版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/163238174.html

    ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە نەزەر


    * مەنبە: «نۇر تورى»
    * 2011-09-23

     

    «ئاق تاشلىق كىتاب»تىن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ «ئاسسىممېترىيە»لىك ئىستراتېگىيەسىگە نەزەر
    [ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئەتى»ژۇرنىلى تور بېكىتى باش ماقالىسى]
    جۇڭگونىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دۆلەت مۇداپئەسى ئاق تاشلىق كىتابىدا: ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جۇڭگوغا قارشى ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىپ، بۇ رايوندىكى ئارمىيەسىنى كۆپەيتتى ھەم تەيۋەنگە داۋاملىق قورال-ياراغ سېتىپ بەردى، دەپ تەنقىدلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە: ئازادلىق ئارمىيە خام چوتنى كۆپەيتىشتە نوقۇل ھالدا مۇداپىئەنى مەقسەت قىلغان. ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت ئىستراتېگىيە ۋە ھەربىي ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بولغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش، دەپ تەكىتلەندى. لېكىن بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا ئىلگىرىكى ئاق تاشلىق كىتابلارغا ئوخشاش جۇڭگونىڭ ئارمىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە يەنىلا ئىنتايىن «ناچار خاتىرىلەر»نىڭ بارلىقى ۋە جۇڭگونىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرمىگەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىدى. . لېكىن بۇنى ئۆزگەرتمەك تەس، چۈنكى مۈجمەل سۆزلەش جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ.
    ئالدى بىلەن مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويايلى: جۇڭگو بۇلتۇر جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى تەلىپىنى تەكىتلىگەنلىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ خام چوت ۋە ئەمەلىي كۈچىنى يەنىلا «مۇداپىئە» خاراكتېرلىك، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. كىشىلەر ئۆزى ئەمەلىي كونترول قىلمايۋاتقان تالاش-تارتىشلىق زېمىننى «مۇداپىئە» قىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ 2010-يىلىدىكى ھەرىكىتى ۋە ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشى يەنە ئازادلىق ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئاددىي ھالدىلا تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا قوللىنىش ئىھتىمالى بولغان تەدبىر ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ، ئامېرىكا ۋە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەمدى تەيۋەن مەسىلىسى ھەل بولسىلا، جۇڭگونى نىيىتىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ياندۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    لېكىن، ئارمىيەلەر ئارا ئەھمىيەتلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسى مەسىلىسى روشەن ھەم ئاسان سەل قارىلىدىغان پاكىت. 1998-يىلى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دېڭىز ئىشلىرى كېڭىشىش كېلىشىمىنى ئىمزالىشىشى بەزى خىيالىي ئۈمىدتىن بېشارەت بەرگەنىدى. شۇنىڭدىن بويان، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بەزى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى، نەچچە قېتىم ھۆكۈمەت ۋە ئەل ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىدىن سۆز ئاچقىلى بولمىدى. ئەمەلىيەتتە، 1998-يىلىدىكى كېلىشىم ئانچە مۇھىم بولماي قالدى. 20-ئەسىرنىڭ 70- ۋە 80- يىللىرىدا ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانىڭ مۇناسىۋىتى سۇسلاشقان بولسىمۇ، بۇنى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ مول ئۈنۈملۈك ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قىزىق لىنىيە تەسىس قىلىنىپ، ئارمىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىم مەسىلىسىدە كېلىشىم ئىمزالاندى ھەم باشقا مەسىلىلەر سەمىمىي مۇزاكىرە قىلىندى.
    ھازىرقى ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگونىڭ ھەربىي خام چوتنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش مۇددىئاسى توغرىسىدا يەنىمۇ چۈشەنچە بېرىلمىدى، ھەتتا ئىلغار قورال-ياراغلار ۋە ئېتىش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇۋاپىقلىقلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك ئاساس ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. بۇ رايوندىكى تەھلىلچىلەرگە نىسبەتەن، ئىستراتېگىيەلىك نىشان بىلەن ھەربىي ئەمەلىي كۈچنى بىرلەشتۈرۈش يەنىلا بىر خىل قىياستىن ئىبارەت.
    جۇڭگونىڭ دۇنيا تەرتىپىگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇلار سەل غەلىتىرەك بىلىنىدۇ. جۇڭگو سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ، ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپ دائىرىسىدە قەد كۆتىرىشكە ئۇرۇنىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىختىن بويانقى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىسادىي رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا قاتنىشىش دەرىجىسىنىڭمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى نامەلۇم. موسكۋا ھەتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىمپىرىيىسىدە ئىچكى پارچىلىنىش بولغىچە روشەنكى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ بىردىنبىر ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەتچىسى بولۇپ كەلگەن. بېيجىڭنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن «تىنچ تەرەققىيات»نى يولغا قويۇشى بۇنىڭ بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرما بولدى. جۇڭگو ۋاشىنگتوننى ئۆزىنىڭ شۇ رايوندىكى «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى»سى ئىكەنلىكىنى يەنىلا قەتئىي ئىنكار قىلىدۇ.
    ئۇنداقتا، بېيجىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى سەمىمىي ئۆستۈرۈشنى ھەم ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالىمايدۇ ؟ جۇڭگو: بۇنداق قاتمال ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەنلىكىدە، دېگەن قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ. لېكىن جۇڭگونىڭ خالىماسلىقى يالغۇز بۇلا ئەمەس. قەدىمكى جۇڭگودىلا ئەمەس، ھازىرقى زامان رىقابەت تەپەككۇرىدىمۇ مۈجمەل سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىش تولۇق ئاساسقا ئىگە ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك رىقابەتچىسى بولغان ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە  ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇۋاتقىنى «ئاشكارىلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش»، تېخىمۇ مۈجمەل سۆزلەش ۋە ئاشكارە سۆزلىشىشنى خالىماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
    خۇددىي بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا دېيىلگەندەك، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھ دۆلەتلىرى جۇڭگوغا «ئارىلىشىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى»نى «كۈچەيتتى»، بېيجىڭنىڭ ھەربىي مۇتەپەككۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە يەنىلا يىتىم ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك تونۇپ يەتتى.
    ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى قىبلىنامىسى بولغان ئۆز ئىقتىدارىنى يوشۇرۇش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەشنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھىي ماھىيىتىنى يۈكسەلدۈردى ۋە قايتا شەرھىلىدى. جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسى دەل مۇشۇ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ، يەنى چاندۇرمايدۇ ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى تۆۋەن ساقلايدۇ. ئازادلىق ئارمىيە ھازىر بىر خىل «ئاسسىممېترىيە»لىك ئىستراتېگىيە قوللانماقتا. بۇ ئىستراتېگىيە بۇيىچە (ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا)، جۇڭگو ھەربىي كۈچ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن باراۋەر بولۇشقا ئىنتىلمەيدۇ، بەلكى مۇشۇ رايوندا جۇڭگوغا قارىتىلغان ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بەدىلىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
    مۇشۇنداق ئەھۋالدا، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ساقلىنىشتا تۆۋەندىكىدەك ئىككى تەرەپنى ئويلاشقان:
    بىرىنچىدىن، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كۈچى تېز ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ تېخى دەلىللەنمىدى. 1979-يىلى(ۋيېتنام بىلەن توقۇنۇش بولغان)دىن بويان، جۇڭگو ئىزچىل ئۇرۇش قىلمىدى، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان دېڭىز ئارمىيە كۈچى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈلمىدى. جۇڭگو سەل ئاجىز ۋە ئاسان زىيانغا ئۇچرايدىغان تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارمىيەسىنىڭ ھازىرقى چەكلىمىلىكى، يەنى قورال-ياراغ، تاكتىكا ۋە ئۇرۇش قىلىش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستىراتېگىيەلىك ئىستىقبالىنى ئاشكارلاپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئالاقە قىلىش ۋە ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئىگىلىنىشچە، بۇنداق قىلىش ئازادلىق ئارمىيەگە پايدىلىق ئىكەن.
    ئىككىنچىدىن، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مۆلچەرلىشىچە، لىڭگىرتاقتاق ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەنى ئەمەلىي كۈچىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيە نەزەرىيەسىدە مۈجمەل بولۇۋالسا، ۋاشىنگتون بەزى ئەھۋاللار (مەسىلەن تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسى)دە ھەربىي مۇداخىلە يۈرگۈزۈشنىڭ بەدىلىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدىكەن. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇنداق ئەھۋالدا، ۋاشىنگتون بۇ رايوندا جۇڭگوغا قورال كۈچى ئىشلىتىشنى ئانچە خالىمايدىكەن.
    مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئازادلىق ئارمىيە پولات سىمدا ماڭماقتا، ئۇ ۋاشىنگتوننى ئاق تاشلىق كىتابتا بايان قىلغاندەك تەيۋەن ۋە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى تەلىپى قاتارلىق «يادرولۇق» مەسىلىلەردە قورال كۈچى ئىشلىتىشنى مۇراجىئەت قىلىش غەرىزىنىڭ ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىي كۈچىنىڭ ناھايىتى زورلىقىنى، ئەگەر توقۇنۇش بولسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان زىيان سالالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرمەكچى.
    جۇڭگو گېنېراللىرىغا نىسبەتەن، كۆڭۈلىدىكىدەك ئاقىۋەت «ئۇرۇش قىلمايلا دۈشمەننى بويسۇندۇرۇش». 

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://nur. cn/html/news/31798. shtml
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: