قېيىنئانامنىڭ چاپىنى

ۋاقتى:2011-06-21 10:43مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
   — ئاپامنىڭ كىيىم ئىشكابىغا كىيىمىنى تاشلاپ قويغان كىم؟ — مەن ئېرىم بار ئۆيگە قاراپ توۋلىدىم .
نۇرغۇنلىغان قېنىق رەڭلىك چاپان ۋە پەلتولار ئىچىدە ، سېرىق رەڭلىك، يىلپىز تېرىسى گۈللۈك بۇ يۇڭ چاپان ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى . شۇ تاپتا بۇنى كىمنىڭ چاپىنى ئىكەنلىكىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. قېيىنئانام بىر ھەپتە ئىلگىرى دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ ، بۈگۈن چىقىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭغا چاپان ئاپىرىپ بەرمەكچى ئىدىم .
— چاپان؟ قايسى چاپاننى دەيسىز؟ — ئېرىم بىر دۆۋە خەت –چەكلەر ئارىسىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى . ئۇنىڭغا كۆرسىتىش ئۈچۈن چاپاننى ئېگىز كۆتۈردۈم .

www.iz.la


   — ھە، ئۇنى دەمسىز؟ ئاپام نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئالغان ، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن تېخى بالا ئىدىم، — دېدى ئېرىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
مەن قېيىنئانام بىلەن تونۇشقىلى 30 يىل بولدى ، شۇڭا ئۇنى بەكمۇ چۈشىنىمەن . قېيىئانامنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ئەنئەنىۋىلىكى كۈچلۈك ، تېجەشلىك ئايال ئىدى ، ئەزەلدىن سودا-سارايلاردىن كىيىم سېتىۋالمايتتى . ئۇنىڭ كۈلرەڭ چاچلىرى دائىم رەتلىك تاراقلىق تۇراتتى . ئۆزىنى كۆرسىتىشنى خالىمايتتى، كىيىنىشى ئاددىي-ساددا ، سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى . مەن ھېچقاچان ئۇنىڭ بۇنداق شوخ رەڭلىك، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەنلىكىنى كۆرمىگەنىدىم.
www.iz.la

— ئاپام قانداق بولۇپ بۇ چاپاننى كىيىپ قالغاندۇ ؟
 — مەنمۇ ئەجەپلەندىم، ئىلگىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ چاپاننى كىيىپ سىرتلارغا چىققىنىنى كۆرمىگەنىدىم، — دېدى ئېرىممۇ.
چاپاننى ئاسقۇدىن ئېلىپ ، ئاق رەڭلىك كارىۋات ياپقۇچىنىڭ ئۈستىگە قويدۇم . كىيىمدىكى گۈل ۋە رەڭ كۆزنى قاماشتۇرۇپ ، خۇددى كارىۋات ئۈستىدىكى غەلىتە مەخلۇقتەك كۆرۈنۈپ كەتتى .مەن ئاستا چاپاننىڭ مويىنى سىلىدىم ، قولۇم بىلەن بېسىلغان ئورۇننىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ باراتتى .
— ئىلگىرى ئاپامنىڭمۇ چاپاننى مۇشۇنداق سىلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندەك قىلىمەن، — دېدى ئېرىم يەنە.
مەن قولۇمنى چاپاننىڭ يېڭىنىڭ ئىچىگە سېلىپ باقتىم ، چاپاندىن سۇس خۇشپۇراق تاراپ تۇراتتى، شۇ تاپتا، بۇ چاپان 83 ياشلىق موماينىڭ كىيىم ئىشكابىدىكى كىيىم ئەمەس ، بەلكى لاتاپەتلىك ياش قىزنىڭ ئەتىر چېچىلغان ئېسىل كىيىملىرىدەك بىلىنىپ كەتتى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
— ئاپامنىڭ مۇشۇنداق چىرايلىق چاپىنى بارلىقىنى نېمىشقا بۇرۇنراق دېمىگەنسىز؟ — دەپ ئېرىمدىن نارازى بولغانلىقىمنى بىلدۈردۈم . ئۇ بولسا مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ گۈللەرنى سۇغارغىلى ماڭدى .
ناۋادا قېيىنئانام كېرەك قىلمايدىغان نەرسىلەر تىزىملىكىنى تىزىپ چىق دېگەن بولسا، مەن بۇ چاپاننى ئەڭ ئالدىغا تىزىغان بولاتتىم . ئەمما، بۇ چاپاننى كۆرگەندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئۇنى ھېچقانچە چۈشەنمەيدىكەنمەن ، ئۇنىڭ نېمىگە تەلپۈنىدىغانلىقىنى، نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.
مەن چاپاننى ئېلىپ دوختۇرخانىغا قېينئانامنى ئالغىلى باردىم . ئۇ چاپاننى كۆرگىنىدە، دەسلەپتە ئازراق خىجىل بولدى ، چاپاننىڭ يۇمشاققىنا مويىنى سىلىغىنىدا بولسا يۈزلىرى خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ يىلىدا، مەن ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك ئىچ كىيىم ۋە ساپما كەش دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەمەس ، بەلكى ئەتىر، تېرە سىلىقلاش سۇيۇقلۇقى ۋە ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىدىغان بولدۇم .
قېيىنئانام ئىككىمىز ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەيتۇق، قېيىنئانام ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشقا ھېلىقى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چاپىنىنى ياكى باشقا ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ كېلەتتى . ئۇ ھەتتا بەزىدە چاچلىرىنى بۇدرە قىلدۇرۋالاتتى ، بۇ ھال ئۇنى تېخىمۇ ياش ، جۇشقۇن ھەم جەزبىدار كۆرسىتەتتى . گاھىدا بىللە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئالبومىدىن ياش ۋاقىتلىرىدا چۈشكەن سۈرەتلىرىنى كۆرەتتۇق .مەن ئالبومدىكى سۈرەتلەردىكى لەۋلىرى گۈل بەرگىدەك كۆرۈنىدىغان بىر گۈزەل قىزنىڭ قېيىنئانامغا نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئىككى يىلدىن بۇيان ، ھېلىقى چىرايلىق موي چاپان سودا–سارايلارنىڭ كۆزنەكلىرىدە پەيدا بولۇپ ، يەنە مودا بولۇشقا باشلىدى . ھەر قېتىم مۇشۇنداق كىيىملەرنى كۆرگىنىمدە تۈگەپ كەتكەن قېينئانامنى ئەسلەپ قالىمەن . ئۇ ماڭا شۇنى ھېس قىلدۇردىكى ، ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ باشقىلاردىن يوشۇرۇن مەلۇم تەرىپى بولىدۇ، بۇ يوشۇرۇن تەرەپمۇ ئوخشاشلا مېھىر-مۇھەببەتكە ۋە قىزغىن ئىلھاملارغا مۇھتاج بولىدۇ.
    ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن تەرجىمە قىلىندى
    خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • سەھەر قىزى

    ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك چۈشۈپ، ھەمشە ماجىرالىشىپ تۇراتتى. مەغرۇرلۇقتا بىر شىر بولسا، بىرى يولۋاس ئىدى. بىر-بىرىنىڭ دىدارىغا قاراشقۇسى يوق بولۇپ، گويا ئۇلارغا بۇ جاھانمۇ تار كېلەتتى. ئۇلانىڭ بىرىگە ئەجەل ئوقى تېگىپ ئالەمدىن ئۆتتى، يەنە بىرى ئۇنىڭ...

  • روھىنىڭ قىساسى(ۋەھىمىلىك ھىكايە )

    بەكرى ئۈزى تۇرپانلىق بۇلۇپ ئالىي مەكتەپنى پۇتۇرۇپ جەنۇبي شىنجاڭدىكى بىر تۈرمىگە خىزمەتچى بۇلۇپ كەلدى ،ئۇنىڭ ئاپسى بۇرۇنلا تۇگەپ كەتكەچكە ئاچىقىي يامان ،تەلەپچان ئەمما خۇتۇنپۇرۇش دادسى ھەم ھەپتىدە بىر ئالمىشىپ تۇردىغان ئۆگەي ئاپىلارنىڭ تەربىيسىدە چوڭ بولغا...

  • سېرىق تاكسى

    ئاپتۇرى: ئۆمەر مەھمۇت مەن ئاشۇ تاكسىلارغا ئەجەپلىنىپ قارايمەن،ئۇلارنىڭ ئاستى ئۈستى تەرپىدىكى قىسمەن يېشىل رەڭلىرنى ھىسابقا ئالمىغاندا،ئاساسەن سېرىق دىيشكە بولاتتى.ئۇلار شۇنچىلىك ئاددى، ھىچقانداق ئالاھىدە جەلپ قىلدىغان تەرەپلىرىمۇ يوق.بىراق شۇنچە كۆپ سىتود...

  • ۋاقىتسىز قازا

    ئابدۇرېھىم ياقۇپ (ھېكايە) بۇ مەھەللە كىچىك بولغىنى بىلەن ئادەملىرى ئىنتايىن ئۆم ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن بۈگۈن مۇسىبەت بولغان يۈسۈپ ئاكىنىڭ تال باراڭلىق ھويلىسى ھازىدارلار، پاتىھەچىلەر بىلەن تولغانىدى. بۇ ھويلىدا يۈسۈپ ئاكا بىلەن مەريەمخان ئاچا ۋە ئۇلارنىڭ بىر...

  • شۇ چاغلاردا

    ھىكايە ئابدىۋەلى مۆمىن (شۇچاغلار) بۇ ھىكايەمنى سىېنىڭدىن ، يەنە سەن بىلەن تۇنۇشقان ۋاقىتلاردىن باشلايمەن، توۋا ، ياش ۋاقىتلىرىم، 19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى، كىچىكلىكتە قىلدىغانغا ئىش تاپالماي، ئىنتىرنىت تورىدا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، بەزىدە قى...

  • يىگىتنىڭ ساداقىتى

    بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە ك...

  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...

  • ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

    سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگەلاپپىدەقارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەت...

  • كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

    كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق...

  • دوپپىچى بوۋاي

    ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا سىنىڭ ھايات بەلگەڭ . مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باش...

  • شاماللاردىن سورايمەن سېنى

    ئۇ كەتتى،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى،قەىب ئاسمىنىمنى كۆز ياش ۋە قايغۇ قاپلىدى،مەن بۇ يەردە ئۇ ھايات چاغدىكىدەك ياشاۋاتىمەن،ئۇ بولمىسىمۇ يەنە تاماق يەۋاتىمەن،يەنە ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلىۋاتىمەن،ئاپئاق تاملارنى بۇلغاپ يەنە جىجىلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن.جىمىك...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇشايمان

    مەن كىچىكىمىدە ئاجايىپ كەپسىز ئىدىم.يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ئائىلىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق بالا ئىدىم.شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلىغىنىم قىلىغان ئىدى.ئەمما،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى.سىنىپتا ماڭا قارشى چىقىدىغان تۇرسۇن ئىسىملىق بىر...

  • نـامـرات سـتـۇدېـنـت

    ---ئەزىز--- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك...