ئىسىپانىيە تارىجىدا بىرېلو ئىسىملىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن بۇلۇپ،كىشىلەر بۇ پادىشاھنى ھەقىقەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارىشىدىكەن.بىر كۈنى بىرېلو جەمئىيەتتىن ئوچۇق-ئاشكارە سوتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپرۇ.ئۈچ كىشى ئۆزىنى مەلۇم قىپتۇ.بىرى ئوردىدىكى ئاقسۆڭەك يەنە بىرى پادىشاھ بىلەن بىللە ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ نۇرۇغن يەرلەرنى بېسىپ ئۆتكەن ئوردا مۇھاپىزەتچىسى،ئۈچىنىچىسى ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەن.پادىشاھ ئوردا خىزمەتچىسى ۋە بۇ ئۈچ نەپەر نامزاتنىڭ ھەمراھلىقىدا كۆلچەكلىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ ۋە بۇ ئۈچ نامزاتتىن؛(كۆلچەكتە جەمئىي قانچە دانە ئالما لەيلەۋاتىدۇ)دەپ سوراپتۇ. ئاقسۆڭەك ساناشقا باشلاپتۇ ۋە (ئالىيلىرى،ئالتە دانە ئالما ئىكەن)دەپتۇ.پادىشاھ ئىپادە بىلدۈرمەپتۇ.ئوردا مۇھاپىزەتچىسىدىن سورىغانكەن،ئۇمۇ(كۆلچەكتە ئالتە دانە ئالما لەيلەۋاتىدۇ)دەپ ئوخشاش جاۋاب بىرىپتۇ.ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ھېچنېمە دېمەيلا ئايغىنى سېلىۋېتىپ سۇغا چۈشۈپ ئالمىنى سۇزۈۋاپتۇ ھەمدە؛ئالىيىلىرى،ئوتتۇرىدىن كېسىپ قويۇلغان ئۈچ دانە ئالما ئىكەن)دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئوقۇتقۇچىدىن مەمنۇن بولۇپ؛(سىز قانۇن ئىجرا قىلىشىنى بىلىدىكەنسىز)دەپ ئۇنى سوتچلىققا قوبۇل قىپتۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە؛شىنجاڭ ئاياللىرى