版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/164126920.html

    جۇڭگو دېموكراتىيەگە مۇھتاج ئەمەس


    جۇڭگو دېموكراتىيەگە ئەمەس، ياخشى سىياسىي مۇھىتقا مۇھتاج.
    كېيىنكى پۇل مۇئامىلە كرىزىسى دەۋرىدە، جۇڭگو دۇنيا بۇيىچە ئەڭ زور كۆلەملىك تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكى-تاشقى قەرز يۈكى بولمىغان بىردىن-بىر چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى. يېقىنقى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ياپونىيەنىڭكىدىن ئېشىپ، دۇنيا بۇيىچە 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى گەۋدىلەنگەن. بىراق، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ بىر قاتار تۈزۈم خاراكتېرلىك بېسىم پەيدا قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. ئالىملارمۇ: ھازىر جۇڭگونىڭ سىياسىي ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىدىغان ۋاقتى كەلدى، دەپ كۆرسەتتى.
    سىياسىنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مۇكەممەللەشمىگەن دېموكراتىيە ئىقتىسادىي ئىسلاھات قەدىمىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ.
    سىياسىي ئىسلاھات ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان ئەھمىيەتكە ئىگە. غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئالىملار سىياسىي ئىسلاھاتنى «دېموكراتىيەلەشتۈرۈش» دەپ قارايدۇ، ھەتتا ئۇنى غەربچە دېموكراتىيەگە ئوخشاش قارايدۇ.
    كۆپ يىللاردىن بويان، جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسى سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ، كۆپ ياخشىلاندى، بولمىسا جۇڭگو ئىقتىسادى بۇنداق زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلالمىغان بولاتتى. بىراق، جۇڭگولۇقلار سىياسىي ئىسلاھات ئىدىيەسى ۋە مۇساپىسى جەھەتتە غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىنى ئېنىقلا ئېتىراپ قىلمايدۇ.
    جۇڭگودا كىشىلەر: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى، ئاندىن سىياسىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش» ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلغان؛ سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-ھۆكۈمەت باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە؛ دېموكراتىيەلەشتۈرۈش بەزىدە ئاستا ۋە تەدرىجى ئىلگىرىلەش جەريانى، ھازىر دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ئاساسلىقى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەسى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا-كەنت سايلىمىدا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل سىياسى ئىسلاھاتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەيرانچىلىق تەسىرى كىچىكرەك بولۇپ، ئاخىرىدا دۆلەتكىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تېز ۋە تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي تەرەققىيات (مەسىلەن: تېخىمۇ ياخشى تەربىيىلىنىش شارائىتى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا بۇرژۇئالارنى يېتىشتۇرۇش)تىن داۋاملىق بەھرىمەن بولغىلى، ئاخىرىدا دېموكراتىيەلەشتۈرۈش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

    ئالىملار كۆپ يىللاردىن بويان، دېموكراتىيە بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە كەسكىن مۇنازىرلەشكەن بولسىمۇ، نەتىجىدە ھېچقانداق يەكۈن چىقىرالمىدى.
    شەرقىي ئاسىيانىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى سىياسىنىڭ دېموكراتىيەلىشىش-دېموكراتىيەلەشمەسلىكى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. تارىخقا نەزەر سالغاندا، بارلىق سىياسىي تۈزۈم شارائىتىدا دېگۈدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئېرىشىلگەن. بۇ، ئاساسلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن باشقا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، بارلىق بايلىقنى سەپەرۋەر قىلايدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەم تەرەققىپەرۋەر سىياسىي رەھبەرگە مۇھتاج. ياخشى ھۆكۈمەت (ياكى ياخشى باشقۇرۇش) ۋە ياخشى سىياسەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ زىچ بولۇپ، «ساختا دېموكراتىيە» ۋە مۇكەممەللەشمىگەن دېموكراتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان پايدىسىنى كۆرگەنلەر يوق. 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىيىتى بۇ ئەھۋالنى دەلىللىدى.

    «GDP»نىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «GDP» نىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سىستېما ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پايدىلىق بولسىمۇ، 3-دۇنيا ئەللىرىدىكى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش سىناقلىرىنىڭ نەتىجىسى «تەتۈر ئېشىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، «ئىقتىسادنى ئاشۇرماي دوستانە ئۆتۈش»كە تەۋە بولغان. سىياسىي ھەرىكەتبەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئىقتىسادىي ئىسلاھات كېچىكىپ كېتىدۇ، ھەتتا مەبلەغ سېلىش مۇھىتىغا تەسىر يېتىدۇ. سايلام رىقابىتى بەك كەسكىن بولۇپ كەتسە، ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يېتىدۇ. ئىشچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش سادالىرى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى قورقۇتۇپ قاچۇرىۋېتىدۇ، كىرىمنى قايتا تەقسىم قىلىش توغرىسىدىكى «نارودنىك»لىق تەشۋىقاتلار كاپىتالنىڭ جۇغلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكىلىق سىياسىۇن فرانسىس فۇكۇياما: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازى رۇسىيە ۋە باشقا مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى. جۇڭگو سىياسىي سىستېمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈچى زور مۇرەككەپ تەدبىرلەرنى تېز چىقىرىشتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچبولمىغاندا ئىقتىسادىي سىياسەت جەھەتتە نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، دېدى. بۇ جۇڭگونىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنياۋىي زامانىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېز ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرما بولالايدىغىنى شۇكى، دېموكراتىك تۈزۈم يولغا قويۇلغان ھىندىستاندا، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى كۆپ ھاللاردا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، باج تارماقلىرى ۋە ئەرز-شىكايەتلەر تەرىپىدىن چۈشەپ قويۇلىدۇ.
    دېموكراتىك ئىسلاھات چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ كېتەلمىسىمۇ، ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى، ئاندىن سىياسىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاللىشى
    فىلىپپىندە (تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دېموكراتىك ئىسلاھات يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، چىرىكلىشىش ئىنتايىن ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. ئۇلار دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويغاندىن كېيىنمۇ، چىرىكلىشىش يەنىلا ئەۋج ئالغان. قىسقىسى، دېموكراتىيە يېڭى شەكىلدىكى چىرىكلىشىشكە مۇنبەت تۇپراق ھازىرلاپ بەرگەن، مەسىلەن: ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ ھارام پايدا ئېلىش، سىياسىي جەھەتتىن پايدا بۆلۈشىش ۋە پارا بېرىپ سايلىنىش قاتارلىقلار. بۇنىڭغا يېقىندا ھىندىستان تىپىك مىسال بولالايدۇ، ھىندىستان ئۆزىنى دۇنيا بۇيىچە «ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت» دەپ ئاتىغىنى بىلەن، بۇ دۆلەتنى چىرىكلىشىش ھادىسلىرى قاپلاپ كەتكەن. ھىندونېزىيەمۇ يەنە بىر مىساللار بولالايدۇ. سۇخاتو دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ھىندۇنېزىيەدە دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى بەك تۆۋەنلەپ كەتتى. ھىندىستان، ھىندۇنېزىيە، فىلىپپىن ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيەسى «نۇقسىنى بار دېمۇكراتىيە» دەپ قارىلىدۇ.
    سىياسىي دېموكراتىيە بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت بولمىسىمۇ، شەرقىي ئاسىيانىڭ ئەمەلىيىتى دېموكراتىيەنىڭ ئىقتىساد مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن كەينى-كەينىدىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە ھامان سىياسىيسىسىنى دېموكراتىيەلەشتۈرىدۇ. ئىقتىساد تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي كۈچ ۋە ئۆزگىرىشلەر دۆلەتنىڭ تېخىمۇ دېموكراتىيەلەشكەن تۈزۈلمىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى ئىنتايىن ئاددىي. ئىقتىساد تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ كىرىمى ئاشىدۇ، تېخىمۇ ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئوتتۇرا بۇرژۇئالار بارلىققا كېلىدۇ، ئۇلار ئىجتىمائىي سىياسەت ۋە سىياسىي مۇساپىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دېموكراتىيەنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس سېلىنىدۇ. بارلىق دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئىقتىسادنى، ئاندىن سىياسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

    جۇڭگودا كىشىلەر: ھازىرقى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىغاندا، جۇڭگوغا ئوخشاش كۆپ خىللاشقان مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتتە غەربچە ئەركىن دېموكراتىيەنى يولغا قويۇش ئەمەلىيەتكە زادى ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگودىكى سىياسىي سەرخىللار: ھازىرقى سىياسىي سىستېمىمىز دېموكراتىيەسىدە نۇقسان بار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن خېلى ئەۋزەل، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى تېخىمۇ روشەن، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو ھازىرمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.
    ئۇنداق بولسا، جۇڭگو يەنە ئون يىلدىن كېيىن بىردىنلا ئەركىن دېموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكمۇ ياكى ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىدا ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىنى ياخشىلىشى كېرەكمۇ؟

    جۇڭگو ھازىر تېز دېمۇكراتىيەلەشتۈرۈشكە ئەمەس، تېخىمۇ ياخشى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق
    ياخشى باشقۇرۇش ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەمۇرىي نوپۇز ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى، بولۇپمۇ قاتنىشىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئاشكارىلىق دەرىجىسى، ئاۋاز قوشۇشچانلىقى، ئورتاق تونۇش يېتەكچىلىكى، باراۋەرلىك، يۇقىرى ئۈنۈم، مەسئۇلىيەت، ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىئىنەزەر قاتارلىق ئومۇمىي ئۆلچەم ۋە ئەمەلىي ساھەلەردىكى ياخشى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. روشەنكى، ياخشى باشقۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى قانۇن سىستېما ۋە يۇقىرى ئۈنۈملىك ھۆكۈمەتكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياخشى باشقۇرۇش نورمال ئەركىن دېموكراتىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
    شۇڭا، ھازىرقى جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىۋاسىتە خىرىس ۋە مۇھىم مەسىلە ئەركىن دېموكراتىيەنى يولغا قويۇش بولماستىن، بەلكى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىنى ياخشىلاش. ياخشى باشقۇرۇش ئاساسلىقى تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدۇ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە كەلگۈسىدە دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە ئاساس سالىدۇ. تەكىتلەپ قويۇشقا ئەرزىدىغىنى شۇكى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىنى ياخشىلاش دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنىڭ ئاخىرقى نىشانى؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇ ناھايىتى ياخشى دېموكراتىك تۈزۈمىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.
    بەزىلەر جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سىياسىي ئىسلاھات سۈرئىتى ۋە كۆلىمىدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى ناھايىتى ئېنىق. جۇڭگونىڭ ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمى سىياسىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئېھتىياجىنى ئىنتايىن ئوبدان چۈشىنىدۇ. شۇڭا، بىز جۇڭگونىڭ ئاخىرى دېموكراتىيەلىشىگە ئۈمىدۋار قارىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە، بۇ تەدرىجى ئىلگىرىلەش جەريانى بولىدۇ. جۇڭگودا دېڭ شياۋپىڭنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرىلەش تاكتىسىغا ئەمەل قىلىنغانلىقتىن، ئىقتىسادىي ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. جۇڭگودا سىياسىي ئىسلاھاتمۇ تەدرىجىي سىناق تەرىقىسىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا خېلى ئۇزاق جەريان كەتسىمۇ، دېموكراتىيە چوقۇم تەدرىجى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. مانا بۇ جۇڭگوچە دېموكراتىيەلەشتۈرۈشتۇر.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «نۇر تورى»(2011-09-28)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://nur.cn/html/news/32478.shtml
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: