلاپ بەرمەيدۇ. ئۆز قاچىسىدىكى گۆشنى ئۇنىڭ قاچىسىغا سالمايدۇ. ھەرگىزمۇ... بالا نۇرغۇن ئىشلارنى ئانىدەك ئويلىمايدۇ. ھەرگىزمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئانىدەك قىلمايدۇ.
    توغرا، ئانىنىڭ كىيىمى، يوتقان-كۆرپىسى كونا، ئۆي ئىچىدىن زەي پۇراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ گاز ئوچىقى يوق، ئۆي سەرەمجانلىرىنىمۇ تاشلىۋەتسە ئوغرى ئالمايدۇ. تېلېۋىزورى رەڭسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامبۇردا تولغۇمىسا قانال يۆتكەلمەيدۇ. ئۇ يەنە پىخسىق، ئىدىيىسى قاتمال، يېڭى نەرسىلەرنى سېتىۋالمايدۇ. توكنى تىجەيمەن دەپ ئاخشاملىرىمۇ قاراڭغۇدا ئولتۇرىدۇ. پۇل تىجەش ئۈچۈن خېلى يىراق جايلارغىمۇ مېڭىپ بارىدۇ. سودا قىلغاندا دائىم باھا تالىشىدۇ. دائىم ئەرزان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئانا، ئۇنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس.
    ئانا ھەقىقەتەن بىزگە يىتىشەلمىدى، جەمىيەتنىڭ كەينىدە قالدى. ئۇنى بىر تىرىك ئاسارە-ئەتىقە دىسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن ئويلاپ باقساق بۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەپلىرى بار، ئەسلىدە ئەشۇ كونا ئۆي بىز تۇغۇلغان، چوڭ بولغان ئۆيىمىز ئىدى، كېيىن بىز شۇ ئۆيدە توي قىلدۇق، ئوي تۇتتۇق، ئۇ چاغدا بۇ ئۆي بىزگە كونا تۇيۇلمايتتى. كېيىن بىزگە يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىپ بۆلەك قىلىپ قويدى. ئەشۇ كونا ئۆي سايمانلىرى، تېلېۋىزور يېڭى ئۆيىمىزگە يۆتكەلدى. بۇ چاغدا بۇ نەرسىلەر زاماننىڭ ئالدىدا ئىدى. ھەتتا بىز ئەشۇ نەرسىلەر بىلەن قۇرداشلىرىمىزنىڭ ئالدىدا بېشىمىزنى ئۈستۈن تۇتۇپ، مەيدىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنتۇق. كېيىن زامان تەرەققى قىلدى. كونا جابدۇقلارنىڭ ئورنىغا يېڭى نەرسىلەرنى سېتىۋالدۇق. بۇ نەسرىلەر قويىدىغان يەر يوق يەنە ئانىمىزنىڭ ئۆيگە يۆتكەلدى. بىزنىڭ ئۆيىمىزدىكى سەرەمجانلار نەچچە قېتىم يېڭىلاندى. ئەمما ئانىمىزنىڭ بولسا شۇ پېتى تۇردى. ئەلۋەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ماسلاشمىغان بىر قىسىم بۇيۇملارنى ئانىمىزغا بەرگەن بولدۇق، . شۇنىڭ بىلەن ۋاپادارلىق، كۆيۈمچانلىقىمىز بىر ئاز قانائەت تاپقاندەك بولدى. ئەمما شۇنىسى سەمىمىزدە بولسۇنكى بىزنىڭ بەرگەنلىرىمىز ھەرگىزمۇ ئۆز خاھىشىمىز بىلەن بولغان ئەمەس. ئۇنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىھتىياجىمىز چۈشمەيدىغان نەرسىلەردۇر. شۇڭا بىز ئۇنى ئىككىلەنمەي بېرىۋەتتۇق. مۇشۇندادق ئىشلار تۈپەيلى بىز تۇرمۇشتا ئانىغا غەمخورلۇق قىلىشىمىز كەمدەك، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بىرىشىمىز كېرەكتەك ھېس قىلىمىز، داۋاملىق بالىلىق قەرزىگە بوغۇلۇپ ياشايمىز. شۇڭا داۋاملىق ۋاپادار، كۆيۈمچان بالا بولۇشنى ئويلايمىز. ئەمما ئۇنى مەڭگۈ يەتكۈزۈپ بولالمايمىز.
    ئەلۋەتتە، بۇنداق بولىشىدا بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق سەۋەپلىرىمىز ئۆزىمىزگە يارىشا قىيىنچىلىقىمىز بار. ياش ۋاقتىمىز خىزمەت، ئۆي تۇتۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش ئۆتۈپ كەتتى. كېيىن بالىلىق بولدۇق. نۇرغۇن زىھنىمز، ئىقتىساد ۋە ۋاقتىمىز ئۇنىڭغا سەرىپ بولۇپ تۈگىدى. يەنە ئائىلىنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىنىمۇ ئورۇنلاشتۇرمىساق بولمىدى، ھەش-پەش دىگۈچە ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالدۇق. جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ھارغىنلىق يەتتى. ئەمدىلىكتە ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك بولغاندا قەلبىمىز نۇرغۇن ئۆكۈنۈش بىلەن تولدى. ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى بىر كۆيۈمچان بالا بولالمىغانلىقىمىزنى ئازاپ ئىچىدە ھېس قىلدۇق. ئەمدى قارىساق ئانىمىزنىڭ يېشى بىر يەرگە بارغان . ئۇ ئارتۇقچە نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلمايدۇ. بۇرۇنقىدەك ئاددى ئۆتكەن ھاياتىغا قانائەت قىلىدۇ. ئىسىل نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرسەك ئۇنى نەۋرىسىگە بېرىدۇ. يېڭى كىيىملەرنى قورۇنۇپ كىيگىلى ئۇنىمايدۇ. ئۆز ئۆيىمىزگە ياندۇرۇپ چىقايلى ياكى يېڭى ئۆي سېلىپ بىرەيلى دىسەك ئۇنىمايدۇ. ئاستىغا كۆرپە سالساق ئۇنى قايرىۋىتىپ يەردە ئولتۇرىدۇ. بۇ ئىشلار بىز ياش ۋاقتىمىزدا قۇربىمىز يەتمەي قىلالمىغان ئىشلار ئىدى. ئەمدى قىلغۇدەك بولغاندا ئانىنىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالدى. بەلكىم ئاز كۈن ئۆتمەي بىز بىلەن خوشلۇشۇپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
    شۇنداق، نۇرغۇن ئانىلار شۇنداق، جاپا مۇشەققەتلىك كۈنلەردە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە بولۇپ ئۇنىڭ راھىتىنى كۈرىدىغان چاغدا ئۈن-تىنسىز كېتىپ قالىدۇ. بۇ چاغدىكى ئۆكۈنۈش قەلبىمىزگە سىغمايدۇ. بىزنى مەڭگۈ ئۆكۈندۈرىدۈ. چۈنكى ئۇنى ئېلىپ كەتكەن كېسەل بىزنى قاتارغا قوشۇش جەريانىدا پەيدا بولغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلەلىگەن بولساق، ۋاقتىدا داۋالىتالىغان بولساق، بەلكىم ئۇ بىر نەچچە يىل ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇ بۇ چاغدا ساقتەكلا يۈرگەن، ئاغرىق ئازابى قىيناپ تۇرسىمۇ ئالدىمىزدا كۈلۈپ تۇرغان، بىزنىڭ خوشلىقىمىزغا تەسىر يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كېسىلىنى بىزگە ئېيىتمىغان ئىدى. نۇرغۇن ئانىلار مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۇپەيلى بىز بىلەن ئۈن-تىنسىز خوشلۇشۇپ كېتىپ قالىدۇ. بىز شۇ چاغلاردا كۆز ياشلىرىمىزنى تۆكۈپ تۇرۇپ: «ئانامغا ياخشى قارىيالمىدىم، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم»-دەپ ھەسرەتلىنىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن ھەرقانداق بىر كىشى تەسىرلەنمەي قالمايدۇ. بىزنى ئاقكۆڭۈل، ۋاپادار، كۆيۈمچانكەن دەپ باھا بىرىدۇ. بۇنداق بولۇشى ھەممە ئادەمنىڭ ئانىسى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئانا مېھرىگە چۆمۈلگەن، شۇڭا ئانا ئۈچۈن تۆكۈلگەن كۆز ياش ھەرقانداق بىر قەلىبنى ئېرىتمەي قالمايدۇ. لېكىن بىز ئۆزىمىزنى ھەقىقى ئاقكۆڭۈل، ۋاپادار دىيەلەمدۇق؟ بەلكىم ئۇنداق دىيەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئاقكۆڭۈل، ۋاپادارلىقىمىز ئۆزىمىزگە ئايان. بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىر قۇر يېڭى كىيىمگە ئەلۋەتتە قۇربىمىز يېتەتتى. لېكىن ئېشىنچا پۇلىمىزنى يەنە زۆرۈر ئىشلارغا ئىشلىتىمىز دەپ ساقلاپ قۇيۇپ ئانىمىزغا ئايالىمىزنىڭ ئاشقان كىيىمىنى كىيگۈزۈپ قويدۇق. ئۇنى ئوتۇن قالاتماي گاز ئوچاق ئېلىپ بىرەلەيتتۇق. لېكىن ئۇنداق قىلمىدۇق. ئانام گاز ئوچاقنى ئىشلىتتەلمەيدۇ دەپ قارىدۇق. ئۆزىمىزنىڭ يېڭى تېلېۋىزورىنى ئۇنىڭكىگە ئالماشتۇرۇپ قويالمىدۇق. ئۆز ئۆيىمىزنىڭ سەرەمجانلىرىنى ئۇنىڭ كونا سەرەمجانلىرىنىڭ ئورنىغا توختۇتۇپ قۇيالمىدۇق. ئۇنىڭ دىمى سىقىلغان، بېلى ئاغرىغان، ئانچە-مۇنچە ساقسىز بولۇپ قالغان چاغلىرىدا يېتىلەپ ئاپىرىپ دوختۇرغا كۆرسىتەلمىدۇق. بۇ تامامەن بىز قىلالايدىغان، قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلار ئىدى. لېكىن بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق، قىسقىسى بىز ئۆز ئېھتىياجىمىزدىن كېچەلمىدۇق. شۇڭا كىشىلەر: «بىز ئانىمىزغا يۈز كېلەلمەيمىز»- دەپ ئۆكۈنىۋاتقان پەيتتە بىزگە ئاقكۆڭۈل دەپ باھا بەرسە بىز يەنىلا قەلبىمىزدە ئازاپلىنىۋەردۇق. ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى. مەيلى كىشىلەر نىمە دەپ باھا بەرمىسۇن، بىز ئۆزىمىزنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى ئانا ھەم ئۆزىمىز ئالدىدا مەڭگۈ يوشۇرالمايمىز.
    ئانا-بۇ دۇنيانىڭ مېھمىنى.ئۇلارنىڭ قەدىمى بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئۇتتۇرىسىدا قاتناپ يۈرۈيدۇ. بەلكىم بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ئىزلىرىنى كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئۇ بىز بىلەن ئۈن-تىنسىز ۋىدالىشىپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئازراقلا ئىمكانىيىتىمىز بولسا ئۇنىڭ ھالىغا يېتىپ قويايلى، ئۇنىڭ قورايدەك ئورۇق قوللىرىنى قەلبىمىزگە باسايلى. مانا مۇشۇ قوللار دۇنيانى ياراتقان، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ سانسىز جەبرۇ-جاپالىق مۇساپىسى ھەققىدە سۆزلەپ بىرىدۇ.ئۇنىڭ يۈزلىرىدىكى تورلاشقان قورۇق ئىزىغا نەزەر سالايلى، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان سۈكۈت، تەلەپ، ئىلتىجالار يوشۇرۇنغان، ئۇ قورۇقلار ھەرگىزمۇ يىللارنىڭ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئانىنىڭ ھاياتىغا قالدۇرغان يالدامىمىز، بىز ھاياتىمىزدىكى جەبرۇ-جاپالارنى ئانىنىڭ يۈزىگە گۈل قىلىپ چەكتۇق. ئۇنىڭ قاداق باسقان پۇتلىرىنى سىيلاپ باقايلى. ئۇ يەردە تۇرمۇش يوللىرىنىڭ سانسىزلىغان ئەگىرى–توقاي سىزقچىللىرى قالغان.يىگىلەپ كىچىككىنە قالغان گىگانىت مۇسكۇللىرىنى تۇتۇپ باقايلى، بەلكىم بىز مۇشۇ چاغدا كۆز ياشلىرىمىزنى توختۇتىۋالالمىغان ھالدا ئانىنىڭ ئۇلۇق ئوبرازى ئالدىدا تىزلىنىشىمىز مۇمكىن. مۇشۇ چاغدىلا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك مۇشەققەت ئىچىدە چوڭ بولغانلىقىمىزنى بىلەلىشىمىز مۇمكىن.
    مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپلا شۇنداق قىلايلى. ئانا ئۈچۈن قىلالمىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنى ھازىردىن باشلاپ قىلايلى. قەلبىمىز تېخىمۇ زور ئۆكۈنۈشلەردىن خالى بولسۇن. ئۆزىمىزنى نۇرغۇن ئەپسۇسلىنىشلار ئىچىدىن قايتۇرۇپ كېلەيلى.
    ئانا، بىز سىزنىڭ ئىسسىق قۇچاقلىرىڭىز ئىچىدە تۇرۇپ خىجىللىق ئىچىدە سىز ئۈچۈن قىلىپ بېرەلمىگەن نۇرغۇنلىغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمىز.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۆركىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىن.)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: