ئالتۇن رەڭلىك قۇم

ۋاقتى:2011-06-20 18:59مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  

قىزىم مونىكا قۇم ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى.ھە كۈنى چۈشتىن كېيىن دوستلىرى بىلەن مەھەللە باغچىسىدىكى قۇم كۆلچىكىدە ئوينايتتى.ئۇ ھەر قېتىم   ئوينىغىلى بارغاندا ئۆيدىكى قىزىل چېلىكىنى ئېلىۋېلىشىنى ئۇنتۇمايتتى. ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن مونىكاغا بۇ چوڭ چېلەكتە قۇم كۆتۈرۈش ئېغىر كېلىپ ھېرىپ قالاتتى، مەن ئۇنىڭىغا كىچىكرەك چېلىكىنى ئىشىلىتىڭ دىسەم ئۇنمايتتى.
قۇياش نۇرى يەر جاھاننى ئىللىتقان كۈنلەرنڭى بىرىدە،مەن ئۆيلەرنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ بولۇپ قىزىمنىڭ ئويناۋاتقان يېرىگە باردىم.باغچىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى ئىنىتايىن گۈزەل ھەم جىمجىت ئىدى.كەچكى قۇياش ئەتراپىنى قىزغۇچ رەڭگە كىرگۈزۈگەنىدى.مەن يىراقتىن قىزىمىنىڭ بىر توپ بالىلار بىلەن خۇشال ئويناۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇردۇم. ئۇلارنىڭ كۈمۈش قوڭغۇراقتەك ئاۋازى ئىلەڭگۈچنىڭ ئۇچۇشى بىلەن بىرىلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇشتۇمتۇت مېنىڭ نەزىرىم بىر سىما پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چېلەككە قۇم تۇشقۇزۇۋاتاتتى. ئۇ دەل مېنىڭ قىزىم ئىزىم ئىدى. مەن قىزىمىنىڭ يېنىغا ئاستا بېرىپ.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

-مونىكا ،سىز نېمىشىقا كىچىك دوستىلار بىلەن بىللە ئىلەڭگۈچ ئۇچمايسىز؟چېلەككە بۇنداق جىق قۇمنى تولدۇرۇپ نېمە قىلىسىز،-دەپ سورىدىم.مونىكانىڭ تەرلەپ كەتكەن يۈزىگە قۇم  ئۇۋاقلىرى چاپلىشىپ كەتكەنىدى.ئۇ ماڭا تىكىلىپ ھەيران قالغان ھالدا؛
-ئاپا،سىز نېمىشىقا كەلدىڭىز؟-دەپ سورىدى.مەن كۈلۈپ تۇرۇپ؛
-بولدى بالام ئەمدى ئاۋۇ بالىلار بىلەن بىرىگە ئويناڭ،-دېدىم.مونىكا؛
-بولمايدۇ ئاپا-دەپ بېشىنى چايقىدى-دە، چېلىكىگە قۇمنى توشقۇزىۋەردى ۋە؛-ئاپا.لېيدىمۇ قۇم ئويناشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوينايمەن،-دېدى.
-بالام،لېدى كىم بولىدۇ،-دېدىم قىزىمىنىڭ سۆزىگە قىزىقىپ،-ئۇ  دوستىڭىزنى چاقىرىپ كەلمەمسىز،ئۇ قەيەردىرەك؟

www.iz.la


-ئاپا،ئۇ نەدە ئاۋۇ يەردە،-مەن قىزىمىنىڭ قول ئىشارىسى بىلەن يىراقلارغا نەزەر سېلىپ نېرىراقتىكى گۈللۈكتە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ئوغۇل بالىنى كۆردۈم.
-ئاپا،لېيدىمۇ ماڭا ئوخشاشلا قۇم ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ،ئەمما ئۇنىڭ بىر پۇتى يوق...-قىزىمنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
مەن قىزىمغا ياردەملىشىپ قۇم قاچىلانغان چېلەكنى لېدىنىڭ يېنىغا ئاپىرىشىپ بەردىم،زەڭگەر كۆزلۈك،سۇس قوڭۇر چاچلىق بۇدرۇققىنە بۇ ئوغۇل بالا خىجىللىق بىلەن ماڭا؛
-ھەدە،قىزىڭىز مونىكا پەرىشتىگە ئوخشايدۇ،ئۇ ھەر كۈنى مەن ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە قۇم كۆلچىكى ياساپ بېرىدۇ،-دېدى ۋە ئېڭىشىكىنىچە چېلەكتىكى قۇمنى ئۇچۇملاپ ئېلىشىقا باشلىدى.ئۇنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلىۋىلىنەتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


