ھېكايە
شىڭزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەمدىلا پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ ، ياش ھەم چىرايلىق
ئىدى. شىڭزى ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى .
بىر كۈنى مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلاردىن:
— ساۋاقداشلار، ھىلال ئاي نېمىگە ئوخشايدۇ؟ — دەپ سورىغانىدى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا
بىردەك ئۈنلۈك ئاۋازدا:
— قېيىققا ئوخشايدۇ! — دەپ جاۋاب بەردى . ياش مۇئەللىم ناھايىتى خۇشال بولۇپ:
— ياخشى، جاۋابىڭلار ناھايىتى ئۆلچەملىك بولدى، — دېدى . بۇ چاغدا ئەڭ ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان
شىڭزى قول كۆتۈردى . مۇئەللىم:
ئىز تورى بەك ياخشى
— ساۋاقداش شىڭزى ، قانداق سوئالىڭىز بولسا سوراۋېرىڭ، — دېدى . شىڭزى ئورنىدىن تۇرۇپ:
— مۇئەللىم ، مېنىڭچە ھىلال ئاي لو ۋىغا ئوخشايدۇ، — دېۋىدى، مۇئەللىم بۇنى ئاڭلاپ ،
ئەپسۇسلانغان ھالدا:
— جاۋابىڭىز خاتا بولۇپ قالدى ، پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ھىلال ئاينى قىيىققا
ئوخشايدۇ دەۋاتسا، سىز نېمىشقا قەستەن لو ۋىغا ئوخشايدۇ دەيسىز؟ ئەجەبا، سىزنىڭ چۈشەنچىڭىز
باشقىچە ئوخشىمامدۇ؟ —دېۋىدى ، سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلار پاراققىدە كۈلۈۋېتىشتى ،
شىڭزىنىڭ كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى .
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، شىڭزى بۇ ئىشنى ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلق قىلغان ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مومىسىغا دەپ بەردى ، مومىسى:
— شىڭزى، مۇئەللىمنىڭ تەنقىدى توغرا بوپتۇ ، ھىلال ئاي بولسا قېيىققا ئوخشايدۇ ، مەن ئىلگىرىمۇ
ئوقۇغۇچىلارغا بىر–بىرلەپ چۈشەندۈرگەن ، ئۇلارنىڭمۇ ھەممىسى مۇشۇنداق جاۋاب بېرىشەتتى، —
دېدى.
بۇ ئىشتىن كېيىن شىڭزى بارغانسېرى جىمغۇرلىشىپ كەتتى . ئۇ بۇ ياش ھەم چىرايلىق
ئوقۇتقۇچىنى ياقتۇرمايدىغان ، دەرسخانىدىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سورىغان ‹‹ئالاھىدە›› سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب
بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى .
كۆزنى يۇمۇپ–ئاچقۇچىلا بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى . شىڭزى پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئىمتىھان
بېرىپ كىردى ھەمدە ناھايىتى تېزلا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ، ئانا يۇرتىغا قايتىپ، بۇ كىچىك بازاردا
ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى . دەرس مۇنبىرىگە چىققان تۇنجى كۈنى، شىڭزى مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا:
— ساۋاقداشلار، مەن ئاۋۋال سىلەردىن بىر سوئال سوراپ باقاي، ھىلال ئاي نېمىگە ئوخشايدۇ؟ — دەپ
سورىغاندا، ئوقۇغۇچىلار بىردەك:
— قې... يىق.. قا... ئوخ ...شاي..دۇ...، — دەپ جاۋاب بەردى . شىڭزى مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىنى
توغرا ياكى خاتا دېمىدى ، ئۇ يەنە:
— ساۋاقداشلار، باشقىچە جاۋاب بارمۇ؟ — دەپ سورىدى . تيەن فېي ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى قول
كۆتۈردى:
— مۇئەللىم، مېنىڭ جاۋابىم باشقىلارنىكىگە ئوخشىمايدۇ، مەن ھىلال ئاينى لو ۋىغا ئوخشىتىمەن .
شىڭزى مۇئەللىم بالىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى .
بىر قانچە ئون يىلدىن كېيىن ، ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىقىپ ، ئائىلىسىدە دەم ئېلىۋاتقان شىڭزى
ئايال يازغۇچى تيەن فېينىڭ ئەۋەتكەن بىر كاتتا سوۋغىسىنى — يەنى ئۇنىڭ ئەمدىلا نەشردىن چىققان
‹‹ھىلال ئاي›› ناملىق تۇنجى رومانىنى تاپشۇرۇۋالدى .
شىڭزى ئالدىراپ كىتابنى ئاچقانىدى ، كىتابنىڭ تىتولىغا يېزىلغان مۇنداق خەتلەرنى كۆردى: ‹‹ئەڭ
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچۇم شىڭزىگە :
— مېنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدىكى مول تەسەۋۋۇر كۈچۈم ۋە خاراكتېرىمنى نابۇت
قىلىۋەتمىگىنىڭىزگە رەھمەت...
ئوقۇغۇچىڭىز: تيەن فېي
بۇنى كۆرۈپ شىڭزىنىڭ چېھرىدە يەنە نەچچە ئون يىل ئاۋۋالقى ئەشۇ يېقىملىق تەبەسسۇم قايتىدىن
جىلۋىلەندى....
توققۇز قىتئە نەشرىياتى 2005–يىلى 8–ئايدا نەشر قىلغان (1–نەشرى) ‹‹ئوتتۇرا مەكتەپ
ئوقۇغۇچىلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن 100 پارچە مىكرو ھېكايە›› ناملىق توپلامدىن تاللاپ تەرجىمە
قىلىندى.
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى