版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/76384697.html

    بەدەن، مودا ۋە كىملىك(2)

    زۇلپىقار بارات ئۆزباش
    ***********
    بىز بۇ گېپىمىزنى چۈشەندۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن فرانسىيە يازغۇچىسى مۇپاسساننىڭ كۆپچىلىككە تونۇش بولغان «مارجان» ناملىق مەشھۇر ھېكايىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قۇرلار بىلەن ئەسەرلىرىدە شەھەر ئاياللىرىنىڭ روھىيىتىنى سىزىپ بەرگەن شۆھرەتلىك ئۇيغۇر يازغۇچىسى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «رەڭدار قۇيۇن» ناملىق پوۋېستىدىكى بەزى قۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:
    «ئۇ بىردىنلا قارا تاۋار قۇتا ئىچىدىن چىرايلىق بېرلىيانت مارجاننى كۆرۈپ قېلىپ، خۇشاللىقىدىن يۈرىكى ئويناپ كەتتى. ئۇ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ھېلىقى مارجاننى ئېلىپ، ئېگىز ياقىلىق كۆڭلىكىگە تاقاپ كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىگە خېلىغىچە قاراپ قالدى. ئاندىن:
    -مۇشۇ مارجىنىڭنى بېرىپ تۇرامسەن، پەقەت مۇشۇنىلا،- دېدى ئىككىلىنىپ.
    -ھە، ئەلۋەتتە. ئېلىۋەرگىن.
    ئۇ دوستىنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى ۋە بۇ ئېسىل بۇيۇمنى ئېلىپ يۈگۈرگۈنىچە چىقىپ كەتتى.
    ئۇ تانسا كېچىلىكىگە كەلدى. لاۋازىل خانىم مەقسىدىگە يەتتى، ئۇ بارلىق ئاياللاردىن چىرايلىق، نازاكەتلىك ۋە كىشىنى جەلپ قىلارلىق ئىدى. خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭ يۈزىدە كۈلكە ئوينايتتى. بارلىق ئەرلەر ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىشاتتى، ئۇنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى سۈرۈشتۈرەتتى، باشقىلاردىن تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈنەتتى؛ مائارىپ مىنىستىرىنىڭ ئىشخانىسىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئۇينۇغۇسى بار ئىدى. ھەتتا مىنىستىرمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى»[12].
    موپاسسان ياشىغان، قەلەم تەۋرەتكەن دەۋر فرانسىيىدە كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغان، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپى باش كۆتۈرگەن، تەبىقە تۈزۈمى روشەنلەشكەن چاغلار ئىدى. كىشىلەر ھەممە نەرسىنى پۇل-مال بىلەن ئۆلچىشەتتى. ئاياللار ئارىسىدا بايلىق ۋە مەرتىۋىنىڭ سىمۋولى بولغان مودا كىيىملەر، مودا بۇيۇملار تۆۋەن تەبىقىلىك ئاياللارنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغانىدى، مودىنىڭ تەبىقە، مەرتىۋىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش رولى چوڭ بولغان ئىدى. ئەسەردىكى باش پېرسوناژ لاۋازىل خانىم شۆھرەتپەرەس ئايال بولۇپ، بىر زىياپەتكە بىېرىش ئۈچۈن ئېسىلزادە دوستىدىن قىممەت باھالىق بېرلىيانت مارجاننى ئارىيەت ئالىدۇ، كېيىن ئۇنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يوقىتىپ قويۇپ بىر ئۆمۈر قەرز تۆلەپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن دوستى بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ ئۆزى يىتتۈرۈپ قويغان مارجاننىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئۇقىدۇ.
    «جۇشقۇن مۇزىكا، مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىلىۋاتقان شوخ ناخشا كۆڭۈللەرنى ھاياجانغا سېلىپ كۆزلەرگە ياش كەلتۈرەتتى. كىشىلەرنىڭ چىرايى قىزىرىپ، كۆزلىرى خۇمارلاشتى. تۈگىمەس غەم- غۇسسىلار تورۇس ئاستىدا تىتىرەپ تۇرغان رەڭدار تۇمان ئاستىدا غايىپ بولدى. زىممىسىگە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئاغان تېرىككەك، قاپىقى ئېچىلماس سالاپەتلىك كىشىلەر بىردىنلا گەپدان، مەرد، خۇشچاقچاق كىشىلەرگە ئايلاندى. گۈزەل چىرايلار، ئاشۇ چىرايلارغا چىراي قوشۇپ تۇرغان چەتئەل ماللىرى، يېڭى پاسوندىكى پوپايكا، يوپكىلار، ئالتۇن ئۈزۈك، ھالقا ئاياغلار، مېدالىئونلارنىڭ قىممىتى بىردىنلا ھەسسىلەپ ئاشقاندەك بولدى. ئەڭ يېڭى مودىدا ئەڭ چىرايلىق ياسانغان ئاياللار يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى تولۇنئايدەك پارقىراپ، ئەرلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ، ھۇش–كاللىسىنى ئايلاندۇرىۋەتكەنىدى. ئەرلەرلا ئەمەس، ئاياللارمۇ ئاشۇ ئاجايىپ ئاياللارىن كۆزلىرىنى ئالالمايتتى. ئۇلار بىلەن سالاملىشىش، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇش، ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىۋېلىش قالتىس ئابروي ھېسابلىناتتى. ئۇلار بولسا ئۆز قەدىرلىرىنى تولۇق ھېس قىلغان ھالدا مەغرۇر ئولتۇرۇشاتتى. سۈرمە سۈرۈلگەن جادۇ كۆزلىرىنى سۈزۈپ، چاندۇرماي باشقا ئاياللارنىڭ ئۈستى بېشىغا سەپ سالاتتى. تاسادىپىي بىرەر ئايالنىڭ تېخىمۇ غەيرى، ئېسىلراق بىر نېمىسىگە كۆزى چۈشۈپ قالغۇدەك بولسا، بىردىنلا تاتىرىپ كېتىشەتتى...»[13]
    خالىدە ئىسرائىلنىڭ «رەڭدار قۇيۇن» ناملىق پوۋېستى 1990-يىللارنىڭ بېشىدا يېزىلغان. ئۇ چاغدا جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىك سىياسىتى يېڭىدىن يولغا قويۇلغارن، شەھەر ئۇيغۇرلىرى نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ كۆزى ئېچىلغان ۋاقىت ئىدى. مېدىيە ۋاسىتىللىرىنىڭ تەسىرىدە كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان يېڭى-يېڭى مودا كىيىملەر ئاياللارنىڭ تەلپۈنۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىدى. بىز موپاسساننىڭ مارجان ناملىق ھېكايىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار بىلەن خالىدە ئىسرائىلنىڭ يۇقىرقى پوۋېستدىكى تەسۋىرلەرنى سېلىشتۇرساق، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش، دەۋىر شارائىتىدىكى نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى- ئاياللارنىڭ بەدىنى بىلەن مۇدا كىيىم ئوتتۇرىسىدىكى چەمبەرچاس باغلىنىشنىڭ جەمئىيەتكە، بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا، ياشاش  ئۇسۇلىغا قانچىلىك زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي كىملىك بىللەن چىن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا زور ھاڭ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
    ★ مودا، زامانىۋىيلىشىش ۋە كىملىك
    شەھەر جەمئىيىتىدە ئورۇن مەرتىۋە قارىشىنىڭ كۈچىيىشى، تەبىقە، ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ روشەنلىشىشى مودىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولسا، يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسى ئىنساننىڭ كىملىك ئېھتىياجىدا ۋە ئۆزلۈك تۇيغۇسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇ جەرياندا زامانىۋىيلىق ئاتا قىلغان يېڭىلىقلاردىن ئىدىيىسى بالدۇر زەرەتلەنگەن بىر تۈركۈم  كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن بىر مىللەتنىڭ ئەسلىدە مۇھىم دەپ بىلىدىغان ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ ئۇلىغا دەز كېتىدۇ. مودا پەقەت بۇ ئىجتىمائىي جەرياندىكى بىر ۋاسىتە، بىر ئىجتىمائىي رەسەتخانا. بۇ رەسەتخانىدىن بىز زامانىۋىيلىق مۇساپىسى داۋامىدا بويۇن قىسىپ قالغان ئەنئەنىنىڭ غېرىب كۆلەڭگىسىنى، كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي كىملىكىدىن خاتا ئۇچۇر بېرىدىغان  كۆپۈك رېئاللىقىنى، يېڭىلىقنىڭ، مەدەنىيلىشىشنىڭ شاماللىرىدا ئەس ھوشىنى يوقاتقان نادان ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن چىقىۋاتقان غەپلەت ئۇچقۇنىنى كۆرەلەيمىز. مودىدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي رەسەتخانا  شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ، جۈملىدىن ھاللىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزىدە يوق كىملىكىنى قوغلىشىش، چۈش كۆرۈش جەريانىدىكى ئىزتىراپلىرىنى سەگەك پىكىر ئىگىلىرىگە ئۈنسىز شىۋىرلاپ بېرىدۇ. بۇنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن زامانىۋلىشىش جەريانىىنىڭ ئىستىمالچىلىق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە  ئەنئەنىگە، ئادەمنىڭ كىملىكىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش كېرەك.
    ★ زامانىۋىيلىشىش. بۇ ھادىسە گەرچە ئەڭ دەسلىپىدە غەربىي ياۋروپادا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا ئالدىنقى ئىككى ئەسىر داۋامىدا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۆزىنىڭ تەسرىنى كۆرسەتتى. بۇ ھادىسە يەر شارىدىكى بېكىنمە مۇھىت ئىچىدە ياشايدىغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا جمىي دۆلەت، جىمىي مىللەت، جىمىي ئىقلمغا تەسىر كۆرسەتتى. زامانىۋىيلىق ھەرخىل پەرقلىق ئىقتىسادىي، سىياسىي تەشكىلاتلارىنى بارلىققا كەلتۈردى؛ ئۆزگىچە مەدىنىيەت فورمىلىرىنى روياپقا چىقاردى؛ ئەقىدىچىلەر بىلەن ئاتىئېزىمچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىىيەتلەرنى  كۈچەيتتى، ئادەملەردە زىدىيەتلىك روھى ھالەتنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولدى. ئادام سىمىس(1723-1790) ۋە كارل ماركىسنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى زامانىۋىلىق مۇساپىسىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدا بازار ۋە پايدىنى مەقسەت قىلغان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى يادرولۇق ئۇرۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيە مۇتەپپەككۇرلىرى خېنرى سېنىسمون(1760-1825) ۋە ئاۋگۇست كومت(1798-1825)نىڭ قارىشىچە بولغاندا،  ئىلمىي بىلىم ۋە تېخنىكا ئەڭ ئاخىرىدا زامانىۋىلىقنى ئەقلىي بىر تەرتىپتە داۋام ئەتكۈزىدۇ. نۇرغۇن ئىجتىمائى ئاپپاراتلارنىڭ رولى بىلەن يۈرىشىۋاتقان يۈكسەك تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر-زامانىۋىلىقنىڭ قوزغاتقۇچىسى. زامانىۋى دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيە كۈچى، ئىجتىمائي مۇلازىمەت سېستىمىسى، ئەدلىيە ئاپپاراتلىرى، مائارىپ تارماقلىرى بۇ مۇساپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شەھەر مۇھىتىدا ئادەملەر تېز ئۆزگىرىۋاتقان ھاياتقا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. زامانىۋىلىق مۇساپىسىنىڭ تەسىرىدە كىشىلەر بىر خىل نامەلۇم ۋەسۋەسە، ئۆزىنى مەركەز قىلىش ھېسياتىنى كۈچەيتىدۇ. گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى يۈرگىن خابىرماسنىڭ(-1929) قارىشىچە، كاپىتالىزىم ۋە زامانىۋى دۆلەتلەرنىڭ تەسىرىدە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى مۇستەملىكە خاراكتىرلىك ئىسكەنجىگە ئېلىنىدۇ. بۇ ھال كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىن ۋە ئەتىراپىدىكى توپتىن يىراقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زامانىۋىلىق مۇساپىسى داۋامىدىكى ئىجتىمائىي ھاياتتا زامانىۋى قىممەت قارىشىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەنكىشىلەرنىڭ مەنىسىزلىك، تايانچىسىزلىق ھېسياتى كۈچىيىپ بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قانائەت تاپمايدۇ. ئاشۇ يىراقلىشىش تەسىرىدە نۇرغۇن ئىجتىمائىي بىنورماللىق كېلىپ چىقىدۇ. زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە تۇرغان ئادەمنىڭ ئۆزلۈكى ھامان مۇقىم بولمايدىغان ئىجتىمائىي، مەدەنىي كاتوگورىيىلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلى. بىر خىل كىملىككە ئىگە بۇلۇش دىگەنلىك ئۆزلۈك ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان جامائەتچىلىك ھەققىدە ھېكايە ئېيتىپ بېرىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغانلىق دىگەنلىك. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، كىملىكنى گوياكى يېڭى ئەھۋاللار داۋامىدا قايتىدىن ئېيتىلىدىغان ياكى قايتا بارلىققا كېلىدىغان بايان دېيىشكە بولىدۇ. ناۋادا يەر شارالىشىش ياكى زامانىۋى تېخنىكا بارلىققا كەلتۈرگەن ئىجتىمائىيەت، مەدىنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولالىسا، كىملىكنىڭ ئەسلى يىلتىزى ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىدىغانلارنىڭ سانىمۇ تەبئىي ھالدا كۆپىيدۇ.
    ★ ئەنئەنە. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، ئەنئەنە- جانلىق ئالاقە، مۇراسىم، دوراش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە يىتىلگەن ۋە ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە يىتىپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەت شەكىللىرى ۋە ئېتىقاد سېستىمىسى بولۇپ، ھەرقانداق ئائىلە، ئىجتىمائىي توپ ۋە مىللەتنىڭ  ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىجتىمائىي تەركىب.گەرچە نۇرغۇن ئەھۋالدا ۋە تارىخى شارائىتلاردا ھازىرقى ھازىرقى دەۋىر بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادەت شەكىللىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تۇرسىمۇ، ئەنئەنە يەنىلا ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە ئۇلايدىغان قىممەتلىك مىراس. ئەنئەنە ئۈنسىز ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئىجتىمائىلىشىش جەريانىدا تارقىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە شۇ ئەنئىەنىنى ھېمايە قىلىدىغانلارنىڭ يوقاپ كىتىشى ئەنئەنىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېڭى ئەنئەنە بارلىققا كېلىپ كىشىلەر تۇيمىغان ھالدا ئاۋام ئارىسىدا ئومۇملىشىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ پىشىۋاسى، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ماكىس ۋېبىرنىڭ(1864-1920) قارىشىچە، ئەسلىدە مۇقەددەس دەپ قارالغان ئەنئەنە زامانىۋىلىققا لايىقلىشىش جەريانىدا تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادى پۇرسەت قارىشىنى ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئەنئەنە دەۋرگە لايىق زامانىۋى روھ ۋە زامانىۋى مىللەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى توسالغۇ. بۇ خىل قاراش 1950-، 1960-يىللىرى دۇنيا جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق ساھەسىدە چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان. بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىنى زامانىۋىلىقنىڭ سايىسى دىيىشكە بولىدۇ، يېڭىلىقنىڭ غىدىقلىشىدىن ئەس-ھوشىنى يوقاتقان كىشىلەر بۇ سايىنى قايتىدىن بويىماقچى بولىدۇ. ئەنئەنە دىگەن ئوقۇمنى زامانىۋىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. كىشىلەر زامانىۋىلىقنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ھاياتىنى ئۆتكۈزىۋەرگەن بولسا، ئەنئەنە توغرىسىدا چۇقان سېلىشمىغان بولاتتى. ئانتونى گىددېنىس(1937-)نىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «يىلتىزىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە بارلىق ئەنئەنە-كەشىپ قىلىنغان، يارىتىلغان ئەنئەنە. ئەنئەنىنى ئۆزگىرىشكە توسالغۇ بولىدۇ دەپ قاراش خاتا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەنئەنىمۇ يېڭىلىنىدۇ ۋە ھەتتا پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ»[14]. ئەنئەنىنىڭ گەۋدىلىك ئىككى ئالاھىدىلىكى-مۇراسىملاردا ئەكىس ئېتىش ۋە تەكرارلىنىش. زامانىۋىلىق مۇساپىسىدە ئادەم خىزمەت، تاماق، جىنسىيەت، ھەتتا مۇھەببەتكە خۇمار بۇلۇپ قالىدۇ. سەۋەبى، بۇ پائالىيەتلەرگە زامانىۋىلىق مۇساپىسىدە ئەنئەنە بۇرۇنقىدەك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. دۇنيا مىقياسىدا دېگۈدەك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئەنئەنىنىڭ تەسىرىدە بىزنىڭ ئۆزلۈك چۈشەنچىمىزدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئەنئەنە تەكىتلىنىدىغان ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە ئادەمنىڭ ئۆزلۈك چۈشەنچىسى بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىدىكى مۇقىملىق تەرىپىدىن قوغدىلىنىدۇ. ئەنئەنىدە ئۆزگىرىش بولغاندا،كىشىلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ ۋە بۇ ئۆزگىرىش كىشىلەر ئارىسىدا تېز يامرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆزلۈك كىملىكىنى ئىسلاھ قىلىپ زامانىۋىلىققا خاس ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
    ★ كىملىك. كىملىكنى قوپۇرىۋاتقىنى سۇبىيېكتىپ ئۆلچەم، يەنى بىزنىڭ كىم بولىشىمىز ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىدا تۇرغان ئەتىراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي دۇنيا ھەققىدىكى ھەرخىل چۈشەنچە، تۇنۇشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى جورج خېربىرت مېدنىڭ(1863-1931) قارىشىچە، بىز باشقىلارنىڭ پوزىتسىيىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ۋە ئۇنى مېڭىمىزدە تاسقاشتىن ئۆتكۈزۈپ ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى نازارەت قىلىمىز ۋە ئۇنى باشقىلارغا نامايەن قىلىپ بېرىمىز. كىملىك ئۆزىمىز ۋە باشقىلار ئوتتۇرىسىدا ھەر ۋاقىت بۇلۇپ تۇرىدىغان ئۈنسىز دىئالوگ ۋە مۇرەسسە ئارقىلىق يېتىلىدۇ. ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان جامائەتچىلىكنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆزلۈك ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلگەندە، ئادەم ئۆزى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى، پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدە باش قاتۇرىدۇ. دۆلەت ھەرخىل تۈزۈم ۋە ھوقۇق ۋاستىلىرى ئارقىلىق(تۈرمە، سوت، مائارىپ سېستىمىسى، چىگرا كونتىروللىقى) كىملىكىمىزنى نازارەت قىلىدۇ ۋە قېلىپقا چۈشۈرىدۇ. كىملىكنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى 20-ئەسىردىكى «كىملىك سىياسىشۇناسلىقى»نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كىملىك سىياسى ۋاستىسىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ھازىرغىچە ھەرخىل ئىنقىلابلار، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر بولۇپ تۇرغان. بىر ئادەمنىڭ كىملىكىنىڭ قوپۇرۇلۇشى مۇرەككەپ جەريان. ئىجتىمائىي دۇنيانىڭ ئۈزلۈكسىز غىدىقلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىنسان قەلبى كىملىكنىڭ بارلىققا كېلىشىدە قوپۇرۇلىدىغان تۇيغۇ موزىيى. شۇڭا زامانىۋىي ئادەملەرنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسنى بىرلا مەنبەدىن، بىرلا سەۋەبتىن ئىزدەشكە بولمايدۇ. بىز مودا كىيىملەر قاتارلىق سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزىمىزنى «قالتىس ئادەم» قىلىپ كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئۇچۇر بېرىمىز ۋە ئۆزىمىزگە خاس بولغان، بىر قاتار ھايات كەچۈرمىشى داۋامىدا سىڭىپ قالغان خۇي ۋە مىجەزلەرنى ئىپادىلەيمىز. بۇ جەرياندا ئۆزىدە يوق كىملىككە ئىنتىلىش ئېھتىياجى ئىجتىمائىي سۇرۇنلاردا شەخىسكە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينىغاچقا، ئادەم باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشكە كۈچەيدۇ. ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمايدىغان بۈگۈنكى رېتىمى تېز شەھەر جەمئىيىتىدە «كىملىك-ئەمەلىيەتتە بىر خىل زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسى پەيدا قىلغان ھادىسىدۇر»[15]. زامانىۋىيلىققا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان جەمئىيەتتە ئىنساننىڭ كىملىكى مىسلىسىز دەرىجىدە كىرزىسقا يولۇقتى. دەل زامانىۋىيلىققا يۈرۈش قىلىش مەسلىسى  كىملىكنى چوقۇم ئەستايىدىل ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
    ★ ماكرولۇق كونترول، سىڭىپ كىرىش ۋە ئىجتىمائىيلىشىش
    زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا سىياسىي تۈزۈلمە تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ، ماكرولۇق كونترول كۈچىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوخشىمىغان مىللەت، ئىرقتىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ئاز سانلىق كىشى بۇنداق ئارىلاشما مەۋجۇدلۇق داۋامىدا يۇقىرى تەبىقىدىكى، ھۆكۈمران تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ئۆلچىمى بويىچە بەزىدە ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، كىيىم-كېچىكىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ جەرياندا سىڭىپ كىرىش، غىدىقلىنىش، دوراش نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى قىممەت قاراش ۋە قائىدە-يۇسۇنلاردا ئۆزگىرىش بولىدۇ. دوراش پىسخلوگ تاردىينىڭ ئېيتىشىچە: «ئىنساندا تەبىئي بولىدىغان بىر خىل مايىللىق. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاۋامنىڭ قىممەت قارىشى، قائىدە-يۇسۇنلىرىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ»[16]. سىڭىپ كىرىش بولسا كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە سورۇن ھازىرلايدىغان ئالاقە شەكلى. ئەركىنلىك ئىدىيىسى بەك بالدۇر يىتىلگەن كىشىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىر خىل «دەۋرىيلىك ئىنكاس» قايتۇرۇش داۋامىدا بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى غىدىقلايدۇ. باشقىلارنىڭ كەيپىياتى يەنە شۇ ئادەمنىڭ ئەسلىدىكى كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ؛ ھەتتا بەزىدە ئەقىل-ئىدراكتىن ئايرىلغان ھەركەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلار ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ تۇقۇنىشىدا روھى داۋالغۇپ تۇرغان كىشىلەرنى «ئۆتكۈنچى ئادەم» دەپ ئاتايدۇ. «ئۆتكۈنچى ئادەم ئىككى دۇنيادا ياشايدۇ. بۇ ئىككى دۇنيادا ئۇ مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا سىرتتىن كەلگۈچى. ئۇنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى زىددىيەتلىك بولىدۇ»[17]. كونا يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ ھەم زامانىۋىلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىدۇ. ئۇ، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ ھەم ئەنئەنىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا كىشىلەر مەۋجۇد قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا مەلۇم ئىجتىمائىي سېستىما ئىچىدە ئۆز كىملىكى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى يىتىشتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا «خەق نىمە دەپ قالار» دىگەن تۇيغۇ ۋە يىتىم قېلىش تۇيغۇسى كىشىنى ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا بەزى زىيانلىق قىممەت قاراشلىرىغا سۈكۈت قىلىدىغان قىلىدۇ. بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي سېستىمىسى بىلەن ئىجتىمائىي مىزانلىرى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قوپۇرىلىدىغان بولغاچقا، ئادەم ھۆكۈمران ئۇرۇندىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىققا ئامال قىلالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تونۇش كونترول قىلىدۇ. بىزنىڭ ئىدىيىمىز تاشقى دۇنيادىن كېلىدۇ. ئادەم ئىجتىمائىيلىقنىڭ مەھسۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەركىتىدە ھامان بىر مەنە ئەكىس ئېتىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئادەم ھەرىكىتىدىكى بۇ خىل مەنە مودا كىيىم قاتارلىق سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. ئىجتىمائىي كونتىروللۇق تەسىرىدە ئۆگىتىلگەن ئىجتىمائىي مىزان، سىڭىپ كىرىلگەن قىممەت قارىشى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا شۇنداق بۇلۇشقا تېگىشلىكتەك تەبىئي سىڭىپ كىرىپ كېتىدۇ. «ئىجتىمائي كونتىروللۇقنىڭ ۋاستىسى بولغان ئېدىئولوگىيە ھۆكۈمرانلارنىڭ مەنپەئىتى، قىممەت قارىشى، مەقسىتى ئاساسىدا روھقا سىڭىپ كىرگەندە ئادەم رېئاللىقنىڭ قۇربانلىق قوزىلىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن باشقىنى كۆرمەيدىغان، ئادەت تۈرمىسىدىن قۇتۇلالمايدىغان بوپقالىدۇ. ئېدىئولوگىيە ھوقۇق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغاچقا، سمۋوللۇق ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزىلىشىنى دەستەك بىلەن تەمنىلەپ، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مەنپەئەتنىڭ ئىجتىمائي تەرتىپ داۋامىدا قانۇنلىشىشى، ھۆكۈمران ئىدىيىلەرنىڭ يىتەكچى ھالەتكە ئۆتۈشىگە ئاساس ھازىرلايدۇ. تەشۋىقات، مېدىيە ۋاستىلىرى ئىجتىمائي كونتروللۇق ۋە ئېدىئولوگىيىگە ۋاستە بولىدۇ. مائارىپ ئېدىئولوگىيىنىڭ شىكارى ۋە جەڭگاھىغا ئايلىنىدۇ»[18]
    ★ ئىستېمال. بۈگۈن ئىستېمال جەمئىيىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش- كىشىلەردىكى مەرتىۋە تۇيغۇسىنىڭ، تەبىقىنىڭ روشەنلىشىشى بولۇپ قالدى. ئىستېمالچنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى، ھاياتى كۈچى ۋە ھاياجىنى ئىقتىسادنىڭ ئاشقانلىقى، جەمئىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكىنىڭ ئاساسلىق بەلگىسى بولۇپ قالدى. كاپىتالىزم ئىشچىلارنى ئىزىشتىن ئىستىمالچىلارنى ئىزىشكە ئۆتتى. ئىستىمال چىگرا ئايرىمىغانلىقتىن، غەربنىڭ ھەممىلا نەرسىسى ئولۇغ بىلىنگەن ئىستىمال مەدەنىيىتى شامىلىدا ھەممە نەرسە ئىستىمال تاۋارىغا ئايلاندى. ھەتتا ھوقۇق، بىلىم ۋە ئەھمىيەتمۇ. ۋەھالەنكى، ئىستىمال جىمى بەختنىڭ ئاساسى دەپ قارالغاندا، «ئىستىمالچى ئېتىراپ قىلىنمىغان ئىشلەپچىقارغۇچىغا، تىجارەتلىك تورمۇشنىڭ ھەيدەكچىسىگە ئايلىنىدۇ»[19]. رومانتىكلىققا چۇقۇنۇش ئەۋج ئالىدۇ. رومانتىكىلىق-ئىستىمالچىلىقنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ھۆكۈمران ئۇرۇنغا ئۆتۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. رومانتىكلىق ئاددى تىل بىلەن ئېيتقاندا، تەن لەززىتى ۋە سەزگۈ ئەزالار شارلىقنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى. «ئادەتتە يەككە ئادەم بىلەن جەمئىيەتنى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە بولىدۇ ۋە مۇشۇ رىشتە بولغىنى ئۈچۈنلا ئادەم ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى ئالاھىدە يەككە بىرلىك ھىسابلىنىدۇ. رومانتىكلىق دەل مۇشۇ رىشتىنى ئۈزىۋېتىدۇ»[20]. كانبېر ئېيتقاندەك: «رومانتىكلىققا ئىنتىلىدىغان ئادەم رېئال دۇنيادا تىرىشىپ ئىشلەش، چېنىقىش، ئۆزىنى قېزىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەنىۋى مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئورنىغا كۈچلۈك بولغان غىدىقلىنىش ۋە تۇيغۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى ‹ئىپادىلەش›كە كۈچەيدۇ»[21]. ئادەمنىڭ رومانتىكلىققا ئىنتىلىشى جەمئىيەتنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇشى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا ئىستېمال-پاكىز قەلب، سەگەك مېڭىگە سېلىنغان ئۇيقۇ دورىسى.
    ★ مودىكەش ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە سىمۋول
    مودىغا چوقۇنۇش خاھىشى ئەۋج ئالغان جەمئىيەت ئەنئەنىدىن ئايرىلىپ يېڭىلىق ئىزدەيدىغان جەمئىيەت. نوپۇسى جىدىىي كۆپۈيىۋاتقان چوڭ شەھەرلەردە كىشىلەر ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ ھەمدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىدۇ.بۇنداق ناتونۇش مۇھىتتا كىشىلەرنى ھامان تونۇش بولمىغان يۈزلەر ئوراپ تۇرىدۇ. سىرتقى قىياپەت باشقىلارنىڭ  شۇ دەۋىرنى چۈشىنىشىدىكى ئاساس بولغاچقا، شەھەردە ياشىغان كىشىلەر ھەقىقىي ئۆزىگە مەنسۇپ بولمىغان كىملىككە ئىنتىلىپ، رول ئېلىشقا باشلايدۇ. بىز بىر مودا قىزنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئاپىسى بىلەن يالغۇز قالغاندىكى ھالىتى بىلەن ئاممىۋى سورۇنلاردىكى رول ئېلىۋاتقان مودا ھالىتىگە قارىساقلا ئۇنىڭ ئۆىدە يوق كىملىككە ئىنتىلىش، غايىسىدىكى ئوبرازىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. شەھەر جەمئىيىتى ئىستېمال، سىمۋول، بەلگە بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان جەمئىيەتتۇر. كىملىك مەسىلىسىنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئاپىرىدە قىلغان زامانىۋىلىق مۇساپىسىدە بىز ۋۇجۇدىدا ئەكىس ئەتكەن سمۋول، بەلگىلەرگە ئاساسەن باشقىلارنىڭ كىملىكىگە ھۆكۈم قىلىمىز، باھا بېرىمىز(گەرچە بۇ ھۆكۈمگە بىر تەرەپلىمىلىك ئارىلىشىپ كەتسىمۇ). بىز ئەگەر بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ ئەتلەس، ياۋروپا كۆينىكىنى بىر سىمۋول سۈپىتىدە تونۇغىنىمىزدا، مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىككى خىل مەدەنىيەت كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلغان بۇ ئىككى بەلگىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇيغۇر رېئاللىقى، ئۇيغۇر كىملىكى ھەققىدە خاتا ئۇچۇر بېرىدۇ. بۇ نۇقتىغا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇر كۆزى بىلەن ئەمەس، يات مەدەنىيەت مۇھىتىنى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قارىغاندا، مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدىكى سىمۋوللارنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ چىن رېئاللىقىنى، ھەقىقىي مەدەنىيەت كىملىكى ئەكىس ئەتتۈرەلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ ھادىسىگە بىر چەتئەللىكنىڭ نەزىرى بىلەن قاراپ باقايلى:
    ★ پاكىت تەھلىلى(4)-- ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئەنگىلىيىلىك قىزچاق بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. سۆزلەش قابىلىيىتىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن كۈندە ئالاقىلىشىپ تۇراتتىم. شۇ تەرىقىدە بىر ئاي ئۆتتى. بىر كۈنى تويۇقسىز بۇ ئىنگىلىز قىز :
    -بىلسەم سىز مۇشۇ يەردىكى يەرلىك مىللەت ئىكەنسىز، مەن مۇشۇنداق ئىكەنلىكىڭىزنى تېخى تۆنۈگۈن بىلدىم،-دېدى.
    مەن ئۆزۈمنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىمنى، قىزىقىشىمنى، ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشكە شۇنچىلىك قىزىقىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بەردىم.
    -مەن سىلەرنىڭ تارىخ، مەدىنىيىتىڭلاردىن خەۋەردار،- دېدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن،- مەن دۆلىتىمىزدىكى چېغىمدا بىر تۈركلوگنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغان، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتى، تارىخى خېلى ئەتراپلىق سۆزلەنگەنىكەن. مەن مۇشۇ قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ مىللەتنىڭ ھازىرىقى ھالىتى قانداقتۇر دەپ ھەۋەسلىنىپ كەلگەنىدىم. ئەمما كۆرگنىم كىيىم-كېچەك ۋە مەدەنىيەتتە ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ياۋروپالىشىۋاتقان، ئۆزىنىڭ مىللىي خاراكتېرى ۋە خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان، مىللىي مەدەنىيەتنى قەدىرلىمەيۋاتقان مىللەت بولدى.
    يەنە يېرىم يىل ئۆتكەندە بولسا بىز مۇشۇ تېمىدا سۆزلىشىپ قالدۇق. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن سۆزلىشەلەيدىغان ھالغا يەتكەنىدىم. ئۇ مەندىن:
    -ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەڭ يارىشىملىق كىيىمى قايسى ؟-دەپ سورىدى.
    -ئەتلەس كۆڭلەك دەپ جاۋاب بەردىم.
    -باش كىيىملىرىدىنچۇ؟
    -گىلەم دوپپا!-دېدىم تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ. سېرىق چاچلىق بۇ قىزنىڭ يۈزىگە ھەيرانلىق ئالامەتلىرى يامرىدى.
    -ئەمىسە سىز ئۇيغۇر قىزى تۇرۇقلۇق نىمىشقا شۇ كىيىملەرنى كىيمەيسىز؟!-دېدى ئۇ.
    ئۇنىڭ بۇ سۆزى ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ئېيتىلغان بولسىمۇ، ماڭا بۇيرۇق تەلەپپۇزدا ئاڭلاندى.
    مەن خىيال باسقان ھالدا بۇ قىزنىڭ ياتىقىدىن چىقتىم. ئۇدا ئىككى كۈن ئۇيلاندىم. ئاخىرى مەن چامادانىمنىڭ تېگىدە بۇرۇقتۇم بولغان ئەتلەس كۆڭلەكنى ئالدىم ۋە ئۇنى دەزماللاپ تەيارلىدىم، گىلەم دوپپام يوق ئىدى؛ ئۇنىڭدىن بىرنى سېتىۋالدىم. بۇندىن بۇرۇن بۇ كىيىملەر ماڭا باشقا كىيىملەر قاتارىدا ئادەتتىكى كىيىملەردەكلا تۇيۇلۇپ كەلگەنىدى. ئەمما بۈگۈن كۆزۈمگە باشقىچە كۆركەم، چىرايلىق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. ئەتىسى سىنىپقا كېپىنەكتەك ئۇچۇپ كىردىم، سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمدىن بىر نەچچىسى ئالاھىتەن يېنىمغا كېلىپ تەبرىكلەپ قويۇشتى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەيران بولدى، ئەمما ئارتۇق گەپ قىلمىدى. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئىنگىلىز قىزنىڭ ياتىقىغا چاپتىم. ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا ھەيران قالدى، بېسىپ بولمايدىغان بىر خىل ھاياجان بىلەن مېنى قۇچاقلىدى. قاتتىق ھاياجانلانغاچقا ئاغزىغا گەپ كەلمەيتتى. بىر ھازادىن كېيىن:
    -ياخشى، مانا مۇشۇ ئىشىڭىز بولىدۇ. مانا مەن ئەمدى ھەقىقىي بىر ئۇيغۇر قىزىنى كۆردۈم !-دېدى.(22)
    مەرزىيە تۇرسۇننىڭ «قىزلار ئەڭگۈشتىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان بۇ راست ئىشلار خاتىرىسىدە ئەنگىلىيىلىك ئايال ئۇيغۇر قىزىنىڭ بەدىنىدە ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى كۆرەلمەي ھەيران قالىدۇ. بەلكىم بۇ ھال «بۇ ئىشنىڭ ئەجەبلەنگىدەك نەرى بار» دەپ ئويلاپ ئادەتلەنگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. بىز «ئەتلەس-ئۇيغۇرنىڭ، ياۋروپالىقنىڭ ئەمەس. مودا توي كۆڭلىكى خىرستىئانلارنىڭ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس» دېسەك ناھايىتى داڭقان پۇتى، تومتاق گەپ قىلغان بولىمىز. ئەمما بىز مانا مۇشۇنداق غەلىتە مەنتىقە بىلەن «ئۆزى كىيمىگەن ئەتلەسنى نېمىشقا باشقىلارغا ‹بىزنىڭ› دەپ سوۋغا قىلىدۇ؟» دەپ غەلىتە سوئال قويغىنىمىزدا ئاندىن مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە رېئاللىقنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىدىكى بىر كومېدىيىنى، بىر زىددىيەتلىك نۇقتىنى روشەنلەشتۈرىۋاتقانلىقىن بايقايمىز. ماقالىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان كامالىدىننىڭ قىز دوستى «توي قىلمىسام قىلمايمەنكى، ئەتلەس  كۆينەك  كىيمەيمەن!» دېگەن ئاددىي بىر ئېغىز گېپى ئارقىلىق كەڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشتىن دېرەك بەرگەن. چۈنكى پاراڭ سۆزلىگۈچى ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ گېپى ئۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ ئەتلەسكە بولغان زىيادە مەنسىتمەسلىكى توي قىماسلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكۈدەك بولسا، بۇ بىر ئېغىز پاراڭنىڭ كەينىدە ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان رېئاللىق بار. بۇ رېئاللىقنى ئادىل تۇنىياز «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق كىتابىدا مۇنداق شەرھلەيدۇ: «رېئاللىق بىزنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز. بىز مانا مۇشۇنداق؛ بىز ئۈچۈن ئۆتمۈش تونۇش، ھازىر ناتونۇش. قەلب رېئاللىق، رېئاللىق باشقا نەرسە. باشقىلار ھازىرغا، بىز باشقا دەۋرگە تەۋە. بىز رېئال سەرسانچىلىقنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان مىللەت. رېئاللىقتىكى ھەر بىر يېڭى نەرسە بىزنىڭ تەنھالىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە. ھەربىر ھەرىكەت دۇنيا بىلەن بىز، بىز بىلەن روھنىڭ ئارىسىدىكى يىراقلىشىش ھەرىكىتى»[23].
    رېئاللىق بەدەن ئارقىلىق ئۆزى ھەققىدە سۆزلەيدۇ، كىملىك بەدەن ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. مەھبۇسنىڭ بەدىنى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى جىسمانىي ئازاب تارتىش يولى ئارقىلىق ئېسىگە سېلىپ تۇرسا، پاھىشەنىڭ بەدىنى تاۋارغا، ئىپپەت سودىسىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىش جەريانىدا ئىگىسىنىڭ كىملىىكىنى مۇقىمدايدۇ. بىر مودېل قىزنىڭ بەدىنى جىنسىي تۇيغۇ  ئارىلاشقان جەلىبكار ھالىتى ئارقىلىق ئىگىسىنىڭ كىملىك ئېھتىياجىدىن دالالەت بېرىدۇ. مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنى بولسا، ئۇيغۇرنىڭ مەدىنىيەت كىملىكىنى بۇرمىلاپ ، چىن رېئاللىقىدىن خاتا ئۇچۇر بېرىدۇ. بىر چەتئەللىك  بىر مودا قىزنىڭ بەدىنىدىكى قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كۆرۈپلا: «ئۇيغۇرلار ھاللىنىپ قاپتۇ» دېسە خاتالىشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىقتىسادىي موھتاجلىق دەۋررىدە قىينىلىۋاتقان تالاي ئۇيغۇرنىڭ رېئاللىقىغا ئاشۇ بىر قىزنىڭ بەدىنىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان سىمۋولغا تايىنىپ باھا بەرگەن. بىر چەتئەللىك يەنە يارىشىملىق مودا كىيىملەرنى كىيىپ ئىشقا ماڭغان مودا قىزلارنى كۆرۈپ: «نېمىدىگەن مەدەنىيەتلىك، ئۇيغۇر قىزلىرى بەختلىك ئىكەن!» دېسە خاتالىشىدۇ. چۈنكى، شەھەرلەردە ئىشسىزلىق تۈپەيلى يولدىن چىقىۋاتقان تالاي ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇ كۆرمىگەن. بىر كۆزەتكۈچى مودا كىيىنگەن بىر ئۇيغۇر قىزىغا قاراپ ھەۋەس بىلەن: «بۇ ئۇيغۇرلار ياۋروپالىقلاردەك كىيىنىدىكەن، ياۋروپالىقلارغا ئوخشايدىكەن» دېسە يەنە خاتالىشىدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە بوران ھۇۋلايدۇ، مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان سىمۋوللۇق رېئاللىق ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىگە باھا بېرىشنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ.
    ★ پاكىت تەھلىلى(5)-- ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئارىسىدا بۇ يىل يازدا گاچا ئىشتان(جوڭكۇ)(گاچا ئىشتان- قىزلارنىڭ تىزىغىچە كېلىدىغان ئىشتان بولۇپ، پاقالچاققا چىڭ چاپلىشىپ تۇرۇشتەك، تىزىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپى ئوچۇق  بولۇشتەك  ئالاھىدىلىكى بىلەن قىزلار ئارىسىدا مودا بولغان. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىنىڭ مەسلىھىتى بويىچە گاچا ئىشتان دەپ ئېلىندى.) مودا بوپتۇ.  بۇنى مەن 2008-يىل ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى خەلىقئارا بازارغا جايلاشقان كىيىم-كېچەك بازىرىدا مودا كىيىمنى نۇقتا ئېلىپ بارغان جەمئىيەت تەكشۈرىشى جەريانىدا ھېس قىلدىم. ئەسلى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشمېتودى بويىچە  قەشقەر، خوتەن شەھىرىگە بېرىپ «مودا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى» دېگەن تېمىدا جىقراق خام ماتېرىيال توپلاش نىيىتىم بار ئىدى. ئەمما، بۇ ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدىكى قاتىلاڭچىلىق، جىددىيلىك مەزگىلى بولغاچقا، ئىچ پۇشۇقى تارتىپ قېلىشىمدىن، بىھۇدە ئاۋارگەرچىلىككە ئۇچرۇشىمدىن ئەنسىرەپ  تەرەددۇت قىلغانسەپىرىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
    ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسىمىدا تەھلىل قىلىپ ئۆتكەندەك ، جىنسىي تۇيغۇ ئەكىس ئېتىدىغان يەرنى يۆتكەپ تۇرۇش يازلىق مودا كىيىملەرنىڭ ھەر يىلى يېڭىلىنىپ تۇرۇشىدىكى سەۋەب. گاچا ئىشتاندا بۇ نۇقتا تىزنىڭ تۆۋىنىدىكى پاچاق تەرەپكە  يۆتكىلىپتۇ. بۇ قىزلارنىڭ پىگورىسىنى تېخىمۇ ئەۋرىشىم، زىلۋا كۆرسىىتىدىكەن، باشقا يەرلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ كۆرسىتىدىكەن. مەن يەنە قولتۇق تەرىپى ئېتىلمىگەن، مەيدە تەرىپى زىيادە چوڭ ئويۇلغان كۆينەكلەرنى، قىسقا يوپكىلارنى كىيگەن قىزلارنى كۆردۈم. ھەر بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بەدىنىدىكى مودا كىيىم ئىگىسى توغرلۇق سۆزلەپ تۇراتتى. كېيىن قارىسام، گاچا ئىشتاننى خەنزۇ قىزلارمۇ جىق كېيىۋېتىپتۇ.
    يۇقىرىقى كۆرۈنۈش بىلەن قىزىقارلىق سېلىشتۇرما بولىدىغان يېرى شۇكى، خەلقئارا چوڭ بازاردا ياغلىق بىلەن يۈزىنى ئوراپ، ئىسلامچە كىيىنگەن قىزلارنىمۇ خېلى ئۇچراتتىىم. بۇ پەرقلىق ئەھۋال ماڭا تېخىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلدى. ياغلىق،ھىجاب،ئەتلەس سېتىلىدىغان بىر دۇكاندا ئورىنىپ يۈرىدىغان بىر قىز بىلەن پاراڭلاشتىم.
    -مەن بۇ يەردە ئورىنىپ يۈرىدىغان قىزلارنىمۇ خېلى جىق ئۇچراتتىم، قىزلار ھازىر بۇنداق كىيىمنى ئالامدۇ؟-سورىدىم مەن.
    -ئىككى يىلدىن بېرى تىجارىتىمىز خېلى ياخشى،-دېدى قىز مۇلايىملىق بىلەن،-ھازىر ئەتلەس ئالىدىغانلار، ئورىنىپ يۈرىدىغانلار خېلى ئاۋۇپ قالدى.
    -سەۋەبى نېمىدۇر؟
    -قىزلارنىڭ ئىدىيىسىدىكى بۇرۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئىچىدىن چىقىرىپ، دىلنى پاك تۇتۇپ ئورىنىپ يۈرىدىغان قىزلار بار. ئۇلارغا ئاللا رەھمەت قىلسۇن. ئەمما...
    قىز گېپىدىن توختاپ ئوڭايسىزلانغاندەك تۇرۇپ قالدى.
    -گېپىڭىزنىڭ ئاخىرىنى دەۋېرىڭ، -دېدىم مەن.
    -بۇنى دېيىش سەل بىئەپ، -دېدى قىز خىجىل بولغاندەك،-بەزى قىزلار بار، ئوينىغاندا  تازا ئويناپ ئاخىرى ياخشىراق بالىلارغا تېگىۋېلىش ئۈچۈن بۇنداق كىيىملەرنى مەقسەدلىك سېتىۋالىدۇ. ھازىر دۇكىنىمىزدا سودا قىلىدىغان قىزلارنىڭ نېمە مەقسەتتە كىيىم سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايمەن. ئۆزىنى يالغاندىن دىيانەتلىك كۆرسىتىدىغان قىزلارنىڭ بۇنداق كىيىملەرنى سېتىۋېلىشىمۇ بىر مودا بولۇپ قالدى، بۇنىڭ تەسىرى بەك يامان بولىۋاتىدۇ.
    مەن رەھمەت ئېيتىپ قىزنىڭ دۇكىنىدىن چىقتىم. ئالدىمغا مودا كىيىنگەن قىزلار جىق، ئەنئەنە بويىچە كىيىنگەن قىزلار يوقنىڭ ھېسابىدا  ئۇچرىدى. مەن بۇ ئىككى پەرقلىق مودىدىن، پەرقلىق كىيىم كىيىش شەكلىدىن زامانىۋىلىق بىلەن  ئەنئەنىنىڭ توقۇنىشىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدە ئەكىس ئەتكەن كۆلەڭگىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
    ھەر يىلى روزا ھېيت، قۇربان ھېيىت ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى گېزىتلەردە دەم ئېلىش ئۇختۇرۇشى چىقىرىدۇ. «مۇسۇلمان ئاممىسى» دېگەن گەپنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ھۆكۈمەتمۇ ئېتراپ قىلىدۇ. ئەمدى بىز «مۇسۇلمان» دېگەن قىزلارنىڭ ئۈستى بېشىغا سەپ سالساق ، بۇ كىملىكنىڭ ئىزنالىرىنى تاپالمايمىز. قىزلارنىڭ بەدىنىدىكى مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمى بويىچە يېپىلىشقا تېگىشلىك يەرلەرنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى بايقايمىز.مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق كىيىم كىيىش ئادىتى بار. مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان «ھىدايەت گۈلزارى» ناملىق كىتابتا مۇقەددەس كىتابلاردىن نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق قەيت قىلىنغان: «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلارنى ئازدۇرۇپ جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالدۇرىۋەتكەنىدى. ئۇلار ئاللاھنى  قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ. شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى  سىلەرنى كۆرەلەيدۇ. سىلەر ئۇلارنى كۆرەلەمسىلەر. شۈبىھسىزكى، بىز شەيتاننى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق»[24]، «كىمكى شۆھرەت  تېپىش نىيىتى بىلەن ياسىنىپ كىيىم كىيسە، ئۇ تاكى كىيىملىرىنى يەشمىگۈچە ئاللاھنىڭ رەھمەت نەزىرىدىن يىراقتا بولۇر»[25].
    مۇسۇلمانلىق كىملىكىدىن ئەسەرمۇ يوق مودا قىزلار ئۈستىبېشىدىكى جىنسىي ئاڭ ئەكىس ئەتكەن كىيىملىرى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدىن خاتا ئۇچۇر بەرسە، ئۆزىنى لىپاپىلاپ مەقسەتلىك ئورانغان قىزلار ئۆزىدە يوق ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى بېزەپ كۆرسىتىپ، مۇسۇلمانلىق نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ مودا بىلەن تەڭ كۆرۈلگەن يەنە بىر بىمەنە رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھال كىشىگە قەشقەرلىك شائىر ساداقەتجان ھاجىنىڭ مۇنۇ جۈملىلىرىنى ئەسلىتىدۇ: «ئويغاندىم دېمە، كۆزلىرىڭدىن نۇر چاقناپ تۇرغىنى بىلەن روھىڭ مەستۇر. دەردىم بار دېمە، كۆزلىرىڭدىن ياش تۆكۈلىۋاتقىنى بىلەن باغرىڭ قان ئەمەستۇر.» بەدەندە سىمۋوللۇق رېئاللىق ئەكىس ئېتىدۇ، ئەمما بۇ رېئاللىقنىڭ چىن بولالىشى ناتايىن. بەدەندىكى سىمۋول ھەرىكەتتىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئوخشاش بىر ئۇچۇرنى بېرەلىگەندىلا بەدەن بېشارەت بېرىۋاتقان رېئاللىقنىڭ چىنلىق دەرىجىسى ئاشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيەت كىملىكىگە مودا قىزلارمۇ، مەقسەتلىك ئورانغان قىزلارمۇ ئەمەس، بەلكى ئىستىقامەت ئىچىدە بەدىنى شامدەك ئېرىپ يۈرىكى ئەبەدىيلىك گۈزەللىك ئۈچۈن پىچىرلاۋاتقان، ئۇيغۇر رېئاللىقى ئۈستىبېشىدىلا ئەمەس، ھەرىكىتىدە، يۈرەك قاتلاملىرىدا ساقلانغان قىزلار ۋەكىللىك قىلالايدۇ. شائىر، «ياستۇقۇم يېنىدا 10 تال ئەتىرگۈل» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەتجان ئىلىياس ئەلپىدا بۇنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: «بىز ئۆز مەھەللىمىزدىن، تار كوچىمىزدىن چىقىپ كېلىۋاتقان ياغلىقلىق قىزلارغا تەبەسسۇم قىلىمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ ئاددىيغىنا ئۈستىبېشى بىلەن بىزگە غورورىمىزنى ۋە ۋەتىنىمىزنى ساقلاپ بېرىدۇ.»