كەچكى شەپەق ۋە ئىككى بالىنىڭ سەبى كۈلكە سادالىرى ئىچىدە ئۇشىشاق قۇملار گويا ئايدىڭ بەزمىسىگە چۈشكەندەك ئالتۇن رەڭدە جىلىۋىنەتتى.
مەنبە؛شىنىجاڭ ئاياللىرى
ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يىگىتنىڭ ساداقىتى

    بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە ك...

  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...

  • ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

    سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگەلاپپىدەقارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەت...

  • كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

    كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق...

  • دوپپىچى بوۋاي

    ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا سىنىڭ ھايات بەلگەڭ . مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باش...

  • شاماللاردىن سورايمەن سېنى

    ئۇ كەتتى،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى،قەىب ئاسمىنىمنى كۆز ياش ۋە قايغۇ قاپلىدى،مەن بۇ يەردە ئۇ ھايات چاغدىكىدەك ياشاۋاتىمەن،ئۇ بولمىسىمۇ يەنە تاماق يەۋاتىمەن،يەنە ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلىۋاتىمەن،ئاپئاق تاملارنى بۇلغاپ يەنە جىجىلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن.جىمىك...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇشايمان

    مەن كىچىكىمىدە ئاجايىپ كەپسىز ئىدىم.يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ئائىلىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق بالا ئىدىم.شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلىغىنىم قىلىغان ئىدى.ئەمما،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى.سىنىپتا ماڭا قارشى چىقىدىغان تۇرسۇن ئىسىملىق بىر...

  • نـامـرات سـتـۇدېـنـت

    ---ئەزىز--- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك...

  • كىتاپخاندىكى ئاشىق

    مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا، كۆپرەك كىتابخانىدا ، كىتاپ كۆرەتتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئىدى. تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق كىتابخانىغا باردىم، ك...

  • قۇرت چۈشكەن ئالما

    ئادىل مۇئەللىم ئەركىننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى چاقىرتتى. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك، ئەيىبى ئۆزىگە ئايان ئەركىننىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن يۈرىكى مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق يېغىپ...

  • قاغا

    تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن خۇدەبەردى مىڭلىغان ھەرلەرنىڭ ئارىسىدا قاللغانتى . ھەرىلەر خورغا چۈشكەندەك بىر بىرى بىلەن گېڭىلدىشاتتى . ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى توختىماي ھەرە تەرەپكە شىلتاتتى . ھەرلەر بولسا ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى ، قۇلاقلىرىنى ... قىسقىسى ئۇتتۇر كەلگەن...

  • ئوت ئىچىدىكى ئاق رەڭ ئەتىرگۈل

    سەردار ،ئەكبەر ،ئەلناز لالەلەر كىچىگىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوسلار ئىدى،تا-كى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاختىدىن تارىتپ بىر مەكتەپتە ئوقۇيتى ،مەكتەپتىن قايىتسىمۇ بىر -بىرى بىلەن ئوينۇشۇپ يۇرۇپ بىرگە قايتاتتى بەزىدە ئاتا -ئانلىرى ئىلىپ كەتمەكچى بولسا بىر-ب...

  • ئانا مېھىرى

    ئوما پانبېك (ئامرىكا) سىز مىنى ياخشى كۆرمەيسىز ! باللىرىمىز بۇ سۆزنى قانچە قىتىملاپ بىزگە تاڭمىغان ؟ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ سۆزنى ئىشىتكىنىمىزدە ھامان ھاياجىنىمىزنى بىسىپ كەلدۇق ، بالىمىز تىخى كىچىك بولغاچقىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر چۇڭقۇر مىھر...