    ★ خۇلاسە-- ئىنساننىڭ بەدىنىنى  جانلىق كەچۈرمىش ئەكىس ئېتىدىغان سەھنە سۈپىتىدە چۈشىنىش ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ كىملىكىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بەدىنىمىزدىن جەمئىيەت ھەققىدە  ئويلىنىدىغان قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىمىز. يەنى بىزنىڭ جەمئىيەت ھەققىدە قانداق ئويلايدىغانلىقىمىز بەدىنىمىزدە ئەكىس ئېتىدۇ. فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى پېئىر بوردىئو(1930-2003) بەدەننى ئادەمدە ئادەت ۋە ئىستېتىك زوق پەيدا قىلىدىغان پەيل-خۇلق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ «پەرق: ئىستېتىك زوق ھەققىدە ئىجتىمائىي تەنقىد» ناملىق ئەسىرىدە ئىجتىمائىي ھوقوقنىڭ ئادەت كۈچىگە ئايلىنىپ بەدەندە ئەكىس ئېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« بەدەن ئىگىسىنىڭ ئىجتىمائىي تەبىقە تەسىرىدە يېتىلگەن پەيلى ئارقىلىق ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى يارىتىدۇ ۋە ئوخشىمىغان تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىستېتىك قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ».«پەلسەپە ئىنسانشۇناسلىقى» ساھەسىدە ئىزدەنگەن مۇتەپەككۇر ئارنولد گېخلېن(1904-1976) ئۆزىنىڭ «ئادەم ۋۇجۇدىدا: ئىنساننىڭ دۇنيادىكى تەبىئىتى ۋە ئورنى» دېگەن ئەسىرىدە ئادەمنى «تېخى يېتىلىپ بولالمىغان ھايۋاندۇر» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئادەم ئۆزىنىڭ ئىختىيارىسىز تەۋەللۇت بولغان دۇنياغا تولۇق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ بەدىنى تاشقى مۇھىت تەسىرى ۋە ئۆمۈر بويى ئىجتىمائىيلىشىشنىڭ تىنتىشىدىن خالىي بولالمايدۇ ۋە ئىگىسىنى ئىجتىمائىي دۇنياغا لايىقلاشتۇرىدۇ». فرانسىيە مۇتەپەككۇرى لۇئس ئالسۇسېر(1918-1990) «بەدەندىن كېلىدىغان مەنە» ناملىق ئەسىرىدە بەدەننىڭ ئىجتىمائىي مىزان ۋە نورما ئاساسىدا ماددىيلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئادەم بەدىنىنى كېسەل چىرمىغان ياكى قاتتىق ئېغىر جىسمانىي ئازاب ئىچىدە قالغان چاغلىرىدىلا بەدىنىگە دىققەت قىلىدۇ، ئۆز بەدىنىدە سىياسىي بىلەن ھوقوقنىڭ سايىسى ئەكىس ئېتىدىغانلىقى، ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەدەن سىياسىنىڭ شىكارىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەن ۋە ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەت فورمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل تارىخىي سېزىم نۇقتىسىدىن تونۇش كېرەك. ئادەمنى ئىجتىمائىيلىشىشقا، مەدەنىيەت گىمناستىكىسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن مەخلۇق دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خاراكتېرى ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئۆزگىرىشنى ئاۋۋال بەدەندە ئىپادە قىلغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىزنىڭ قانداقلىقىمىز، غىدىقلىنىش تەسىرىدە قانداق ئۆزگىرىۋاتقانلىقىمىز بەدىنىمىزدە ئەكىس ئېتىدۇ. شەھەر جەمئىيىتىدە ئۆزلۈكنى  لاھىيىلەش بەدەننى لاھىيىلەشنى كۆرسىتىدۇ. بەدەن بارغانچە زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى ئادەمنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنىڭ يادروسىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئادەمدىكى جاھانسازلىشىش جەريانىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. كۇنتىل بېل ئېيتقاندەك، «بىزنىڭ كىيىمىمىز بىزنىڭ تەركىبىي قىسىمىمىز، بەدىنىمىزدىكى كىيىملەر تېنىمىز ۋە روھىمىزنىڭ داۋامىدۇر». شەھەردىكى مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدىكى كىيىملەر ئەمەلىيەتتە شۇلارنىڭ روھىنىڭ ئىنكاسى. بۇ مودا رېئاللىق ھەققىدە  خاتا ئۇچۇر بېرىدۇ. مودا قىزلارنىڭ چەت ئەل پاسونلىرىغا، جۈملىدىن ياۋروپاچە توي مۇراسىم كۆڭلەكلىرىگە ھەۋەس قىلىشى ئۇلارنىڭ خىيالىدا ئۆزىنى ياۋروپالىق كۆرسىتىش چۈشىدىن كەلگەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار- رېئاللىقنىڭ ئازابىدىن قېچىپ چۈش كۆرۈۋاتقانلاردۇر. ئۇلار مودا كىيىملەر ئارقىلىق قەلبىدىكى مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى يەڭگىللەتمەكچى ۋە ئۆزىدە يوق غايىۋى كىملىكنى باشقىلار ئالدىدا ئىپادە قىلماقچى بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقىي كىملىكىگە، چىن رېئاللىقىغا باھا بېرىشنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ. مودىغا ئىنتىلىشنىڭ تەسىرىدە، شەھەر جەمئىيىتىدە ئەنئەنە ئازغىنە بىر تۈركۈم كىشىلەر ئارىسىدا بويۇن قىسىپ زامانىۋىيلىقنىڭ سايىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. يېڭىلىقنىڭ غىدىقلىنىشىدىن ئەس–ھوشىنى يوقاتقان كىشىلەر بۇ سايىنى قايتىدىن بويىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئىستېتىك ئىستېمال ئەۋج ئالغان جەمئىيەتتە ساختا رېئاللىق ۋە شەكىلسىز ماغزاپ ھادىسىلەر ئادەمنى ئالدايدۇ، بۇنداق ئىجتىمائىي مۇھىتتا كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە كېلەلىشى تاسادىپىي ۋە ۋاقىتلىق بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ ئويۇن سورۇنىغا سەرپ قىلغان ۋاقتى سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە باش قاتۇرغان ۋاقتىدىن كۆپ بولىدۇ. باشقىلاردىن پەرقلىنىش تۇيغۇسى مودىدا، نەرسە ئىشلىتىش جەھەتتىكى خۇشاللىقتا ئۆز  ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئادەم يېڭى ئىستىمالغا ئىنتىلگەنسېرى، توختىماي ئىشلەشكە ئۈندەۋاتقان كۈچ ئۇنى باشقىلارغا تايىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ ۋە رېئاللىق تۇيغۇسىنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئادەم خىيالىي دۇنيادا ياشاۋېرىپ ئوبىكتىپ رېئاللىقنى مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دۇنياغا ئوبىكتىپ نەزەر بىلەن قارايدىغان كۆزدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.(تۈگىدى)


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: